-
2010-11-13
تارىخ قانداق يېزىلىشى كېرەك ؟؟ - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/83559294.html
تارىخ قانداق يېزىلىشى كېرەك ؟؟
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
تارىخ ئالدى بىلەن ئىنسانىيەت ھاياتلىق كۈرەشلىرى تارىخ بۇلۇشى بىلەن بىللە ، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىش تارىخدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىنى تاكى يېزىق بىلەن ئىپادىلىگۈچە بولغان ئۇزاق زامانلار داۋامىدا تاش ، يېزىق ۋە مىتالدىن ، كاش ۋە ئۇستىخاندىن ياسالغان ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، جۈملىدىن ئەڭ ئىپتىدائىي ئىتقاد ۋە سەنئەت يادىكارلىقلىرىغا « يېزىپ » قالدۇرغان .
مەلۇمكى ، ئىنسان ئۇچۇر قالدۇرغۇچى زاتتۇر . ئەگەر بىز ، يېزىقنى ئۇچۇر دەپ قارىغىنىمىزدا ، ئۇچۇرنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئەگەر ئۇ ساقلىنىپ قالغان بولسا ، ئۇچۇر قىمىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ بىۋاستە ، بىرىنچى قۇل ، ئەمەلىي ۋە كونكىرىت چۆكمىلىرى ھەرقانداق تارىىچىنىڭ ، بۇلۇپمۇ ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ ھەرىپ بىلەن يازغان تارىخىدىن چىنراق ئۇچۇر قىمىتىگە ئىگە . بۇ ھەقتە بىز مۇنداق قارايمىز :
بىرىنچىدىن ، تارىخنى ھەممىدىن ئىلگىرى ئۇنى ياراتقان خەلىقنىڭ تارىخ ئىزى ، تارىخ چۆكمىلىرى ، تارىخ ئۇچۇرىنى ئاساس قىلىپ مۇھاكىمە قىلىش كېرەك . ئۇ ، باشقا ۋاستىلىك ، يازما مەلۇماتلارنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان مىزان .
ئىككىنچىدىن ، تارىخنىڭ ئۇچۇرى ئۇنى يارارتقان خەلىقنىڭ تۇرمۇش – كەچۈرمىشلىرىدەك ئىزچىللىققا ، سېستىمىلىققا ، مەنتىقىلىققا ۋە ئەنئەنىۋىيلىككە ئىگە . ياسالما « پاكىت » لار ياتلىقى ، ياسالمىلىقى ، تەنھا ۋە تاسادىپىيلىقى بىلەن سىڭمەيدۇ .
ئۇچىنچىدىن ، ئۇچۇر تارىخ ھېسابلىنىدىكەن ، ھەممە خەلىقنىڭ تارىخى ئوخشاشلا تۇلىمۇ قەدىمدۇر . يازما تارىخى مەنبەلەر يىتەرلىك توپلىنىشى ، يېزىقتىن ئىلگىركى يېزىق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن تامغا – بەلگىلەر روشەنلەشتۈرۈلىشى ، پۈتۈن ئۇچۇر تارىخى ئېتىبارغا ئېلىنىشى لازىم .
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىنىڭ « قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
收藏到:Del.icio.us
评论