ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-15

    چالا تەگكەن ئوق (1،2) - [تارىخى كىتاپلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/89199774.html

    ئابدۇللا تالىپ

    بىرىنچى قىسىم

    بىرىنچى باپ

     

    ئاپرىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولۇشىغا قارىماي، ئۈرۈمچى شەھىرى بىر ھەپتە ئىچىدە تۆت پەسىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۈگۈن ئەتىگەن مۇقەددەس بوغدا تېغىنىڭ ئۈستىدىن ئەمدىلا نەيزە بويى ئۆرلىگەن قوياشنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمگەن ئىدى .
    شەھەرنىڭ شىمالىي گىرۋىگىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قىزىل تاغ باغرىدىكى تاشلاردا ئەكس ئەتكەن قوياشنىڭ ئالتۇن زەررىلىرى ئاجايىپ ۋالىلداپ تۇراتتى. ئېگىز چوققىنىڭ ئۈستىدىكى جىگەرسىمان قىزغۇچ توپا ئارىلاش قورام تاشلارنىڭ يان كاۋاكلىرى ئارىسىدىن سۇس كۆتۈرۈلگەن ئاقۇش پارلار خۇددى پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يانار تاغ تۈتۈنلىرىدەك كۆرۈنەتتى. ۋاقىت چاشكاردىن سەل ئۆتكەن ئىدى. بۇ ئېگىز چوققا باغرىغا ئۈچ كىشى پەيدا بولدى. ئۇلار تاغنىڭ شەرق تەرىپىدىن ئاستا ئۆرلەپ، غەربىي چوققىغا يېقىن ئورنىتىلغان ياغاچ راۋاق يېنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل بارغىنىچە ئۈرۈمچى دەرياسى ئۇرۇلۇپ ئۆتىدىغان ئىگىز تىك قىيا لېۋىدە توختىدى. بۇ ئۈچ كىشىدىن بىرى يېشى 4 0 لاردىن ئاشقان بۇغداي ئۆڭلۈك، پىشانىسى ۋە بۇرنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قوناقتەك سۆگىلى بار، بېشىغا كونىراق قارا دۇخاۋا سەرپۇش تۇماق، ئۇچىسىغا سالما ياقىلىق كۆك چەكمەن چاپان، ئىچىگە ئالدى ئوچۇق ماتا كۆينەك كىيىپ، بىلىگە باغلىغان كۆك بەلۋاققا غىلاپ-بويتاسما ئېسىۋالغان ساغلام قامەتلىك كىشى ئىدى. ئاۋۇ ئىككىسى بولسا ئەمدىلا 20 لەردىن ئاشقان تەڭ دىمەتلىك نەۋقىران يىگىتلەر ئىدى.

     

    بۇ ئۈچەيلەن چوققا گىرۋىگىگە كېلىپ توختاتتى – يۇ، نېمە ئۈچۈنكى، بىر ھازاغىچە جىمجىتلىشىپ، تاش ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشاتتى. ياش يىگىتلەردىن بىرىنىڭ بىلىگىدە، يەنە بىرىنىڭ بولسا مۈرىسىدە تارتۇق بار ئىدى. قاپاقلىرى سېلىنغان، رەڭگى – روھى ئۆڭۈپ تاتىرىشىپ كەتكەن بۇ يىگىتلەر، قانداقتۇر بىر يامان خاپىلىقنىڭ ئازاۋىدا قالغاندەك ئۈزۈلدۈرمەي تاماكا چېكىشەتتى ۋە شۇ تاپتا بىر – بىرىنىڭ تەرىگە زىنھار قارىغۇسى كەلمەيۋاتاتقاندەك ئىدى. ھېلىقى چوڭ ياشلىق، بەسىتلىك كىشى بولسا ئاللىقانداق خىياللار دېڭىزغا غەرق بولغىنىچە ئوتلۇق كۆزىنى ئاللىقەيەرلەرگە قادىغان ئىدى. ئۇ، يېنىدا سالپىيىپ ئولتۇرغان ئاۋۇ ئىككى يىگىتنىڭ ھېچنىمىسى ئەمەس، پەقەت يىتىم – يىتمەك، غېرىپ – غۇربالارنىڭ سېخى پېشىۋاسى سۈپىتى ئەل ئارىسىدا »①سىپى چەندازا «دەپ داڭقى چىققان مەردانە بىر ئادەم ئىدى. بىر ھازادىن كېيىن، سوپى چەندازا خىيالىنى يىغىپ، يىگىتلەرگە قىيا بېقىپ، سۈرلۈك بىر قارىدى –دە، ئېغىر سۈكۈتنى بۇزۇپ، سۆزگە كىرىشتى :
    « ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇغۇڭنى قۇرۇتما» دېگەن گەپ بار….. ئۇ، ئۇلۇغ كىچىك بىر تىنىۋېتىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

     

    «ئالتۇن يېغىلىغى» ، سىلەر بىلەن بىللە چىققان شۇنچە نۇرغۇن دوست – بۇرادىرىڭلار نەگە كەتتى؟ قېنى ئېيتىڭلارچۇ؟
    تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن، مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز قانلىق پاجىئەلەر ھەققىدىكى بۇ سۇئال ھەر ئىككى يىگىتنىڭ يۈرىكىگە قاتتىق تەگدى. ئەپسۇسلۇق ھېسسىيات تۇيغۇلىرى بىردىنلا ئۇلارنىڭ كۆز چاناقلىرىدا بەلگە بېرىشكە باشلىدى. سوپى چەندازا يەنە ئاتىلارچە مېھرى بىلەن سۆزلىمەكتە ئىدى :
    ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭى غېرىۋىي كېپەن بولۇپ، ئۆلۈكلىرى چۆل – باياۋانلاردا قالدى. قالغان قىسمىنى بولسا «ئالتاي يېغىلىغى» يەپ تۈگەتتى. سىلەر بولساڭلار كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئاران بالادا بۈگۈنگە كەلدىڭلار، بىراق، تېخىچىلا ئاچ – زار يۈرۈۋاتىسىلەر …
    سوپى چەندازا بارغانچە قىزىپ سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ كەڭ پىشانىدىن تەر تامچىلىرى چىپىلداپ ئېقىپ تۇراتتى. ھېلىقى ئىككى يىگىت بولسا باشلىرىنى سېلىپ، مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوتلۇق سۆزلىرىنى ئاڭلىماقتا ئىدى. سوپى چەندازا سەرپۇش تۇمىغىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى قىستۇرۇپ قويۇپ، تېخىمۇ غەزەپ بىلەن سورىدى :
    سىلەر ئالتە شەھەردىن تۇتۇلۇپ چىققاندا يول بويى ئېيتقان »ئاللا – ئاللا ۋاي باللا، نادانلىقنى تاشلاڭلار« دېگەن ناخشاڭلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەر تۈنۈگۈنلا جان – جىگەر دوست ئىدىڭلار، تاغ-باياۋانلاردا دىشىۋارلىق تارتىپ يۈرگەنلىرىڭلاردا كۆرۈشكىچە پەرۋانە بولۇشاتتڭلار، خوپ، بۈگۈنچۇ؟
    سوپى چەندازا بىسلىرى يالتىراپ تۇرىدىغان ئىككى پىچاقنى قونچىدىن سۇغۇرۋالدى – دە، يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، دەر غەزەپ بىلەن» : پىچاقنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە سال « دەپتىكەن، قېنى قايسىڭلار ئاۋال سىناپ كۆرىسىلەر؟ دېدى. ئۇ، ئوتلۇق كۆزى بىلەن يىگىتلەرگە تىكىلىپ تۇراتتى. ئاچچىق تەنە، لېكىن سەمىمىي سۆزلەرنى ئاڭلىغان يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە پىچاقلار ئۆزى كېلىپلا قادالغاندەك تۇيۇلۇپ باشلىدى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تەڭلا تۇرۇشتى – دە، پارقىراپ تۇرغان پىچاقنى ھەر ئىككىسى تەڭلا ئېلىپ، قورام تاشقا ئۇرۇپ سۇندۇرغاندىن كېيىن، قىيادىن چوڭقۇر ئېقىنغا چۆرۈۋەتتى، ئاندىن يىغلاپ قۇچاقلىشىپ، ئەپۇ سوراشتى ۋە ئىككىسى تەڭ كېلىپ، ھېلىقى غەمخورچىسىنىڭ بىرى ئوڭ، بىرى سول بىلىكىگە ئېسىلىپ، ناماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، كەچۈرۈم سورىدى. يىگىتلەرنىڭ كۆز ياشلىرى سوپاخۇننىڭ بىلەكلىرىنى نەملەشكە باشلىغان ئىدى.
    سوپى چەندازا ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ» : گۇمان – ئىماننى قاچۇرار، ئىمان شەيتاننى «دېگەن گەپ بار، سىلەر بۇ گەپنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭلار دېدى.
    بۇ چاغدا ۋاقىت چۈشكە يېقىنلاپ قالغان ئىدى. يىگىتلەردىن بىرى :تاغا، بىز ئەمدى سىز باشلىغان كېچىككە كىرىمىز .سىزنىڭ قىلىپ كېلىۋاتقان غەمخورلۇغىڭىزنى مەن ئەسلا يادىمدىن چىقارمەيمەن، لېكىن ھازىر مەن …
    سوپى چەندازىغا يۈرەكتىن ۋەدە بېرىۋاتقان بۇ يىگىت سۆزلەۋېتىپ بىردىنلا ئاسمانغا قارىد – دە، جىددى تۈس ئېلىپ :
    ھازىر مەن سىز بىلەن خوشلاشماقچىمەن، مېنىڭ زۆرۈر بىر ئىشىم بار ئىدى. مەن شۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىم ئۈچۈن،…. ئەمىسە، خەير – خوش ! – دېدى.
    سوپى چەندازا، يىگىتنىڭ كېيىنكى جىددى سۆزىگە، سىرلىق كەيپىياتىغا ئەجەبلەندى – يۇ، بىراق نېرى – بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، ھەر ئىككى يىگىتنىڭ قولىغا ئاز – تولا پۇل بېرىپ، يولغا سېلىۋەتتى. ھېلىقى جىددى ئىشى بار يىگىت شاپاشلىغان پېتى تاغ باغرىدىكى ئەگىمەچ يول بىلەن پەسلەپ كەتتى – دە ھايت – ھۇيت دىگىچە ئاللىقاياقلارغىدۇ غايىب بولدى. ئىككىنچى يىگىت بولسا تاغ ئۈستىدىكى يول بىلەن ئۇدۇل شەرق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. سوپى چەندازا قىرلىق قىيادا يەككە – يىگانە قىلىپ، يەنە چوڭقۇر خىيالغا چۆمگەن ھالدا، شەھەرگە تىكىشى نەزەر تاشلايتتى. قىيالىققا ئۇدۇل – مىردىئان سىزىق بويلاپ جەنۇپ تەرەپتىن سوزۇلغان كەڭ سايلىق ئېقىننىڭ كۈن چىقىش لېۋىدىكى قارىياغاچلىق ئورمانلار ئۇدا بىر ھەپتە ياققان مۆلدۈر ئارىلاش يامغۇر ۋە قاردىن كېيىن بۈگۈنكى ئوچۇق ھاۋادا قوياشنىڭ ئىسسىق نۇرى تەپتىدىن قايتا جانلىنىپ، كۆپ – كۆك باراقسانلىق تۈسكە كىرگەن ئىدى. جەنۇبىي تاغ (نەنسەن) جىلغىلىرىدىن ئۇرغۇپ – دولقۇنلاپ چۈشكەن قار ۋە يامغۇر سۇلىرى، شەھەر كوچىسى ئارىسىدىكى ئېرىق – ئۆستەڭلەردىن قوشۇلغان لاي – لاتقىلىق سۇلار بىلەن بارغانسېرى سەمەپ – ئۇلغىيىپ، شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى سايلىق ئېقىندىن ئۆركەشلىنىپ كېلىپ، ھېلىقى قىيالىق چوققىىغا باغرىنى ئۇرۇپ ئۆتۈش ئارقىلىق – بۈيۈك جۇڭغارىيە ئويمانلىقىغا قاراپ كېتەتتى. قىيانلار ئەۋجىدىن ھاسىل بولغان بۇ چوڭ دولقۇن، بىر قاراشتا كىشىگە خۇددى شىددەت بىلەن
    ئېقىۋاتقان يانار تاغ لاۋا – لاتقىلىرىنى ئەسلىتىپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاستىدا گويا پارتلاش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋولقان باردەك ھېس قىلدۇراتتى، دېمىسىمۇ كىشىلەر بۇ كۈنلەردە ئەنە شۇنداق سىرلىق بىر تەۋرىنىش ۋە تەشۋىش ئىچىدە تۇراتتى. قۇياش قىيامىدىن سەل قايرىلغان چاغدا، سوپى چەندازا قىزىلتاغ ئۈستىدە پەسكە قاراپ ماڭدى. ئۇ، پەللىمۇ پەللە تۆۋەنلەپ چۈشۈۋېتىپ، يەنە ئاللىقانداق چىگىش خىياللار ئىچىدە، ئۆز – ئۆزىگە سۇئال قوياتتى :
    ئاجايىپ سىرلىق ھېكىمەت، چوڭقۇر تىلسىمات ! دۇنيانىڭ خۇي – پەيلى، زاماننىڭ خۇي –پەيلى، ئادىمىزاتنىڭ خۇي – پەيلى نېمىشكە بۇنچىۋالا ئوخشىشپ كېتىدىغاندۇ؟ بىر دەم تۇتۇلۇش، بىردەم ئېچىلىش، بىردەم غەزەپلىنىش ! بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ قايسىسى قايسى تەرەپنى دورايدىغاندۇ؟…
    سوپى چەندازا ئۆزىنىڭ بۇ گىدىرماچ خىيالى بىلەن بەنت بولغىنىچە مېڭىپ، شەھەرنىڭ جەنۇبىي قاپقىغى يېنىدىكى بىر كىچىك ئاشخانىغا كىرىپ غىزالاندى. ئاندىن ئۇ، پىشىن مەزگىلىدە مال بازىرىدىكى بىر مىچىت ئالدىغا كەلدى. بۇ يەردە يېڭىدىن سېلىنغان بالىخانىلىق بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىغا 20-30چە كىشى توپلىشىۋالغان ئىدى. ئۇ، مىچىت ئالدىدىن قايرىلدى – دە، ئۇدۇل ئەنە شۇ ئادەملەر توپى قاتارىغا باردى. ئۇ كىشىلەرنىڭ يېڭى ئىمارەت توغرىلىق قىلىشىۋاتقان گەپ – سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. ھەممىدىن كۈلكىلىگى بىر قىسىم تىجىمەل – ھورۇنلارنىڭ بۇ يېڭى ئىمارەتكە ئەيىپ قويۇپ، ئاخمىقانە سۆزلەشلىرى سوپى چەندازىنىڭ ئەرۋايىنى ئۆر لەتمەكتە ئىدى. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ يەكپاي گەپ – سۆزلىرىنى بىر دەم تەخىر قىلىپ ئاڭلىدى :
    ئىمارەتنىڭ ھۇلى پەس بولۇپ قاپتۇ، بىرەر يىلغا بارا – بارمايلا سۇنىڭ تېگىدە قالىدۇ – دە، يىقىلىپ چۈشىدۇ.
    دەرىزىسى تەسكەي تەرەپكە بولۇپ قاپتۇ.
    توغرا تېمى تۈز قوپۇرۇلماپتۇ.
    ياغاچلىرى ئىنچىكە بولۇپ قاپتۇ.
    تەكچە ھەم دەرىزىلىرى كىچىك بولۇپ قاپتۇ، قاچا – قۇچا سىغمايدۇ. ..
    سوپى چەندازا بۇ گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاستا كىرىپ، يېڭى ئىمارەتنى كۆرۈپ چىقتى – دە، ئاۋۇلارغا دېدى :
    مەن باياتىن سىلەرنى ئۇستا تامچىلاردىن ئوخشايدۇ دەپتىمەن، پەمىمچە سىلەر كۆپۈڭلار: » قىشلىغى قايان باراي، يازلىغى ساراي سالاي« دەپ ھوناپ يۈرىدىغانلاردىن ئوخشىمامسىلەر؟ پىشانىسىدىن تەر ئاققۇزۇپ ئىشلىگەن ئەرنىڭ قولىدىلا مۇشۇنداق ئىمارەت پۈتىدۇ. ھورۇن ئىشەكنىڭ يېمى تولۇق دېگەندەك …
    شۇ ئەسنادا كۆنچىمەھەلللىسى تەرەپتىكى بۇلاقبېشى كوچىشىدىن ھاسىراپ – ھۆمىدەپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەلگەن 20 ياشلاردىكى يىگىت توپىنىڭ يېنىدا توختىدى – دە :
    ئادەم ئۆلدى ! بۇلاقبېشى يېنىدىكى كۆكتاتلىقتا … بىر ئادەم ! – دەپ ، تەشۋىشلىك خەۋەرنى ئېيتىپلا بەدەر چوڭ كوچا تەرەپكە كەتتى.
    لېكىن، بۇ جىددى خەۋەرنى ئاڭلىغان ئادەملەر دەسلەپتە ھاڭ – تاڭ بولۇشقان، جىددىلاشقان كۆرۈپ كېلىشكە ئىنتىلمەكتە »تاماشا« بولسىمۇ، كېيىنمەھەللىگە چۈشۈپ، بەزىلىرى شۇ يەرگە بېرىپ ئىدى. سوپى چەندازا كۆپچىلىككە: » سۆز قوغلىغان دەرتكە يو لۇقار، يول قوغلىغان غەزىنىگە«. دەيدىغان گەپ بار. بايىقى خەۋەردە چۇقۇم بىر شۇملۇق بار ، » تۆگە كۆردۇڭمۇ، يوق « دېگەندەك، غىرت قىسىشىپ، ئاستا يولىمىزغا راۋان بولغىنىمىز ياخشى، دېدى.
    ئادەملەر تارقىلىشقا باشلىغاندا ئاللىقاچان گۇگۇم چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. دېگەندەك، ئارىدىن ئانچە ئۆتمەيلا كوچىلارغا قوراللىق ھەربى، ساقچىلار تولۇپ كەتتى. پۈتۈن شەھەرنى ئىنتايىن دەھشەتلىك تەشۋىش قاپلاشقا باشلىدى. شۇ كۈنى تۈن يېرىمىدىن كېيىن، چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ كەتتى. كىشىلەر پانا ئىزلەپ تاغ جىلغىلىرىغا قاراپ قېچىشماقتا ئىدى. ئادەتتە مەيخانىدىن نېرى كېتەلمەيدىغان ۋە مەي –شاراپسىز يۈرەلمەيدىغان بىۋاك پىيانچۇكلارمۇ بۇ دەھشەتلىك كېچىنىڭ قۇربانى بولۇشتىن خالىي بولالمىدى.
    تۈن نىسبى مەزگىلى ئىدى. ياش بىر پىيانچۇك غەرق مەس ھالدا نەنلياڭ كوچىسىنىڭ قاق ئوتتۇرىدا ئوڭ ۋە سولغا دۈگۈجۈپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ، گاەىدا كارنىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ: »ئىشپىيۇن ! ئىشپىيۇن! «دەپ سۈرەن سالاتتى ۋە مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، خۇددى جۆيلۈگەندەك سۆزلەپ كېتەتتى :
    قېنى دىگىنە، ماڭا ئۆتكۈزۈپ قويغىنىڭ بارمىدى؟ نىمىشكە ماڭا مۇنچىۋالا ئەگىشىۋالىسەن ! ھىلى جۇمۇ، ھىلى خامىرىڭنى مىجىپ تاشلايمەن!…
    پىيانچۈك بارغانچە جىددىيلىشىپ بىردە ئوڭغا، بىردە سولغا مۇشت تەڭلەيتتى. بىراق، ئۇنىڭ مۇشتۇمى تېگىدىغان نىشان يوق ئىدى. ئۇ گاەىدا ئالدى – كەينىگە قاچاتتى. چارچاپ قالغاندا يەنە ئىزىدا توختايتتى. ئۇ ئۆزىنى قوغلىشىپ يۈرگەن» ئىشپىيۇن«، دىن قۇتۇلالمىغىنىغا دەر غەزەپ بولۇپ، ھالسىزلىنىپ پات – پات يىقىلىپ چۈشەتتى. » قورققان سايىسىدىن ئۈركۈپتۇ« دېگەندەك، بۇ پىيانچۈكنىڭ كەينىگە بۈگۈن ئەگىشىۋالغىنى پەقەت ئايدىڭ كېچىدىكى ئۆز سايىسى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالى ئاشۇ بۇلاقبېشىدىكى ئۆلۈم پاجىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئۈچۈن ئاشۇنداق »قورققانغا قوش كۆرۈنەر« سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ قاتتىق بىئارام بولماقتا ئىدى. ئۇ نىسبى شەپىدىن ئۆتكەنگە قەدەر »ئىشپىيون سايە «بىلەن ھەپىلىشىپ ۋە ئېلىشىپ، ئاخىرى دەرمانى كېتىپ يىقىلدى. ئۇ نەمكەش يەرگە پاقىدەك چاپلاشقان پېتى ياتاتتى. باش توخۇ مەھەللىدە ساقچى كېلىپ قالدى – دە، ئۇ مەسنى ھەيدەپ كەتتى.

    ئىككىنچى باپ

    يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ سىرى دەھشەتلىك تارىخىي تىراگېدىيە «ئالتۇن يېغىلىغى» غا بېرىپ تاقىلاتتى. بۇ تىراگېدىيە بولسا 1942 – يىلى ئىيۇندا يۈز بەرگەن ئىدى.

     

    تۈمەن دەرياسى بويىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىكتە بىنا بولغان ئەزىزانە قەشقەر ھېساپسىز تارىخىي قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، پامىر ئېتىگىدە يەنىلا مەردانە قەد كۆتۈرۈپ تۈرماقتا ۋە يەنىلا پۈتۈنتارىم ئويمانلىقىنىڭ مەنىۋى مەشئىلى بولۇشتەك پارلاق ۋە ئۇلۇغۋار شۆھرىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى.ھەر يىلى پەسىللەرنىڭ مۇناسىپ مەۋسۈمىدە بۈك – باراقسان تاللار ۋە تۈرلۈك شېرىن مېۋىزار باغۇ –بوستانلار بىلەن ئاجايىپ رەڭدار كىيىنگەن بۇ مۇقەددەس دىيارنىڭ گۈزەل مەنزىرسى ئىختىيارسىز ھالداھەر بىر كۆز ۋە كۆڭۈلنىڭ زەۋقىنى جەلپ قىلاتتى.بۈگۈن ئىيۇننىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى چوڭ بازار بولىدىغان پەيشەنبە كۈنى. زۇمرەتتەك سۈزۈك ئاسمانخۇددى ئىسىل ئەينەكتەك يالتىرايتتى. شەھەرنىڭ قايناق مەركىزىدىكى ھېيىتكار مۇھىتىغا نۇر سېپىپ تۇرغان قۇياشنىڭ جىلۋىسى ئارات رەستە – كوچىلاردا سىماپتەك ۋىلىلداپ جۇلا قىلاتتى.شەھەرگە ئەتراپلاردىن تۈرلۈك – تۈمەن مېۋىلەرنى چوڭ – كىچىك سىۋەتلەرگە قاچىلاپ ئېلىپكىرگەن ئىشچان ۋە پاراسەتلىك باغۋەن – دېھقانلارنىڭ پەيزىلىك توۋلاشلىرى ھەم شېرىن مېۋە –چىۋىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى كىشىنىڭ كۆڭلىنى ھوزۇرلاندۇراتتى.ھېيتكارنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر مەدىنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتىياتىر كۈلۈبى ئالدىدىكى ئازادە كەڭ مەيدانغا قاتارمۇ – قاتار قويۇلغان كاۋاپدانلار ھەم تۆتتەرەپتىكى ئاشخانا ۋە ناۋايخانىلاردىن تارقىلىۋاتقان تاتلىق تاماقلارنىڭ مېزىلىك پۇراقلىرىمۇ ئىشتىھا ئەلنەغمىلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچاتتى.مەيدانىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە توپلىشىپ تۇرغان بېشىغا گىجىم رومال، تور رومال ۋە داكىلارنى ئارتىۋالغان سۇچۇك سۆزلۈك قىز – چوكانلارنىڭ باش، قول ۋە قولتۇقلىرىدىكى رەڭگارەڭ چىرايلىق دوپپىلاركۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، كۆڭۈللەرنى كۆيدۈرەتتى.قوللىرىدا زىخچا ئالتۇن ۋە تىللالارنى جىرىڭلىتىپ، ئۆتكەن –كەچكەنلەرگە كۆز – كۆز قىلىپ يۈرۈشكەن بىر مۇنچە مەككار سەرراپلار ھېدىيىپ ۋە ھېجىيىپ، تاپان توزاقلىرىغا جاي ۋە جان كۆزلەپ باراتتى. زەرگەر ئۇستىلار كۆزلىرىگە غۇۋالاشقان ئەينەك تاقىۋېلىپ، رەستىنىڭ پىنھان يەرلىرىدە ھە دەپ ئىشلەپ، ھاجەتمەنلەرنىڭ بۇيرۇتمىلىرىنى قولىدىن چىقىرىشقا ئالدىرىماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا توپلىشىۋالغان جۇۋانلارنىڭ بەزىلىرى بىزەكلەرنىڭ سەرخىلىنى تاللاش بىلەن بەنت بولاتتى. يەنە بەزىلىرى بولسا قولىدىكى بىزەكلىرىنىڭ جىڭ – جالىغىنى ئېنىقلىتىش ئۈچۈن زەرگەرلەرگە تەكلىپ تەۋەززۇرلارقىلاتتى .ئەجەپكى، ئۇلارنىڭ قاتارىدىكى ئورۇق، سەل دۈمچەكرەك كەلگەن بىر ئۇستام بىر كىشى كۆرسەتكەن ئالتۇن ساپاقنىڭ ساپ ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىش بىلەن، بۇ خالىسانە خىزمىتى ئۈچۈن ئەتىگەندىلا ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىگە تەڭ قىسلىق تېپىۋالدى. بۇ، بىر توي تەرەددۇتنىڭ مېلى ئىدى. يىگىت تەرەپنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن سېمىز جۇۋان گىجىمرومىلىنىڭ تۆشۈگىدىن زەرگەر ئۇستامغا ھۆمىيىپ بىر ئالايدى – دە، زەردىسى بىلەن تېگىش قىلغىلى باشلىدى :-ئۇستام،
    -نېمە دەپ يۈرىدىلا، كۆزلىرىگە تور باغلاپ قالدىمۇ، نىمە؟ لىللا گەپ قىلغۇلۇق ئەمەسمۇ؟
    -ئادىل سۆز قىلمىسىلا ئاخىرەتكە نېمە دەپ بارىلا؟ مۇشۇنداق جىڭ ئالتۇننى جا دېيىشكە نېمە ھەدىللىرى؟
    زەرگەرنىڭ غۇژژىدە كەيپى ئۆرلىدى – دە، سېمىز جۇۋانغا كۆزەينىگنىڭ تېگىدىن تازا بىر ئالىيىپ
    قارىۋېتىپ :
    -خېنىم،
    نېمە ئەتىگەندە ماڭا بۇنچە قاۋاپ بېرىدىلا، مەن سىلىنى دۇكىنىمغا چىللاپ كەلدىممۇ؟ سىلى ئاخىرەتنى بىلسىلە خەقنىڭ بۆكىگە جىگدە سالماقچى مىدىلە، دېدى.
    زەرگەر قارىماققا 6 0 لاردىن ئاشقان دىلى نازۇك، سەپرا مىجەز كىشى ئىدى. «باپكا قېرىسا بۆزدىن، زەرگەر قېرىسا كۆز دىن »دېگەندەك، ئۇنىڭ ئىككىلا كۆزى ئۆمچۈك تور باغلاپ قويغاندەك بىر ئاز خىرە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ پات -پاتلا» كۆزۈم تورلىشىپ بولالمايۋاتىمەن« دەپ زارلىنىپ يۈرەتتى. سېمىز جۇۋاننىڭ «كۆزلىرىگە تور باغلاپ قالدىمۇ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇستامنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ، مىجەزى چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. زەرگەرنىڭ كۆسى بېسىلماي ھېلىقى جۇۋانغا يەنە تېگىش قىلىپ : خېنىم« لايدىن ياسىغان خام كوزا، سۇغا چۈشسە ساق چىقالمايدذ» ئەمەسمۇ؟ ناباپ مال بىلەن نائىنسابلىق ئەمەسمۇ؟ ياكى «قىزىڭنى ئالغىچە قىرىڭدىن ئۆتەي، ئېلىۋېلىپ جېنىڭدىن ئۆتەي » قىلماقچىمۇ، يە؟….. دېدى.
    بۇ يەردە قىز تەرەپنىڭ ۋەكىلىمۇ ھازىر ئىدى. ئىگىز بويلۇق ئۇ جۇۋان زەرگەرگە قۇشۇمچە قىلىپ :
    -ئۇستام راست ئېيتىدۇ، نېمە ئانچىۋالا كۆپۈپ كەتكۈلۈك؟ كۆڭلىمىز توغرا بولسا، ئالتۇن جابدۇقسىزمۇ ئىش ئەپلىشىۋېرىدذ. ئانىمىز بىزنى ئالتۇن ئۈستىگە تۇغمىغان
    «ياغاچ قازاندا ئاش بىر قېتىملا پىشىدۇ» دېد ى.
    گەپنىڭ مېغىزىنى دىسىلە خېنىم، زەرگەر قىز تەرەپ ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە ماز بولۇپ « توي دېگەن ئۆمۈر سودىسى» دېگەننى قوشۇپ قويدى. تاپا – تەنىلەرنى ئاڭلىغان سېمىز جۇۋان خۇددى گېلىگە سۆثةك قادالغاندەكلا غىققىدە بولۇپ قالد ى.
    كېيىن ئۆزىچە ھار ئېلىپ، قورسىقى ئېسىلدى – دە، يەنە باشقىدىن ۋالاقلىغىلى تۇردى :
    ، ۋاي، جېنىمەي، ماڭا نېمىتى؟ بېرىپلا يىگىتنىڭ ئانىسىغا ئېيتىمەن – دە «بوي يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق» ئىكەن، دەيمەن ۋەسسالام. شۇنىڭ بىلەن توينى بۇزۇپ تاشلايمەن. «توينىڭ ئەلچىسى بولغىچە، باينىڭ غالچىسى بول» دېگەننى ئۇقماپتىمەن. «
    -چاپسان بارسىلا خېنىم، زەللىلىرى سوۋۇپ قالمىسۇن. بۇنداق دوقلىرىغا پەرۋايىم پەلەك. قىزىمىز ئۆزىگە ئۆزى ئالتۇن.
    سېمىز جۇۋان دوق قىلىپ، پىشىنى قاققان پېتى دۇكاندىن چىقىپ كەتتى. زەرگەر ئۇستام بىر كۈلۈپ، بىر تېرىكىپ:
    -توۋا بۇ جۇۋان «ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس، يارىغىم يالغانچى»، دېسىلا ئىش پۈتمەسمىدى،دېدى – دە، يەنە ئىشىنى قىلىۋەردى.
    چۈش مەھەل ۋاقتى. شەھەرنىڭ كوچىلىرى ئادەم قاينىمىغا ئايلىنىپ، بازار تېخىمۇ قىزىماقتا ئىدى.
    سۈپ – سۈزۈك ئاسماندا توپ – توپ كەپتەرلەر ئەركىن پەرۋاز قىلىشماقتا. بەزى كوچىلاردا بالىلار
    ئىككى تەرەپ بولۇشۇپ، خوراز سوقۇشتۇرۇپ يۈرۈشەتتى. تۈمەن دەرياسى بويىدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر
    مەشىق مەيدانىغا يېقىن كەڭ تۈزدە بىر توپ ئادەملەر ھەدەپ ئىت تالاشتۇرۇش بىلەن مەسخۇش ئىدى.
    بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاللىقانداق نادانلار ئىتنىڭ كەينىگە كىرىپ، گاھىدا تالىشىپ، بىر دەمدىلا ئېغىز-بۇرۇنلىرى قانغا مىلىنىپ كېتىشەتتى. كۈن قىيامىدىن قايرىلغان مەھەلىدە ھېىيتكاردىكى مىغ – مىغ ئادەملەر توساتتىنلا ئاسمانغا قاراشقىلى باشلىدى.بىر جۈپ لاچىن قاياقتىندۇر غةزەپ بىلەن ئېتىلىپ كەلگەن پېتى ئىگىزدە پەرۋاز قىلىۋاتقان ھېلىقى كەپتەرلەرنى ئارىغا ئېلىۋالدى – دە، قېچىشقا ئۇرۇنغانلىرىنى سوقۇپ، بىر – بىرلەپ تېرە – پىرەن قىلاتتى. دەل شۇ چاغدا ھېيتكار پەشتىقىنىڭ ئۈستىدىكى يېڭى ئاي مەشئىلى بىكىتىلگەن مۇناردا بىخارامان سايراۋاتقان بىر جۈپ كاككۇكمۇ ئاسماندا يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن چۆچۈپ ھۈركىگەن پېتى نەزەرباغ تەرەپكە بەدەر قاچتى.
    مۇشۇ پەيىتتە، بىر توپ ئادەملەر چوڭ خانىقا ئالدىغا چاپلانغان بىر چوڭ ئېلا ننى ئوقۇماقتا ئىدى.
    قىستا – قىستاڭ ئىچىدە ئېلانغا يېقىن بارالمىغانلار بىر – بىرىدىن تەقەززالىقتا سورايتتى :
    ئوقۇيالىدىڭىزمۇ،
    نېمە گەپكەن؟
    ئوقۇغانلار ئېيتىپ بىرەتتى :
    ياشلارنى ئالتايغا ئالتۇن كولاشقا-« باي بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئېلانى… « ئىكەن.
    -قاسساپ جان قايغۇسىدا، ئۆچكە جان قايغۇسىدا دېگەن شۇ دە ! – دەيتتى كىشىلەر، ئاستا پىچىرلىشىپ.
    ئادەملەر جىددى ساراسىمىگە چۈشمەكتە ئىدى.
    شۇ ئەسنادا ئۇيغۇر ئۇيۇشما تەرەپتىن ئىگىز بويلۇق جارچى كارنىيى يىرتىلغىدەك ۋارقىراپ، ھېيتكار مەيدانىغا كىرىپ كەلمەكتە ئىدى :
    ئالتايدا تولا ئالتۇن،
    بارساڭ بىلىسەن باللا ؛
    ئالتۇنغا تويۇپ كۆزۈڭ،
    باي بوپ كېلىسەن باللا.
    غةم – دەرتتىن خالاس بولۇپ،
    ئويناپ كۈلىسەن باللا.
    يول يىراق دىمە ھەرگىز،
    راھەت كۆرىسەن باللا.
    مەيلىڭ بولسا ئالتۇنغا،
    نىمىشكە تۇرىسەن باللا.
    بارمىساڭ قىلى پ پۇشايمان،
    ھەسرەت چېكىسەن باللا…
    «ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق» جارچىنىڭ ئويناۋاتقان سىرلىق كومېدىيىسى ئىنتايىن يوشۇرۇن ۋە رەزىل پىلان يېتەكچىلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى كۇلۇبىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىگىز ۋە ھەيۋەتلىك پەشتىغىدا بىر ھەربى ۋە بىر ساقچى ئوفىتسىر ھېيتكار مەيدانىغا قاراپ تەكەببۇرانە قىياپەتتە غادىيىپ تۇراتتى. مانا شۇ ئىككى ئوفىتسىر بۈگۈندىن باشلانغان «ئالتۇن تىراگېدىيسى» نىڭ «ماھىر» رېژىسسورلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئىگىز بويلۇق، شوينا بەل ئادەم بولۇپ، يىڭجاڭلىق ھەربى ئۇنۋانىغا ئىگە ئىدى. ئىككىنچىسى غوللۇق، دوغىلاقراق بولۇپ، ساقچىنىڭ شۈڭگىنى ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھېيتكار مەيدانىدىكى ئادەملەر خۇددى بۆرىدىن ھۈركىگەن قويدەك تەرەپ – تەرەپكە پېتىراپ كېتىشكە باشلىدى. شۇندىن كېيىن كوچا ئېغىزلىرىدا قوراللىق بىر نىمىلەر پەيدا بولدى – دە، جېجاڭ، گەيجاڭلارنىڭ ئارىلاشما زوراۋانلىقلىرى بىلەن ياشلارنى تۇتۇش ئىشى باشلاندى. ئۇلار ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان مەخسۇس گازارمىلارغا ئېلىپ بېرىلىپ، نەزەر بەنت قىلىناتتى. ھازىر ھېيتكاردا يۈز بېرىۋاتقان بۇ تىرورلۇق تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەممە شەھەر – يېزىلاردا بىردەك داۋام قىلماقتا. بالا – قازانىڭ قازىنى كەمبەغةل بىچارىلەرنىڭ بېشىدا قاينىماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ نالە – زار، ئاھۇ پەريادى پەلەك پەيمانلىرىنى زىلزىگە كەلتۈرۈپ باراتتى. بەگلەر بىلەن باي غوجاملار بولسا، ئۆز پەرزەنتلىرىنى بۇ ئىشقا يېقىن يولاتمىغاننىڭ ئۈستىگە كەمبەغةللەرنىڭ بالىلىرىنى تۇتۇپ بېرىشتە ئەڭ ئەشەددى قەللاپ (ئادەم سودىگىرى) سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن ئولجا – ئۈنۈملەرگە ئىگە بولماقتا ئىدى. بالا قازا « باينىڭ يېنىغا كېلەر، كەمبەغةلنىڭ جېنىغا» دىگەن ئەھۋاللار ئەمەلدە ئىسپاتلانماقتا ئىدى.
    بىر يىگىت ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي زبەردەسىت دەسسەپ ھېيتكارغا كېلىپ توختىدى – دە، ئەتراپقا نەزەر تاشلاشقا باشلىدى.
    ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىتنىڭ يېنىغا ئاق ساقال بىر بوۋاي پايدا بولۇپ، غةمخورلۇق ئاھاڭىدا :
    ، بالام بۇ يەردە تۇرما، تېزرەك كېتىۋال « ھۆپۆپ دۆڭگە چىقسا قۇش يەر، يىتىم دۆڭگە چىقسا مۇشت» دەيدىغان گەپ بىكار ئەمەس، ھازىر خەتەرلىك، ساڭا بىر پالاكەتچىلىك چاپلاشمىسۇن.
    -رەھمەت ئاتا، دېدى يىگىت، بوۋايغا مۇلايىم تەلەپپۇز بىلەن – راست، ھازىر خەتەرلىك، ئاسمان چوغ، زىمىن قوغ بولماقتا. جىنايەتكار ئالتۇن مېنىڭ بەختىمگىمۇ ئىبلىس قولىنى سوزماقتا، شۇڭا ئالتۇن كولاشقا ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بارىمە ن، « يە بايدىن چىقارمەن، يە سايرامدىن »
    يىگىت بىلەن بوۋاينىڭ سۆزى تېخى ئۈزۈلمىگەن پەيىتتە، توساتتىن بىر قىزنىڭ يىگىتنى چاقىرغان يېقىملىق ئاۋازى ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزدى :
    ئىر پان ئاكا …
    يىگىت دەرھال قىز تەرەپكە قارىدى . 12 ياشلار چامىسىدىكى ئوماققىنە قىز كىچىككىنا بىر پارچە خەتنى ئىرپانغا سۇنۇپ تۇرۇپ :
    ئەتىگەن سىزنى ئىزلەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى، بۇ خەتنى ئاچام ئەۋەتتى. خوش، ئەمىسە مەن كەتتىم … ، دېدى.
    قىز ناھايىتى ئىلدام ماڭدى. ئۇ كېلىشى بىلەن بوۋاي ئىرپان بىلەن خەيرلىشىپ كېتىپ قالغان ئىدى.
    ئىرپان تەقەززالىق بىلەن خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى :
    …»باشپانايىم ئىرپان، سىز ھەرگىزمۇ كېتىپ قالماڭ، ھەر نېمە كۆرسەك تەڭ كۆرەيلى، سىز بولمىسىڭىز بۇ جاھان ماڭا بولىدۇ زىندان «…
    خەتنى ئوقۇغان ئىرپاننىڭ پىشانىسىدىن تەر مونچاقلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇددى قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك، بىر ھازا جىمىپ كەتتى، ئۇنى خېلىدىن بۇيان يىتىملىك -يوقسىزلىق بىلەن ئىشقى ئازابى قىينىماقتا ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ « يە جاندىن كەچ ياكى جاناندىن » دېگەن رەھىمسىز سىناق گىرۋىكىدە بېشى قېيىپ تېڭىرقىماقتا ئىدى. ماقۇل، دېدى ئۇ، ئاخىرى قەتئىي قارارغا كېلىپ، چولپاننىڭ رايىغا باقاي. ئىرپان ئۆزىنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىيالىغىدەك پىچىرلاپ، ئاشۇ سۆزنى دېدى – دە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، يارباغ كوچىسى تەرەپكە كەتتى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.