ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-15

    چالا تەگكەن ئوق (4،5) - [تارىخى كىتاپلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/89206230.html

    ئابدۇللا تالىپ

    تۆتىنچى باپ

    ئۆتمە نامەرت كۆۋرۇكىدىن
    سۇ سېنى ئاقتۇرسىمۇ،
    يىمە نامەرتنىڭ ئېشىنى
    ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ،

    ئۇزۇنغا قالمايلا «ئالتۇن سىرتماق» ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. سەلىمىخان نادامەت ئىچىدە ئالەمدىن كېتىپ، شەمشىدىننىڭ بىلى بارغانسىرى مۈكچەيمەكتە ئىدى. شەمشىدىن بوۋىسىدىن قالغان مىراس – تەئەللۇقاتىنى نەسىرىدىن كارۋان ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، يۈرەك پارىلىرىنى يېتىلەپ، قەدىناس ماكانىدىن كۆچۈپ كەتتى، لېكىن يىتىم قالغان پەرزەنتلىرىنى قاتارغا قوشۇش – ئۇنىڭ مۈكچەيگەن يەلكىسىگە يېنىك يۈك ئەمەس ئىدى. ئۇ، خېلى تېڭىرقاشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ يېڭى مەھەللىگە كۆچۈپ كەلدى – دە، بالىخانىلىق ئىككى ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئورۇنلاشتى. «شاهلىقتىن يىقىلساڭ ناۋاي بول» دېگەندەك، شەمشىدىن ئالدى بىلەن بىر ساماۋەرخانا ئېچىشنى ئويلىدى. بۇ ئىشتا كونا ئوقۇغۇچىلىرى قول– پۇت بولۇپ ياردەملەشتى.
    غۇربەتچىلىكتىكى ئۇستازىنى يوقلاپ كەلگەن شاگىرتلىرى ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ساماۋەر دۇكىنىنى قولمۇ – قول پۈتتۈرۈشۈپ بەردى. بۇ ئىشنىڭ بىردىن – بىر باشلامچىسى ئىرپان ئىدى. ئىرپان سۈزۈك بۇغداي ئۆڭلۈك، قۇشۇما قاش، كەڭ كۆكسىلىك، ئىگىز بوي، خۇشپىچىم بەستىگە بېغىررەڭ چىرايلىق پەشمەت چاپان، بېشىغا بادام دوپپا كىيىپ يۈرىدىغان ساغلام ۋە خۇش تەبىئەتلىك يىگىت ئىدى. ئۇ، شەمشىدىندە ئۈچ يىلچە ئوقۇغان، كېيىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپ، راۋاپ چېلىشنى ۋە ئاشپەزلىكنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن ئىدى. ئىرپاننىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرى شەمشىدىن ساماۋەرخانىسىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن كۆپ ھەسسە قوشتى. لېكىن «يىتىمنىڭ ئاغزىغا ئاش تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ»دېگەندەك، شەمشىدىننىڭ بىردىن – بىر ئوغلى پەخرىدىن ئۈجمىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، پۇتى سۇنۇپ كەتتى – دە، يېڭىلا باشلانغان خۇشاللىق يەنە قايغۇغا ئايلاندى. بۇ خىل قاتمۇ – قات بەخىتسىزلىكلەرنىڭ ھەسرەت ئۇچىغىدا شەمشىدىننىڭ چوڭ قىزى – چولپان چوغ بولۇپ ئۆرتەنمەكتە ئىدى.
    شەمشىدىن ئامراق قىزى چولپاننىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى « مەنىۋى شىرىپ» ناملىق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتاپىنىڭ بىر يېرىگە ئۇستازى مەرهۇم داموللا ئابدۇقادىر قەشقىرىنىڭ جاهالەت جاللاتلىرى تەرىپىدىن قەتلە قىلىنغان هىجىرىيە كالىندار كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكىنى پۈتۈپ قويغانىدى. مۇشۇ كالىندار هېسابى بۇيىچە چولپان بۇ يىل توپ – توغرا 1 6 ياشقا كىرگەن ئىدى.
    چولپان شۇنچە ئېغىر قىسمەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، دادىسىنىڭ دەرت – ئەلەملىرىنى تەڭ تارتىشماقتا. بالىخانا ئۆيدە ئىنىسى پەخىرىدىننى كۈتۈش بىلەن يەنە يىڭنە ئىشى قىلىپ، ھەر خىل نۇسخىلاردا دوپپىلارنى تىكەتتى، ئۇ دوپپىلارنى سىڭلىسى جەمىلە ئارقىلىق ساتقۇزۇپ، ئۆيىنىڭ خەج خىراجىتىنى قامدايتتى. چارچىغان ۋە پۇرسەت بو لغان ۋاقىتلىرىدا « قىسسەسۇل ئەنبىيا» ياكى «كۇللى ناۋايى» قاتارلىق كىتاپلارنى ئوقۇيتتى. ناۋايى ۋە پۇزۇلنىڭ شېئىرلىرىنى يادلايتتى. ئۇ، يەنە بالىخانا ئۆيىنىڭ بوش يەرلىرىنى ئالا قويماي تەشتەكلىرىنى تىزىپ، ھەر خىل گۈل ئۆستۈرۈش بىلەنمۇ مەلىكە بولاتتى. مۇشۇ ئىشلار ئارقىلىق ئۇ بېشىدىكى سەۋدانى قوغلاپ، بىردەم بولسىمۇ ئىچ پۇشۇغىدىن ئازات بولاتتى. لېكىن، ئارىدىن ئانچە ئۆتمەي، بۇ گۈزەل قىزنىڭ يۈرىكىگە سىرلىق بىر سەۋدا – ئىشىقى ئوتى تۇيۇقسىز تۇتاشتى – دە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئۆرتىنىشكە باشلىدى .
    ئىرپاننىڭ ياردەملىرى، ئىشچانلىقىنى خېلىدىن كۈزىتىپ كېلىۋاتقان چولپان ئۇنىڭغا قانداق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كەلمەكتە ئىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئارزۇسى تۇتىشىشىقا باشلىغان مۇھەببەت هېسسىياتى بىلەن بىرىكىپ كەتتى. راۋاپ خۇمار قەشقەر يىگىتلىرى ئىرپاننىڭ مۇزىكا ۋە ناخشا ساداسىغا پەرۋانە بولۇشۇپ، شەمشىدىننىڭ ساماۋەر خانىسىدىن كېتەلمەيتتى. مۇزىكىنىڭ بۇ مۇڭلۇق ۋە يېقىملىق ساداسى ئىرپاننىڭ زەخمىكىدىن زىبا چولپاننىڭ دىل ئارامىغا ئوت ياقماقتا ئىدى. بىراق، چولپان ئۆزىنىڭ يۈرەك بېغىشىغا ئۆچمەس ئوتنى تۇتاشتۇرغۇچى بۇ سادالارنى پەقەت بالىخانىنىڭ كىچىك روجىكىدىنلا ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالايتتى.
    بىر كۈنى شەمشىدىن جۈمەگە ماڭغان ۋە دۇكان ئارامى بولۇپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، چولپان بىر تال قىپقىزىل لەيلىگۈل قېتىغا قىستۇرۇلغان تۆۋەندىكى نەزمىنى سىڭلىسى جەمىلە ئارقىلىق ئىرپانغا يوللىدى :
    ئارىدا تام بولمىسا كۆرسەم يارىمنى پاتمۇ پات،
    يۈرىكىمگە قان تولۇپتۇ لەيلى گۈلدەك قاتمۇ قات …
    ئىرپان نەزىم قۇرلىرىغا كۆز يۈگۈرتىۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىدە چولپاننىڭ قۇندۇزدەك قاپ – قارا چاچلىرى، قىزىرىپ پىشقان ئالمىدەك يۇپ – يۇمىلاق يۈزى، قويۇق قاش – كىرپىكلىرى، چاقناپ تۇرىدىغان بىر جۈپ شەهلا كۆزلىرى، چاقماقتەك سۆزلىرى گەۋدىلىنىپ، ئۇنىڭغا بولغان بالىلىقتىكى ئامراقلىق ئىشتىياقى ئەمدى ئوتقا ئايلانماقتا ئىدى. ئىرپان ئۇ نەزمىگە جاۋابەن ئۆزى يادقا بىلىدىغان بىر كوپلىىت رۇبائىي ئارقىلىق يۈرەك سىرىنى ئىزهار قىلدى :
    جاندىن ئارتۇق سۆيىمەن سېنى ئەي ئەزىزىم،
    ساندىن ئارتۇق سۆيىمەن سېنى ئەي ئەزىزىم ؛
    ھەر قانچە سۆيمەك ئاندىن ئارتۇق بولماس،
    ئاندىن ئارتۇق سۆيىمەن سېنى ئەي ئەزىزىم .
    ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرلىرى – جانان كىشمىشى يېڭىلا پىشقان بىر چاغ ئىدى. دەل چۈش مەھەلىدە ساماۋەر ئالدىغا ياش بىر يىگىت كېلىپ توختىدى. ئۇ، بېشىغا بادام دوپپا، ئۇچىسىغا چىرايلىق گىمناستۇركا، پۇتىغا قىزىل شىبلىت كىيگەن بولۇپ، ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈزلۈك، نەۋقىران بۇ يىگىت ئۇزايىدىن قارىغاندا باشقا بىر شەھەردىن كەلگەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. ئۇ، ئاڭلىنىۋاتقان راۋاپ ساداسىغا مەهلىيا بولدى – دە، هايال بولمايلا سامارەۋخانىغا كىردى ھەم بىر بۇرجەككە بېرىپ ئولتۇردى. ئىرپان بولسا راۋابنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ چالماقتا ئىدى.
    شەمشىدىن تەبەسسۈم بىلەن مېهمان يىگىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ :
    مېهمان. زەۋقىلىرىنىمىگە تارتىدىكى، شورپىغىمۇ؟ پولوغىمۇ؟ دەپ سورىدى.
    مۇزىكا بىلەن شورپىغا، دېدى مېهمان يىگىت كۈلۈپ.
    ئۇ تاماقلنىپ بولغاندىن كېيىن، ئىرپاننىڭ ماهارىتىگە مەهلىيا بولۇپ سورىدى :
    بۇرادەر، قانچە ياشلارغا كىرگەنسىز؟
    ئونتوققۇزغا كىرىدىم – دېدى ئىرپان.
    توغرا، مەنمۇ شۇنى مۆلچەرلىگەن ئىدىم، دىدى مېهمان،-بىز تەڭتۈش ئىكەنمىز. سىز قانچىلىك ئوقۇدىڭىز؟
    دىنى مەكتەپتە 3 يىل، پەننى مەكتەپتە 4 يىلچە ئوقۇدۇم.
    هازىر نېمە كەسپ بىلەن بولۇۋاتىسىز؟
    مېهمان يىگىتنىڭ بۇ سۇئالىغا ئىرپان قىلچە تېڭىرقىماستىن قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس چىۋەرلىك بىلەن جاۋاپ بەردى :
    هازىرقى كەسپىم – يىتىمچى ۋە دەردمەنلەرگە يۆلەكچى، مۇھەببەت ئەهلىگە مۇقامچى، مەرىپەتكە كۈيچى …
    ئىرپاننىڭ چىچەنلىكى، چاقماقتەك زۇۋاندارلىقىدىن ھەيران قالغان مېهمان يىگىت قاتتىق هاياجانلاندى – دە، زوقمەنلىك بىلەن يەنە سورىدى :
    بۇرادىرىم ئىسمىڭىز نېمە؟
    -ئىرپان.
    -ئىرپان…..دەپ ئاستا تەكرارلاپ، ئاغزى ئېچىلىپ قالغان مېهمان يىگىت ئۇنىڭغا بارلىق ئىشتىياقى بىلەن باشتىن – ئاياق قاراشقا باشلىدى – دە« ئېرپان» دېگەن ئىسىمنىڭ قويۇلغانلىقىغا ھەيرانۇ-ھەۋەس بىلەن قىزىقىپ قالدى ۋە دېدى:
    دوستۇم،
    ئىسمىڭىزگە مەستلىكىم كېلىۋاتىدۇ. بۇ شەرەپلىك نامنى قانداق ئۇلۇغ بىر زات قويغان بولغىيدى؟
    ئىرپان بىر تۈرلۈك قىزاردى ۋە كۈلدى. چۈنكى مېهمان يىگىتنىڭ سۆزلىرى ئۇنى بەك هاياجانلاندۇرغان ئىدى. بۇ چاغدا ئىرپاننىڭ قەلبىدە: بۇ ئىسىمنى قانداق زات قويغانلىقىنى سوراۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ بەلكى شۇنداق بىر زات بولسا كېرەك … دېگەن بىرتۇيغۇ پەيدا بولماقتا ئىدى. ئۇ يىگىتكە بۆلەكلەتىن ئىلتىپات بىلەن تىكىلىپ، مۇلايىملىق بىلەن دېدى :
    بۇ ئىسىمنى ئۇستازىم تەۋپىق ئەپەندىم قويۇپ قويۇۋىدى …
    مېهمان يىگىتنىڭ ئەقىل ئەينىكىدە، شۇ تاپتا، مۇشۇ ئىككى خىل ئىسىم ئۈستىدە تەپەككۇر چوغلىرى يانماقتا ئىدى.
    مېهمان يىگىتنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىمۇ، سۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە ۋە ئىرپاننىڭ قىياسەن تۇيغۇ تەسەۋۋۇرىغا گۇۋاهلىق بىرىپ تۇراتتى.
    مېهمان ئۆزلىرى نەدىن كېلىۋاتىدىلا، ئىسىم شىرىپلىرى نېمە؟ ئىرپان سورىدى.
    ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتىمەن، ئىسمىم – لۇتپۇللا.
    مېهماننىڭ جاۋابى بىلەن تەڭلا ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرغان ئىرپان قولىنى سىقىپ دېدى :
    سىزنىڭ قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ، داڭقىڭىزنى ئاڭلاپ، بىر كۆرۈشنى ئارزۇلاپ يۈرگەن ئىدىم. سىز بىلەن دىدار كۆرۈشكىنىمگە بەكمۇ خۇشمەن.
    بۈگۈن مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال – لۇتپۇللا، بۈگۈن بەك خاسىيەتلىك بىر كۈن بولدى. لۇتپۇللا ئىرپانغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ :
    قېنى يىگىت، ئەمدى بىرەر پەدە مەرىپەت مۇقامىڭىزدىن بەهرىمەن بولساق قانداق؟ دىدى.
    ئىرپان دەرهاللا راۋابىنى ئېلىپ، يۇقىرى هاياجان بىلەن ناخشا باشلىدى :
    زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل،
    باهارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
    رىيازەت چەكمىگەن ئاشىق،
    ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس …
    راۋاپنىڭ ساداسى ساماۋەرخانىنى چاڭ كەلتۈرۈش بىلەن قەشقەرنىڭ قەلبىنى تىترىتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.
    قەشقەر باهارىنىڭ گۈزەللىك پەيزىدىن هوزۇرلانغان شائىر بىر ئاز ئەهۋاللاشقاندىن كېيىن ئىرپانغا :
    مەن يەر بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى بىلەن كەلدىم. بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە تاققا كېتىمىز. سىزنىڭ ھەمسەپەر بولۇپ بېرىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىمەن، قانداق خالامسىز؟ دېدى.
    ئىرپان بۇ سۆزنى ئاڭلىغان هامان خۇشاللىغىدا هاياجېنىنى باسالماي قالدى. بىراق، شەمشىدىننىڭ بېشىدىكى قىيىنچىلىق، چولپانغا بولغان ئىشتىياق ئويغا سېلىپ قويدى. ئۇ، بىردەم جىم تۇرۇپ قالدى.
    لۇتپۇللا ئىرپاننى«ئاتىسىنىڭ ئالدىدا تەڭقىس بولۇۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلىدى – دە، دەرهال شەمشىدىنگە ئىلتىماس قىلدى :
    ئاتا، ئوغۇللىرى مەن بىلەن ھەمرا بولۇپ، سەپەر قىلىپ كەلسە قانداقراقىتمۇ ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، كېيىنچە، توي – تۆكۈن بولۇپ قالسىمۇ پۇل كېرەكقۇ؟
    « ئوغۇللىرى» « توي – تۆكۈن» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىرپان ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى. ئۇ بەك ئوڭايسىزلىنىپ، يۈزى ئېچىلمىغان قىزدەك هۈپپىدە بولۇپ، يەرگە قارىۋالدى. ئۇقۇشماستىن لۇتپۇللانىڭ ئېيتقان ئىككى سۆزى شەمشىدىنگە تېخىمۇ باشقىچە تۇيۇلدى. ئۇ:-« چولپان بىلەن ئىرپان توي تەييارلىغىدا ئىكەن – دە»دېگەنلەرنى دەرهال كۆڭلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.
    ئىرپان– مېنىڭ شاگىرتىم، ئەپەندىم، بېشىمغا ئەلەم – كۈلپەت كەلگەندە يېقىندىن يار-يۆلەك بولدى. ئۆز ئوغلۇمدەكلا قارىشىپ كەلدى. ئۆزلىرىنىڭ بۇ بالا ھەققىدىكى ياخشى نىيەتلىرىگە مەنمۇ قېتىلىمەن، ئەپەندىم، ئەمما قانداق قىلىشنى ئىرپاننىڭ ئۆزى بىر نېمە دىسۇن، دېدى شەمشىدىن.
    « ئوغۇللىرى» « توي – تۆكۈن»سۆزلىرىنى دەپ قويغىنىغا لۇتپۇللانىڭ ئۆزىممۇ ئوڭايسىزلانماقتا ئىدى. ئۇ دەرهال سۆزىنى يۆتكەپ، شاگىرت ئۈچۈن ئۇستازمۇ ئاتا، بەلكى توققان ئاتىدىنمۇ قەدىرلىك ئاتا، ئىرپان ئۇزۇنغا قالمايلا قايتىپ كېلىدۇ، دىدى.
    ئىرپاننىڭ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بالىخانا روجىكىدىن ئاڭلاپ تۇرغان چولپاننىڭ تاقىتى تاق بولۇپ، يۈرەكلىرى ئوت ئالماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئاهۇ كۆزلىرىدىن ياش مونچاقلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ بېشىدىكى داكا رومىلىنى چۆرۈپ تاشلىدى – دە، بالىخانا دەرىزىسىنىڭ ئىككىلا قانىتىنى ئېچىۋەتتى. قۇياشنىڭ ئالتۇن زەررىلىرى ئۇنىڭ نۇرلۇق مەڭزىدە جىلۋە قىلىپ، ئاق سۈزۈك رۇخسارىنى ئاجايىپ راۋانلاشتۇرماقتا ئىدى. ئايرىلىش ئازابىغا تاقەت قىلالمايۋاتقان بۇ ئاق كۆڭۈل قىز ئۆز ئۈمىدىنى ئىنىسى پەخرىدىننىڭ نامى ئارقىلىق دادىسى شەمشىدىنگە ئۈنلۈك ئېيتتى :
    دادا، ئۇكام، ئىرپان ئاكام ماڭغۇزمايلى، دەپ يىغلاۋاتىدۇ. ئاڭلانغان بۇ يېقىملىق ئاۋاز ئىرپاننى دەرهال دەرىزىگە داخىل قىلدى – دە، مۇھەببەت نۇرى بىلەن چاقنىغان كۆزلەر ئۇچرىشىپ، ئوتلۇق ۋۇجۇتلاردا هارارەت كۈچىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. مېهماندىن ئۇيالغان هايالىق قىز هۈپپىدە قىزاردى – دە، سەرهاللا روجەكتىن يانغا داجىۋالدى.

    بەشىنچى باپ
    1

    ياز دۆلەت، قىش مەينەت دېگەندەك، مانا ھەش – پەش دىگىچە زىمىستان باشلىنىپ كەتتى. قول ئىلىكىدە يوق نامراتلارنىڭ بېشىدا تۇرمۇش غېمى كۈچىيىپ، هامماملاردا، ناۋايخانىلارنىڭ ئەتراپىدا دۈگدىيشىپ يۈرۈشەتتى. قىشنى چىقىرىش شەمشىدىننىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىن بولماقتا ئىدى. ئىرپاندىن
    ئايرىلغاندىن كېيىن ساماۋەرخانا روناق تاپالماي قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەمشىدىن دەرت – ئەلەم دەستىدىن بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ باراتتى. ئۇنىڭ بىردىن – بىر ئوغلى پەخىرىدىننىڭ تاڭغان سۇنۇغى تۈزۈك تۇتماي، تېخىچىلا بالىخانا ئۆيىدە نىمجان ياتاتتى. «يازنىڭ تېزىگى قىشتا دورا» دېگەندەك، كىچىك قىز جەمىلەمنىڭ تەرگەن تېزەكلىرى ئەمدى قىش قىيىنچىلىدا قالغان ئائىلىگە بىردىن –بىر يېقىلغۇ بولۇپ كېلىۋاتاتتى. هىماتسىز بۇ ئائىلىگە ئەمدى بۆلەك چارە يوق ئىدى.
    شەمشىدىن ھەتتا تىزەكنىمۇ ئاياپ، تولا چاغلاردا بالىخانا دەرىزىسى يېنىغا كېلىۋېلىپ، ئاپتاپ سۇنۇپ مىسكىن ه الدا ئولتۇراتتى. بىراق «قىشنىڭ ئاپتىپى دۈشمەننىڭ كۈلكىسىچىلىك» دېگەندەك، ئانچىمۇ جانغا دال بولالمايتتى.
    مۇشۇنداق ئېغىر پەيىتلەردە چولپان ھەردەملا دادىسىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنى ئىزلەيتتى. ئۇ، روجەك تۈۋىدە مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان دادىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ:
    دادا، مەن هېيتكارغا بېرىپ دوپپا سېتىپ كېلەي، ئۆيدە يا ئۇن، يا ياغ يوق، دىدى. شەمشىدىن بېشىنى كۆتىرىپ، قىزىنىڭ باش – ئايىغىغىچە بىر قاراپ «ئۇھ!» دەپ، ئۇلۇغ – كىچىك تىنىۋالغاندىن كېيىن ئۈن چىقارماي ئولتۇردى.
    دادا، – دەپ، يەنە تەكىتلەيتتى چولپان.
    -بېشىڭغا تارتقىدەك ياغلىغىڭ يوقمىدى بالام؟ تالا – تۈزگە ئاشۇنداق چىقساڭ خالايىق نېمە دەر، قىزىم؟
    -بېشىمدا ئاددى بولسىمۇ ياغلىق تۇرۇپتىغۇ؟
    چولپان ئۆينىڭ ئىقتىسادىي ئېغىرچىلىىقىنى دادىسىغا ئوچۇق دىدى. بۇنى ئاڭلاپ، شەمشىدىن كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ، جىمىپ كەتتى. چولپانمۇ قېشىدا ئولتۇرغىنىچە خىيال سۈرۈپ، يا قولى ئىشقا بارمىدى، ياكى دادىسىدىن نېرى بولالمىدى. مۇسىبەت كۈنلىرىدەك جىمجىتلىق هۆكۈم سۈرۈۋاتقاندا ئىشىك ئۇرۇلدى.
    بالىخانىدىن ئىلدام چۈشكەن چولپان ئىشىكنى ئاچتى.
    ئەسسالام قىزىم، سىزگە خۇش خەۋەر !
    50 ياشلار قارىسىنى ئالغان ئايال كۈلۈپ كىرگەن پېتى چولپاننى قۇچاقلاپ، مەڭزىگە سۆيۈپ كەتتى. ئايال يەنە سۆزىنى تەكرارلىدى :
    -سىزگە جاهانچە خۇش خەۋەر ئەكەلدىم. ماڭا نېمە سۆيۈنچە بېرىسىز؟
    چولپان ئايالنىڭ سۆزلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇنىڭغا مۇڭ-زارىنى تۆكۈپ، ئىچ-قارنىنى بوشىتىۋالاتتى. ئايال ئەسلىدە پەخىرىدىننىڭ سۇنۇغىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئىرپان باشلاپ كەلگەن ئۇستا تېڭىقچى ئىدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىككى ياشنىڭ ئارىسىدا ۋاپادار بىر ئانا بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا چولپان« خۇش خەۋەر «نىڭ تېگى – تەكتىگە دەرهال يەتتى – دە، مەڭزى ۋىل لىدە قىزىرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىغا ئوت تۇتاشقاندەك بولۇپ، يۈرەكلىرى سىماپتەك ئويناپ كەتتى. لېكىن ئۇ، يەنىلا بىلمەسلىككە سېلىپ :
    -ئانا، قانداق خۇش خەۋەر، ئاۋال دىسىلە، سۆيۈنچە سىلىدىن ئايلانسۇن، دىدى
    ۋە ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلاپ قويۇپلا ئىتتىك بالىخانىغا چىقىپ مارىلىدى. ئۇ دادىسىنىڭ پېشىن نامىزىغا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى – دە، دەرهال ئارقىسىغا قايتتى. « خۇش خەۋەر« نى ئاڭلاش تەقەززالىقىدا بالىخانا پەلەمپەيلىرىدىن يىقىلىپ چۈشۈشكە تاس- تاماس قالدى.
    -دادام نامازدا ئىكەن، ئانا، ئاڭغىچە ئىككىمىز سۆزلىشىپ تۇرايلى، قېنى دىسىلە قانداق خۇش خەۋەر؟
    -ياق، ياق، ئاسانلىقچە دىمەيمەن، ئاۋال سۆيۈنچىسىنى دىسىلە قىزىم؟
    -ماقۇل ئانا، سىلە نېمە دىسىلە شۇ.
    ئايال بۇ يىتىم قىزنى بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئىنتىزار قىلماسلىقنى ئويلىدى – دە، خۇش خەۋەرىنى يەتكۈزدى.
    ئىرپان بۇ ئۆيگە 200 كوي چە نەق پۇل، چولپانغا « مەخسۇس خەت» ئەۋەتكەن ئىدى. چولپان خۇشاللىقىدا قىن – قىنىغا پاتماي قالدى. بولۇپمۇ خەت ئىچىدىكى سۆيگۈ قوشاقلىرىنى ئۇقۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەلبىدە ئۈمىد شاملىرى يانغان ئىدى :
    يازدىم بۇ سالىمىمنى،
    شەيدۇللا دېگەن تاغدىن
    كۈن-تۈن كۆيى مەن ئوتتا،
    ئاشۇ ئايرىلغان چاغدىن.
    ئاسمانغا قاراپ ئاخشام،
    چولپان ئىزلىدىم تاڭدا.
    بىلمەي يۈرىكىم قاپتۇ،
    ساماۋەردىكى داڭدا.
    ئاهۇنىڭ كۆزى ئويناق،
    سىزنىڭ كۆزىڭىز شۇنچە ؛
    قانداق تۈگىگەي كۈنلەر،
    بىز قايتىپ كۆرۈشكىچه.
    چولپان هارارەتلىك هاياجان هوزۇرىدا قوشاقنى ئوقۇپ تۈگەتتى – دە، ئۇنى ئېلىپ كەلگۈچىنى چىڭ قوچاقلاپ پىشانىسىگە قايتا-قايتا سۆيۈپ كەتتى ۋە چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق ئىزهارلىدى :
    -رەهمەت ئانا، سىلى بىزگە ئۈمىد چىرىقى يەتكۈزۈپ كەلدىلە، دىلى سۇنۇق، روهى پەرىشان دادامنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خۇش خەۋەرنى ئۆز ئېغىزلىرى بىلەن ئېيتسىلا…
    چولپان ئايالنى باشلاپ بالىخانىغا چىققاندا شەمشىدىن نامىزىنى تۈگىتىپ، يەنە شۇ روجىكى تۈۋىدە دۈگدىيىپ ئولتۇراتتى. سالامدىن كېيىن ئايال ئىرپاننىڭ خەت خالتىسىنى ئىككى قوللاپ سۇندى.
    هايالىق چولپان بولسا، بۇ چاغدا بىر باهانە بىلەن ئىشىكنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئاستا مارىلاپ دادىسىنىڭ هالىتىنى كۈزەتمەكتە ئىدى. ئايال بولسا كارىۋاتتا ياتقان پەخرىدىننىڭ ئۇستىخىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى.
    شەمشىدىن ۋاپادار ئوقۇغۇچىسى ئىرپاننىڭ خېتىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇزۇن دۇئا قىلدى ۋە بىردىنلا تېتىكلىشىپ كەتتى. بۇ نىجاتلىق خەۋەرنى يەتكۈزۈپ كەلگەن كىشىگىمۇ چىن قەلبىدىن چەكسىز ھەشقاللا – رەهمەت ئېيتتى. ئارقىدىن :
    ئاقىللاردىن هۆرمەت يانار، نادانلاردىن كۈلپەت يانار دېگەن ئۇلۇغلارنىڭ سۆزى بەرھەق راست ئىكەن. مەنسەپ گۆرگە يېقىن، مەرىپەت گۈلگە دېگەن دانىشمەنلەرنىڭ سۆزىمۇ بەرھەق ئىكەن. ئىلاهىم ئىرپاننىڭ بېشىنى ئامان، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلسۇن، دېدى هاياجانلىنىپ. شەمشىدىننىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشىغا چولپانمۇ هېچنىمىنى بىلمىگەن قىياپەتتە كىرىپ كەلدى.
    ئىرپان ئاكاڭ پۇل ئەۋەتىپتۇ، قىزىم – دېدى ئاتا پۇلنى سۇنۇپ.
    چولپان هۆپپىدە قىزاردى .
    2
    چولپاننىڭ قولى ئەپچىل بولۇپ، تۇرمۇشىنى تىجەشلىك بىلەن باشقۇراتتى«بار دەپ تۆكمەيتتى، يوق سەپ كۆپمەيتتى.
    ئىرپاننىڭ «شەيدۇللا» دىن ئەۋەتكەن خالىسانە ياردىمىمۇ ئۇلارنىڭ يوقسىزلىق يۈكىنى خېلى دەرىجىدە يەڭگىللەشتۈرگەن ئىدى.
    شەمشىدىن بولسا ئۆز ئىتىقادى بويىچە « قانائەتنىڭ ئاستى ئالتۇن» دەپ، بارنى ئايىماي، يوققا كايىماي كۈن ئۆتكۈزەتتى.
    بىراق «يېتىپ يېيىشكە تاغ توشىماپتۇ» دېگەندەك ئىرپاندىن كەلگەن خېمىرتۇرۇچمۇ سوزۇلغان قىشنىڭ سەرپىياتىغا سەرمايە بولالمايتتى. باش باهار كەلگەن بولسىمۇ جانغا تېگىدىغان سوغاق شامال كۈندە دىگۈدەك كۆڭۈلنى بىزار قىلاتتى.
    ساماۋەرنى هېلىغىچە يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلمەيۋاتقان شەمشىدىن هامان ئىچى تىت-تىت بولۇپ يۈرەتتى.
    «قەشقەرنىڭ قىشى ئاز، سوغىقى ئەتى ياز» دىگەن راست – دە، مانا قارىمامدىغان جۇدۇننى؛ يە قول ئىشقا بارمايدۇ، دەيتتى ئۇ ۋە پات-پاتلا مۇشۇ سۆزنى تەكرارلايتتى.
    ئالتۇن قەرزنىڭ قىستىشى ئۇنىڭ بېشىنى خۇددى تۈگمەن تېشىدەك بېسىپ، يۈرىكىنى ئەزمەكتە ئىدى. ئۇ، ۋاقىتتىن بۇرۇن هالىدىن كېتىپ، يۈزلىرىگە قاتمۇ-قات قورۇق چۈشۈپ، تېنى بوشاشماقتا ئىدى.
    بىر كۈنى، ئۇ ھەسرەت ئىچىدە مۇڭلىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان چاغدا، توساتتىنلا كارۋان بېشى نەسىرىدىن هېلىقى سەللالىق ساقالنى باشلاپ كىرىپ كەلدى.
    ئۇلار، سالامدىن سۈڭرە، بارغان پېتى تۆردىن ئورۇن ئېلىپ هاكاۋۇرلارچە ئو لتۇردى. نەسىرىدىن بۈگۈن بېشىغا سۆلەتلىك تۈلكە تۇماق، ئۇچىسىغا ئۇزۇن تېرىكە چاپان، پۇتىغا خۇرۇم ئۆتۈك كىيىپ، چاپىنىنىڭ ئۈستىدىن گۈل بىلەن كەشتىلەنگەن ئەنجانچە چىكەن رومال باغىۋالغان ئىدى. رومالنىڭ ئارقا تەرەپتىكى ئىككى ساغرىسىغىچە بېسىپ تۇراتتى. شەمشىدىننىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ، ئەزايىنى غۇژژىدە تىترەك باستى – دە، پەگادا ئۈن چىقارماي قېتىپلا قالدى.
    -پېقىر تىجارەت بىلەن يىراق سەپەردىن يېقىندىلا كېلىشىم، كەلسەم قەدىناس خوتۇنۇم قازا قىلىپ ئۇ دۇنياغا كېتىپتۇ-…..دىدى نەسىرىدىن سۆز باشلاپ.
    نەسىرىدىننىڭ سۆزى ئاياقلاشماستىنلا موللا سۆز قىستۇردى :
    -ئەلھۆكمىللا، شۇنداق بولدى، ئادەمنىڭ جېنى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىغىدىلا. بىر تىنىقتىن قالدۇقمۇ، تۈگىگىنىمىز شۇ « جان بار يەردە قازا بار» ئەمەسمۇ؟
    -ھە…..هىم….هېلىقى هىندى سودىگەرلىرى ئالتۇن قەرزىمىزنى كۈندە دىگۈدەك سۈيلەپ جېنىمغا تېگىۋاتىدۇ. شۇنى بوينىمىزدىن ساقىت قىلىۋەتمىسەك بولماسمىكىن، تەقسىر – دىدى كارۋان بېشى نەشتەر تىلى بىلەن.
    شەمشىدىن مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ دەيتتى :
    -هازىر مېنىڭ تۇرغان تۇرقۇم مۇشۇ، مېنىڭ قەرىز تۆلىگۈچىلىكىم يوق، تەقسىر.
    نەسىرىدىن ئارقىسىغا بىر غادىيۋېلىپ، تەكەببۇرانە تەلەپپۇزدا دىدى
    -«بېرىپ يامان بولغىچە، بەرمەي يامان بول» دېگەن راست ئىكەن – دە، تەقسىر «نىسى بەرگەننىڭ هالى خاراپ، قالۇر دەپتىرىگە قاراپ »بولىدىكەنمەن – دە !
    ئارقىدىنلا موللام خۇشامەت بىلەن سۆز قىستۇرۇپ :
    نەسىرىدىن باي توغرا ئېيتىدۇ، تەقسىر « ئېلىشتا هاي–هاي، بېرىشتە ۋاي-ۋاي» دېسەك بولمايدۇ – دە-! دىدى.
    بۇ سۆزلەرنى شەمشىدىن ئىرەنسىز ئۆتكۈزۈۋەتتى. بىراق، نەسىرىدىننىڭ قورسىقىدا يەنە باشقىچە جىن بارلىقىنى ئۇ تېخى بىلمەيتتى. نەسىرىدىننىڭ ئۆزىمۇ هازىرچە بۇنى ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمىدى – دە، ئاخىرىدا :
    -بولىدۇ، تەقسىر، بىز بۈگۈنچە يېنىپ تۇرايلى، لېكىن « ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى دىدى دە، ئۇزاپ مېڭىشتى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.