ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-18

    ‹‹ئانا تىل›› ھەققىدىكى ئىزتىراپلىق ئويلار - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90248405.html

    قايتماس
    بۇ ماقالىدە ‹‹ئانا تىل›› نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى سىمۋوللۇق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قىسقىچە تەھلىل قىلىنىدۇ.
    {ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مۇھتاجلىق، كېسەل كۆرپىسى، كېسەل كارىۋىتى، بىمار}


    ئەسىرلەردىن بۇيان كۆپلىگەن تارىخىي شارائىتلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن ئەلگەكلەردە تاسقىلىپ سۈپەت ۋە مەنە جەھەتتە بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن ‹‹ئۇيغۇر تىلى›› ھەممىمىزنىڭ دىلىنى چەكسىز سۆيۈندۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ جەزىبدارلىقى، مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، سۆز جەۋھەرلىرىنىڭ موللىقى قەلبى ئاتەش ئىخلاسمەن قەلەم ئىگىلىرىگە پۈتمەس ئىلھام، شاتلىق ئاتا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ سېھىرلىك كۈچ قۇدرىتى بىلەن يىلتىزىمىز يىلتىزلارغا ئۇلۇشۇپ، تارىخىمىز ئۆز ھەقىقىتى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر ئەھلىگە تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. بىز بۇ تىل بىلەن ئۆز ئۆزىمىزنى تونىغان ئىدۇق، بىز بۇ تىل بىلەن شام كەبى يورىغان ئىدۇق. بىز بۇ تىل بىلەن ئۆز ئۆزىمىزنى چەكسىز ئىپتىىار ئىچىدە بەختىيار سەزگەن ئىدۇق، بىز بۇ تىل بىلەن قول تۇتۇشۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر روھىنى، پۈتۈن كائىناتنى كەزگەن ئىدۇق. ئەپسۇسكى، تارىخ چاقى ئايلىنىپ مۇشۇ دەقىقىگە كەلگەندە، باچە ئۇيغۇر پەرزەنتى ‹‹يۈكسەك›› دەپ بىلگەن ئانا تىل ئاستا-ئاستا زەئىپلىشىشكە، ئوبرازى خۈنۈكلىشىشكە باشلىدى. قارىماققا ساغلام، بىجىرىم ھالەتتە تۇرغاندەك قىلغان ئانا تىل كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى، يىللارنىڭ ئوزۇرۇشى بىلەن مەلۇم تەرەپلەردىن ‹‹ۋىروس›› لىنىشقا، ياللۇغلىنىشقا باشلىدى. ئانا تىلنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ قىسمەتلەرنى شۇ تاپتا ھەممىمىز كۆرىۋاتىمىز، ھەممىمىز بىلىۋاتىمىز. بىز بۇ ئەھۋاللارنى، بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە. بۇ ھەم بىزنىڭ بىر ئۇيغۇر پەرزەتنى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىشىمىز ھەم شۇنداق قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز.
    زامان ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ ھەممە نەرسە ئۆزگەردى، يوقالدى. ئۆزگەرگەن، يوقالغان بۇ شەيئىلەر شەكسىزكى چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان بىر ئىلاھىي كۈچ تەرىپىدىن ئۆز جايىنى تاپتى. ئەمما يەنە شۇ قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئىلاھ تەرىپىدىن ئەبەدىي ھاياتلىققا، ئەبەدىي كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشكەن ئۇلۇغ بىر نەرسە نەچچە ئەسىردىن بىرى قىلچە تەۋرەنمىدى، زەررىچە ئۆزگەرمىدى. ھەم بۇنداق قىلىش ھېچقانداق بىر ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيتتى. ئۆزىنىڭ كۆركەملىكىنى ۋە مۇقەددەسلىكىنى قىلچە ئۆزگەرتمىگەن بۇ ئۇلۇغ نەرسە بارلىق ئىنسانىيەت ئالىمىگە تونۇش بولغان شەۋكەتلىك ‹‹قۇرئان كەرىم›› دۇر.
    ئەلۋەتتە، يىللارنىڭ ئۆتۈشى ھەممە نەرسىنى ئۆزگەرتكەندەك، يوقاتقاندەك، مەلۇم بىر تىلنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ ھەم يوقىتىدۇ. بۇ مەۋجۇدىيەت ئالىمىدىكى بارلىق شەيئىلەرگە، بارلىق نەرسىلەرگە، بارلىق ھادىسىلەرگە ئورتاق بولغان قانۇنىيەت. بۇنى ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز. دېمىسىمۇ تارىختىن بىرى قانچىلىغان تىللار ئۆزگەرمىدى، قانچىلىغان تىللار يوقالمىدى. بۇنىڭغا چىن مەنىسى بىلەن ئالدىمىزغا قويۇلغان تارىخ ئەڭ ياخشى جاۋاب بېرىدۇ. گەرچە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قوللانغان ھەم ئۇلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ بىزلەرگە مىراس بولۇپ قالغان شەرەپلىك ‹‹ئانا تىل›› ئۇيغۇر تىلى مۇقەددەس ‹‹قۇرئان كەرىم›› دەك بۈيۈك ئىمتىيازغا ئېرىشىپ، مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، مەڭگۈ يوقالماسلىقتەك كاتتا شەرەپكە مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ مەلۇم تىلغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى سانىلىدىغان نوپۇزى، ئەۋزەللىكى، تارىخىي ئاساسىي، نوپۇس ۋە ئىجتىمائىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى يەنە ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئۆزىنىڭ ئۆلمەس قىممىتىنى ساقلاپ قالالايتتى. كۆپ مەزگىللەرگىچە ياشناپ، گۈللىنەلەيتتى. ئەپسۇسكى، ھازىر بىز تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ بىچارە ‹‹ئانا تىل›› تولىمۇ بۇرۇن زەربىگە، خىرىسقا ئۇچراشقا باشلىدى، يېڭىش قىيىن بولغان مەلۇم توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى. شەكسىزكى، بۇ خىرىسلارنى يېڭىش، بۇ توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك تىلى بولغان بۇ ‹‹ئانا تىل›› ىنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مۈشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئېنىقكى، بۇ تىلنىڭ بۇ مۈشكىلاتتىن ساق ئۆتۈش ياكى ئۆتەلمەسلىكى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ زور ھادىسە.
    مايسىز قالغان چىراققا ئوتنى يېقىۋەرگەن ئادەم ھامىنى بىر كۈنى چىراق ئۆچۈپ، ماي تۈگەپ قالغاندا ئاندىن يورۇقلۇقنىڭ قەدرىگە يېتىشكە باشلايدۇ. كۈنلۈكى يوق ئادەم يامغۇردا قالغاندا ئوخشاشلا كۈنلۈكنىڭ ھەسرىتىنى چېكىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش مۇشۇ تاپتا ‹‹ئانا تىل›› نىڭ ھازىرقىدەك زەئىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىمۇ چۇقۇمكى ‹‹ئانا تىل›› قايغۇسى، ‹‹ئانا تىل›› ھەسرىتىنى چېكىۋاتىدۇ ھەم ‹‹ئانا تىل›› نىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن نەقەدەر سۆيۈملۈك، قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ.
    مۇھتاجلىق ھامىنى بىر كۈنى ھەممە نەرسىنىڭ قەدرىگە يەتكۈزىدۇ. بۇرۇن بىز سەل قارىغان، كۆزگە ئىلمىغان، قىممىتىنى تونۇپ يەتمىگەن قانداقتۇر بىر نەرسە ھامىنى بىزنى مۇھتاجلىق ئوتىدا پۇچىلاندۇرىدۇ. بۇ مۇھتاجلىق، بۇ تەلپۈنۈش ھەتتا قىسمىتىمىزنى، تەقدىرىمىزنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. مەسىلەن: تىلەمچىلەرنىڭ، دىۋانىلەرنىڭ كوچىلاردا، رەستىلەردە باشقىلارغا ئەڭ تۈۋەن ھالەتتە قول ئۇزارتىپ، باشقىلارغا مۇھتاج بولۇشى، ئۇلارنىڭ مەلۇم ۋاقىتتا مەلۇم نەرسىلەرگە سەل قارىغانلىقىدىن، ئۇنىڭ قەدرىگە ۋاقتىدا يېتەلمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. دۇختۇرخانىلاردا ساقايماس (شالتاق) كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم بىمارلارنىڭ بىچارىلەرچە ھاياتلىققا، يورۇقلۇققا تەلمۈرىشى، ئاللىقانداقتۇر شىپالىق دورىلارغا مۇھتاج بولۇشى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ھاياتىنى قەدىرلىمىگەنلىكىدىن ۋە ئويۇن-تاماشا، كەيىپ-ساپاغا بېرىلگەنلىكىدىن بولغان. مانا بۇ مۇھتاجلىقنىڭ بىر تەرىپى.
    مۇھتاجلىقنىڭ بىر تەرىپى قاراڭغۇ، بىر تەرىپى يورۇقلۇق. قاراڭغۇ تەرىپى شۇكى، بىز مەلۇم نەرسىگە مۇھتاج بولۇپ، ئەقىل كۆزىمىزنى ئاچقان ۋاقىتتا بىز مۇھتاج بولغان شۇ نەرسە ئاللىبۇرۇن تۈگەشكەن، يوقالغان، ياكى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. بۇنى بىز شۇ چاغدىلا ئاندىن ئېنىق ھېس قىلىمىز. يوقاتقان، قولدىن بېرىپ قويغان شۇ نەرسىلەر شەكسىزكى بىزنى پۇشايمان ۋە ئازابتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشتۈرمەيدۇ. چۈنكى يوقالغان، قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىدىن قالىدىغان ئۈمىد تولىمۇ كىچىك، تولىمۇ ئاجىز بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يوقالغان، قولدىن كەتكەن نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش بەكمۇ قىيىن. مۇھتاجلىقنىڭ يورۇقلۇق تەرىپى شۇكى، بىز مەلۇم نەرسىگە مۇھتاج بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنتىلگەن، تەلپۈنگەن ۋاقتىمىزدا ئاندىن بىزنىڭ ئەقلىمىز ئويغىنىشقا، سەزگۈلىرىمىز تەۋرىنىشكە باشلايدۇ. بىز مانا شۇ چاغدىلا شۇ نەرسىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ، ھوشىمىزنى تاپىمىز، ئەقىل كۆزىمىزنى ئاچىمىز ھەمدە يوقاتقان، قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا، ئۇنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىمىز. شۇنىڭ بىرگە يەنە نۆۋەتتىكى قول ئىلكىمىزدىكى مەۋجۇت نەرسىلىرىمىزنى قەدىرلەشكە، ئۇنىڭ قىممىتىنى تونۇپ ياشاشقا مۇۋەپپەق بولىمىز.
    ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، مۇھتاجلىق مۇئەييەن ۋاقىتتا بىزنىڭ ئارزۇلىغان نەرسىلىرىمىزنى بىخۇد، غەپلەت ھالىتىمىزدىن پايدىلىنىپ مونوپول قىلىۋالىدۇ. ھەمدە مۇئەييەن ۋاقىتتا غەپلەت ئۇيقۇسىدىكى كىشىلەرنى ئويغۇتۇپ، ئۇلارنى ھىدايەتكە، ئارزۇ مەنزىلىگە باشلاپ بارىدۇ.
    ئەلۋەتتە، مۇھتاجلىق ئۆزىنى تونىغان، ئۆزىنى بىلىپ يەتكەنلەرنى ھىدايەت نۇرىغا چۆمدۈرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان، ئويغۇتۇشقا قۇۋۋىتى يار بەرمەيدىغان شەيتىنى كۈچلۈك، ئەقلىي جەھەتتىن تۈگەشكەن مۇمىيا ھالىتىدىكى جانسىز ئادەملىرىمۇ بار. بۇلار ئوچۇقكى، كۆزى تۇرۇپمۇ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپمۇ ئاڭلىمايدىغان تولىمۇ سۈپەتسىز ئادەملەردۇر. دېمىسىمۇ ئارىمىزدا بىخۇدلۇق، نادانلىق تۈپەيلى ئۆزىنىڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئارزۇلۇق نەرسىلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغان تۇرۇقلۇقمۇ، مۇھتاج بولغان شۇ نەرسىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى، ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىمايدىغان، ھەتتا نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ قول ئىلكىدىكى بار نەرسىلىرىنىڭ قەدرىگە، قىممىتىگىمۇ يەتمەيدىغان، ئۇنى قوغدىمايدىغان بىر قىسىم ئەقلى چولتا، دىتسىز كىشىلىرىمىزمۇ بار. بۇنداق كىشىلەر شەكسىزكى، بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە، خاتا ھالدا تۇغۇلۇپ قالغان، ئىنسانىيەتكە پايدىسىز بىر ئوچۇم ئەڭ ئەخمەق، ئەڭ كالۋا، ئەڭ دۆت، ئەڭ ھاڭۋاقتى كىشىلەردۇر.
    ‹‹مۇھتاجلىق›› دېگەن بۇ ئىبارىنىڭ ئىستېمال دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى. دىققىتىمىزنى يىغساق بۇ سۆزنىڭ ئىستېمال قىممىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇرلۇقىنى، ئۇنىڭ مەزمۇن قاتلىمىنىڭ ئۇلۇغ ئاڭ ئىگىسى بولغان ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەريانىدىكى تۈرلۈك پائالىيەت، ئادەت-يوسۇنلىرىغا، يېمەك-ئىچمەك قائىدە-مىزانلىرىغا، تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىگە قەدەر چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز.
    ئەمدى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ‹‹مۇھتاجلىق›› دېگەن بۇ ئىبارىنىڭ ‹‹ئانا تىل›› مەسىلىسىدە تۇتقان رولىنى ۋە بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تەسىرىنى مۇلاھىزە قىلساق، ئۇيغۇر جىسمىدىن تۆرەلگەن ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى چۇقۇم ئۆزىنىڭ ۋىجدان، غۇرۇرىنى، ئەسلىي قىممىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلا بولسا، شەكسىزكى، ‹‹ئانا تىل›› نىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ۋە بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىدىن چەكسىز ئەپسۇسلانماي، ئېچىنماي قالمايدۇ. چۈنكى مۇھتاجلىق بۇ ‹‹ئانا تىل›› نى سۇسىزلاندۇرۇپ، ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ ئاستا-ئاستا كېسەل كۆرپىسىگە چىقىرىپ قويدى. ھەممىمىز بىلىمىز، كېسەل كۆرپىسى ئازاب ۋە قان، ياشتىن پۇشايمان ۋە ئازابتىن پۈتۈلگەن ‹‹ئەزرائىل›› نىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، شەكلى ئۆزگەرگەن قورقۇنچلۇق بىر ئاق كېپەندۇر. ئۇنىڭ بىر ئۇچى دوزاخقا تۇتاشسا يەنە بىر ئۇچى كېسەل كارۋىتىغا چىڭ چېگىلگەن.
    شۇ تاپتا مۇھتاجلىق تۈپەيلى سۇسىزلىقتىن، ماغدۇرسىزلىقتىن كېسەل كۆرپىسىگە چىقىپ قالغان ‹‹ئانا تىل›› چەكسىز ھالسىزلىنىۋاتىدۇ، ئىڭراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ھالسىزلىقتىن ئىڭرىغان ئاۋازى پۈتۈن ئۇيغۇر روھىدا ئاقماقتا. لېكىن بۇنى قانچىلىك كىشىلەر ھېس قىلغاندۇ؟
    ماغدۇرسىزلىقتىن يېقىلغان بىمارنى ئوبدان قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ياخشى ئۇزۇقلاندۇرۇش كېرەك. شۇندىلا بىمار شىپالىق تېپىپ، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. كېسەل كۆرپىسىدە ئىڭراۋاتقان ‹‹ئانا تىل›› نىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ھالىدىنمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش، ئۇنىڭغا ئۈزۈلدۈرمەي قۇۋۋەتلىك ‹‹ئۇكۇل›› للارنى سېلىپ، ئىزچىل ھالدا جان كۆيدۈرۈپ، پەرۋىش قىلىش كېرەك. شۇندىلا كېسەل كۆرپىسىگە چىقىپ قالغان ‹‹ئانا تىل›› مۇ بارا-بارا ياخشىلىنىپ قېشىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن ھازىر كېسەل كۆرپىسىگە چىقىپ قېلىپ، ھالسىزلىنىۋاتقان ‹‹ئانا تىل›› نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلار ، ئۇنىڭغا جان-دىل بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۇزۇقلۇق تەييارلاۋاتقانلار، دۇختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرىۋاتقانلار قانچىلىك؟ ھەتتا ھالىدىن خەۋەر ئالالمىسىمۇ كېسەل كارۋىتىنىڭ قېشىغا كېلىپ، بىمار بولۇپ يېتىپ قالغان ‹‹ئانا تىل›› نى بىرەر قېتىم بولسىمۇ يوقلاپ قويىۋاتقانلار قانچىلىك؟
    ئەسكەرتىش كېرەككى، كېسەل كارۋىتىغا تۇتۇلغان بىر بىمارنىڭ ئەھۋالى بىلەن، كېسەل كۆرپىسىگە چىقىپ قالغان ‹‹ئانا تىل›› نىڭ ئەھۋالى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. گەرچە ھەر ئىككى ‹‹بىمار›› ئوخشاش ‹‹جان›› قايغۇسىدا ھالسىزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ماھىيەت جەھەتتىكى قىممىتى، سۈپىتى، نوپۇزى، تۇتقان ئورنى بىردەك ئەمەس. ئۇلاردا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئالنى مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئايانكى، بۇ ئىككى ‹‹بىمار›› نىڭ شىپالىق تېپىشى ياكى ئەجەلگە يەم بولۇشى پەرقلىق ھالدا جەمئىيەتتە، كىشىلەر ئارىسىدا بەلگىلىك زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ.
    ئوچۇقىنى ئېيتساق، كېسەل ئازابىدا قىينىلىۋاتقان بىمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى ئۆزىدىن سىرت پەقەت ئۇنىڭغا قاراشلىق بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىغا باغلىق. بۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ كېسەللىك دەرىجىسى شۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى باھالايدۇ ھەم مەلۇم دەرىجىدە خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئەمدى كېسەل ھالىتىدىكى ‹‹ئانا تىل›› نىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك بۇ يۇقارقى بىمارنىڭ ئەھۋالى بىلەن قەتئىي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك بۇ ئىككى ‹‹بىمار›› نىڭ تۇتقان ئورنى، ماھىيەت جەھەتتىكى پەرقى ئاسمان-زېمىن روشەنلىككە ئىگە. ئۇنىڭ يەنى، ‹‹بىمار›› سۈپىتىدە كېسەل كۆرپىسىگە چىقىپ قالغان ‹‹ئانا تىل›› نىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى بىر ئائىلە ئەمەس تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ تەقدىرىگە، سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. بۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساقمۇ زېھنى ئوچۇق تورداشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىنىڭ نىگىزىنى تېزلا بايقاپ ئالالايدۇ.
    كېسىلى شىپالىق تاپماي مەلۇم مەزگىللەرگىچە كېسەل كارۋىتىغا باغلىنىپ ئۆتۈش شۇ كېسەلگە پۇتلاشقان ‹‹بىمار›› غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا خەتەرلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئەھۋال. چۈنكى، بىرىنچىدىن، كېسەل شىپالىق تاپمىسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىمار روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ، تۈگىشىپ كېتىدۇ، كېسەل ئازابىدا قىينىلىپ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسى يوقىلىشقا باشلايدۇ، ئىككىنچىدىن، كېسەل شىپالىق تاپمىسا، كۈنلەر ئۇزارغانسېرى بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان كىشىلەرمۇ شۇ كېسەلدىن بىزار بولۇپ قېلىشى، ئۇنىڭ ھالىدىن بۇرۇنقىدەك ياخشى خەۋەر ئالماس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا كېسەل كارۋىتىدا ئىڭراۋاتقان بىمار بىر تەرەپتىن كېسەل ئازابىنى تارتسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارغا ئارتۇقچە يۈك بولۇپ قالغانلىقىدىن ھەسرەت چېكىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ‹‹كېسەل كۆرپىسى›› گە چىقىپ قالغان ‹‹ئانا تىل›› مۇ ئوخشاشلا ‹‹كېسەل كارۋىتى›› دا تۇرۇپ ھەسرەت چېكىۋاتقان، ئازابلىنىۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىسى ئېنىق.
    مېنىڭچە، ئۆزى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن، تۇغۇلغاندىمۇ شۇ تىل بىلەن تۇغۇلغان، ئەجداتلىرى، ئاتا-بوۋىلىرى قوللانغان، ئۆزىمۇ شۇ تىل بىلەن سۆزلەيدىغان، شۇ تىل بىلەن خىيال سۈرىدىغان ‹‹ئانا تىل›› نىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قايغۇرمايدىغان، ئېچىنمايدىغان ئۇيغۇر پەرزەنتى بولمىسا كېرەك. بەلكىم ئارىمىزدا ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇشقا باشلىغان، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىغا نومۇس قىلىدىغان، شۇ تىلنى ئىشلىتىشنى مەدەنىيەتسىزلىك دەپ بىلىپ، ئىككى گەپنىڭ بىرىدە شالغۇت، ئەبجەش سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىگە، ‹‹ئانا تىل›› ىغا خائىنلىق قىلىۋاتقان، ئەقىلسىز، نادان كىشىلەردىن بولىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن بۇ ئەقىلسىزلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ‹‹ئانا تىل›› نىڭ تېزلا ھالاكەتكە يۈزلىنىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئارىمىزدا يەنە مەسئۇلىيەتچان، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق، ھەقىقىي ‹‹ئانا تىل›› ئىگىلىرىمۇ ساناقسىز، ئۇلار چۇقۇم ‹‹ئانا تىل›› قوغدايدۇ، ‹‹ئانا تىل›› نىڭ ئاھىغا يېتىدۇ.
    بىلىش كېرەككى، ئۆز ئەسلىنى ئۇنتىغان، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئاياغ ئاستى قىلغان ئەقىلسىزلەرنى خەلق ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ، ئۆز ‹‹ئانا تىل›› ىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان، ئۇنىڭغا يۈزسىزلىك قىلغان پەسكەشلەرنى بولسا ‹‹ئانا تىل›› تېخىمۇ كەچۈرمەيدۇ. بۇنداقلارغا چەكسىز لەنەتلەر بولغاي.
    ئاخىرىدا بىز كېسەل ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ‹‹ئانا تىل›› غا ھۆرمەت بىلەن باش ئېگىپ تۇرۇپ، شۇنداق ۋەدىلەرنى بېرىمىز:
    كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ‹‹ئانا تىل››! بىز ساڭا ھەرگىزمۇ ۋاپاسىزلىق قىلمايمىز، سەن چۇقۇم ياخشىلىنىپ كېتىسەن، بىز ساڭا چۇقۇم ئەڭ ياخشى بولغان ‹‹دورا›› لارنى، ئەڭ ياخشى قۇۋۋەتلىك ئۇزۇقلۇقلارنى تەييارلاپ، ھالىڭدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمىز. سىنى كۈتۈش جەريانىدا، سەندىن قىلچىمۇ بىزار بولۇپ قالمايمىز، ساڭا جان-دىلىمىز بىلەن كۆيۈنۈپ، ئەھۋالىڭنىڭ ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. خىزمىتىڭنى پىداكارلىق بىلەن ئۇرۇنداپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز، بىرىمىز چارچىساق، بىرىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، سېنى ياخشى كۈتىمىز. بىزگە ئىشەن ‹‹ئانا تىل››! قىلغان خىزمىتىمىز چۇقۇم سىنى رازى قىلىدۇ.
    ئېيتىلغان بۇ كۆڭۈل سۆزلىرىمىز دائىم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ، بىزنى ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغاي!
    ئىلاۋە:
    {ئانا تىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان، بۇ توغرىلىق ھەق سۆزلەرنى ئېيتىش ئەلۋەتتە، دۇرۇس. لېكىن بەزىبىر مەسىلىلەر يەنىلا بىزنى چەكلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا ماقالىنى يېزىش جەريانىدا بۇ تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، تېمىنى ئىمكان بار خەۋپسىزرەك يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتىم. ئەكس تەسىر بېرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماقالىدا سىمۋوللۇق ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتتىم، شۇڭا، تورداشلارنىڭ مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش تېمىلارغا يولۇققاندا، سوغۇققان بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى، قىزىققانلىق قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز پەقەت بىر نىيەتتە بولۇپ، دۆلەتنىڭ: ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز رايونىدا ئۆز يېزىقى، ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە›› دېگەن سىياسىتىگە ئاساسەن، ئۆز تىلىمىزنى خالىغانچە ئىشلەتسەك، بىر ئېغىز بولسىمۇ ئۆز تىلىمىزنى كۆپ دېسەك، بىر جۈملە بولسىمۇ ئۆز تىلىمىزنى كۆپرەك يازساق، خەنزۇچە سۆزلەيدىغان يەردە خەنزۇچە سۆزلەپ، ئىنگىلىزچە سۆزلەيدىغان يەردە ئىنگىلىزچە سۆزلەپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان يەردە ئۇيغۇرچە سۆزلەپ ھەقىقىي مەدەنىيەتلىك كىشىلەردىن بولۇشقا تىرىشساق، ھەر بىر ئېغىز سۆزدە دىققەت قىلىپ، تىلنى شالغۇت ئىشلەتمىسەك، ئۇنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق، تىلنى بۇزغان، تىلغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلارغا تەربىيە ئىشلەپ، ئۇلارنى ساپ ئۇيغۇر ھالىتىگە قايتىشقا دەۋەت قىلساق، ھەمدە پەرزەنتلىرىمىزگە ئالدى بىلەن ئانا تەربىيىسى بېرىپ، ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرسەك، تونۇشتۇرساق، ئانا تىلنى تېخىمۇ كۆپرەك ئۆگەنسەك ۋە شۇ ئاساستا باشقا تىللارنىمۇ ئۆگەنسەك، ھەر بىر سۆز، ھەر بىر ھەرىكىتىمىزنى ئەقىل بىلەن قىلساق مېنىڭچە ‹‹ئانا تىل›› كېسەل كارۋىتىدىن تېزلا تۇرۇپ كېتىدۇ››.

     

    bas bas munbiri


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • http://borayar.blogbus.com/بلوگ يازغىلى ئۇزۇن بولمۇدى ،پىكىرلىشىپ تۇرايلى~
  • تېمىلىرىڭىز كىشىنى سۆيۈندۇرىدۇ.....ئۇلىنىش قىلىۋالدىم...~ ھارماڭ!
    ئەتتىرگۈل回复بۆرەيار说:
    rahmat , sizmu adrislarni kandurup koysingiz manmu ulinix , koxuwalay , taklip pikirliringizni berip turasiz !
    2010-12-18 16:06:24
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.