ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-18

    ھەر بىر پەن ئۆزىنىڭ پەلسەپەسىنى تېپىۋىلىشى كېرەك - [پەلسەپە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90256955.html

    ئەخمەتجان ئىھرام

    ھەر بىر پەن ئۆزىنىڭ پەلسەپەسىنى تېپىۋىلىشى كېرەك ئەھمەدجان ئەكرەم تەبىئەت ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بىلىملەر سان-ساناقسىز. مەيلى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بولسۇن ياكى تەييار نەرسە بولسۇن ئىنسانلار ئۆزىنىڭ تەپەككۈر قورالى ۋە خىلمۇ-خىل تەجرىبىسىگە تايىنىپ، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ كەلدى. تەرەققىيات ۋە ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجى سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرى- بىرىنى ياقلايدىغان قوللىنىشچان پەنلەر بارا-بارا شەكىللىنىپ ھازىرقى سەۋىيەگە يەتتى. مەيلى تەبىئى پەن ئالىملىرى ئىجاد قىلغان قانۇن ، تېئورما، ئاكسىئوما ،ئېنىقلىمىلار بولسۇن ، مەيلى يۇقۇرى يېڭى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى بولسۇن، مەيلى ئىجدىمائى پەن ئالىملىرى روياپقا چىقارغان ئىلمىي يەكۈنلەر بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك پەلسەپەنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ كەلدى. بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان نوقۇل شېئىرىيەت مىللىتى ئاتىلىپ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن، ناۋايىدىن كېيىنكى 500 يىل ئىچىدە ناۋايى ياراتقان شېئىرىيەتنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ كەلدۇقكى ھەرگىز چىقالمىدۇق. ئەينى ۋاقىتتا بۇ نوقتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر : ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزىنىڭ پەلسەپەسىنى تېپىۋىلىشى كېرەك، دەپ توغرا ئېيىتقان ئىدى. بىز يەنە نوقۇل ناخشا – ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ كەلگەن بولساقمۇ، ئوخشاشلا يەنە ئەجدادلار ياراتقان 12 مۇقامدىن تەييار ئۈلگە ئېلىپ كەلدۇق. بىز يەنە 1000 يىللار ئىلگىرى ئات ئۈستى مەدەنىيىتى، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى، تىبابەت، يىمەك-ئىچمەك، شەھەر مەدەنىيىتى، تىل قامۇسى ۋە مائارىپقا ئاساس سالغان ئىدۇق. شۇنداقلا، زور پەلسەپىۋى پىكىرگە تويۇنغان «قۇتادغۇ بىلك» داستانى ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا ئوخشاش بىباھا مىراسلىرىمىز بار . دېمەك، بىز جاھان مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان ئىلمىي سەمەرىلىرىمىزنىڭ كۆپلىكى ھەم خىلمۇ –خىللىقى بىلەن خەلقى ئالەم ئالدىدا پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ئۇنۋىرسال مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئېگە مىللەت ئىكەنمىز … ئەپسۇس، مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئېيىتقاندەك، بىز تەبىئەت ئىلمىدىن ئايرىلىپ قالغىلى 500 يىلدىن ئېشىپتۇ . موشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ كەسكىن رىقابەت قاينىمىدا شاللىنىش، تاللىنىش، ئۈگۈنۈش، تەمتىرەش ۋە ئويلىنىش ئىچىدە گاڭگىراۋاتقان خەلقىمىز يەنە نىمىلەرنى بىلىشى، نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك ؟ مېنىڭچە، تەپەككۈر ئەمەلىيتى ۋە پەلسەپە يولى ھەممە پەنلەردە تەرەققى قىلىشىمىزنىڭ ئاساسى . ئۆز ۋاقتىدا تەقدىرى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىپ، تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلار جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئاخىرى مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن يېڭىلىقلىرى بىلەن دۇنياۋى ئىلىم مۇنبەرلىرىدە قەددىنى تىكلىگەن ئىدى ؛ ئەرەپ ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئىجادىيەت قۇدرىتىنى دۇنياغا تونۇتقان دانىشمەن ئۇستاز دوكتور ئابدۇسالام نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم –پەن ساھەسىدىكى ئاجايىپ ماھارىتىنى نامايەن قىلغان ئىدى… تەبىئەتنىڭ ھۆكمى شۇكى، تەبىئەت ۋە رىئال دۇنيانىڭ سىرى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىش ئىنساننىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە. ئىنساننىڭ تەپەككۈر ئەمەلىيىتى پەلسەپەۋى پىكىرنى تۇغىشى ، لوگىكىلىك تەپەككۈرغا تايىنىپ ئېرىشىلگەن دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى تەلىماتلار پەن سۈپىتىدە پەلسەپەۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىشى كېرەك، شۇنداقلا ، ھەر بىر پەن ئۆزىنىڭ پەلسەپەسىنى تېپىۋىلىشى كېرەك . ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جاپالىق ئىزدىنىپ، ئالەمنىڭ سىرى ھەققىدە تەگسىز مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىش مەجبۇرىيىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان، ئېينىشتىيىنگە ئوخشاش دۇنياۋى ئالىملارغا جەڭ ئېلان قىلغان، كوسمولوگىيە ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان ئۇستاز قاسىم سىدىق ئەنە شۇنداق تىرىشچان پەيلاسوپلارنىڭ بىرى. مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز قاسىم سىدىق ئالەم تەتقىقاتى ساھەسىگە ”فىزىكىلىك شەكىل“ ۋە ”ئاق قەغەز مودىلى“دىن ئىبارەت يېڭى ئۇقۇملارنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىننىڭ بىر مەنبەلىك ئالەم نەزىرىيىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى. ئۇ دائىم پەلسەپەۋى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ چاپچىپ كېتىۋاتقان ئالاھىدە تەپەككۈر ئىقتىدارى بىلەن ئالەمنى، تۇرمۇشنى ئۆزگىچە كۈزىتىدىغان، يېڭى–يېڭى ئىلغار ئۇقۇملارنى ئىلىم ئەھلىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ، زوقلانغۇچىلىرىنى مەدەنىيەتنىڭ يارقىن دالاسىغا ۋە ئادىمىلىككە باشلايدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر يىگانە ئىختىراچى . ئۇ « فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» قاتارلىق پەلسەپەۋى يۈكسەكلىككە تويۇنغان ئىلمىي ئەسەرلەر ئۈستىدە ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ، بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمىنى كەڭ ئىلىم ئەھلىنىڭ مۇنازىرىسىگە سۇندى . «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بەكمۇ چوڭ تېما بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشىنىشنىڭ ئۆزى بىر ئۇزۇن جەريان. مەن بۇ ھەققىدە « ”فىزىكىلىك شەكىل نەزەرىيىسى“ دىكى يارقىن نوقتىلار ۋە يوشۇرۇنغان زىددىيەتلەر» دېگەن ماقالەمدە قىسقىچە توختالغان. قاسىم سىدىق 31 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ لوگىكىلىق گەۋدىسىنى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاساسى جەھەتتىن تاماملىدى . شۇندىن بۇيان كەسپى ماتېماتىك قۇربانجان سەمەت ، كەسپى فىزىك ئابلىمىت ھاكىم ھاجىم قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىرلىشىپ، بۇ نەزەرىيىنى ماتىماتىكىلىق مىقتارلار بىلەن شەرھىلەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغان لوگىكىلىق ۋە ماتىماتىكىلىق ئىككى خىل تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئىلمى پەرەزلىرىدىن دوكلات» ( ئاپتورلار: قاسىم سىدىق، قۇربانجان ئابدۇسەمەت، ئابلىمىت ھاكىم ھاجىم) نى يېزىپ پۈتتۈردى. ئۇنىڭ يەنە تىرەن ھېكمەتلەرگە تويۇنغان رۇبائىلىرى، پاك، ئوتلۇق پىكىر خىيالى، گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك بۇ ئالەمنى سۆيىدىغان فارابىچە قەلبى، دۆلەت ئىچىدە شۆھرەت قازانغان ئىلمى قاراش، ئەپچىل تەجرىبە نەتىجىلىرى ئەل كۆڭلىنى شەيدا قىلغاچقا ، خەلق بۇ ئەجىركارغا ھۆرمەت نەزەرىنى تاشلىدى. مەن ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە ئۇتۇق، ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش بىلەن بىرگە، يەنە ئىلمىي نەتىجىلىرىنىڭ خەلقارادىكى ئىلىم نوپۇزلۇقلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلىشىنى، جاھان مەدەنىيەت بوستانىدا «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ مەڭگۈ يارقىن جۇلالىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىلىم–پەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى . شۇڭا، تورداشلارنىڭ بۇ ئىلمىي ئەسەرلەردىن كۆپرەك بەھىر ئېلىپ، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ ، پەلسەپەۋى بايان ئۇسۇلى بىلەن مۇنازىرە مەزمۇنلىرىنى بېيىتىشىنى، ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىنى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ ، قىزغىن تەنقىد ۋە بەس مۇنازىرىلەر ئارقىلىق ئىلمىي ھەقىقەتنى يورۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇستاز قاسىم سىدىقمۇ ئىلىمداشلارنىڭ سەمىمىي تەنقىد ۋە پىكىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە «بىلقۇت»قا ئوخشاش تور بېكەتلىرىدە ئەسەرلىرىنى ھەدىيە قىلىدۇ. 2009.يىل 4.ئاينىڭ 16.كۈنى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.