ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-13

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن كىم ؟ - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/83557967.html


        ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلمىي مۇۋەپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى قايىل قىلارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇرئالىم ، تالانتلىق ئەدىب ، تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933- يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كىيىن ، 1950- يىلغىچە نەزەر باغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4 يىل ئوقۇغان . 1950- يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان . يىغىندىن كىيىن شىئەن ، بېيجىڭ ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ بىئو - خېمىيە فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان . 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەخسىم قىلىنغان . شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان . مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى ، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى ، ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان . يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا ، ماتىماتىكا ، بىئولوگىيە ، خېمىيە ۋە ئاگرانومىيە سىنىپلىرىغا ماركىسىزىم ئاساسلىرى ، پەلسەپە دەرىسلىرىنى ئۆتكەن.1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماركىسىزىم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان . ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ماركىسىزىم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ، بىر نەچچە خىل دەرىس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرىسلەرنىڭ دەرىسلىكىنى تۈزۈپ چىققان . بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى(ئۇيغۇرچە نەشىرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان . ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان . ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956- يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژورنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان . بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادقۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى . ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن 20 يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن . 1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىن خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن . 1961- يىلى ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن . بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى ، 24 تارىخنى ، ئەنگىلىيە دىراماتورگى شىكىسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى ، ھىندىستاننىڭ رامانايا ، ماخاپىراتا داستانلىرىنى ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان 15 توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخىنى ، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرىنى , بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى ، ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودىسسا داستانلىرىنى ، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنى ، قۇرئان كەرىم ، ئىنجىل ۋە تەۋراتنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرىنى ، ئەپلاتۇن ، ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى ، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى ، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى دىرامىلىرىنى ، ماركىس - ئېنگىلىس ئەسەرلىرىنى ،  نەۋائى ، بابۇر ، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۈگەنگەن . ئۇ بۇ جەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان . ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرۇغلار قوشىقى ، قەدىمكى يىپەك يولى ، خەن ئوردىسىدا باھار ، مەلىكە خۇارۇڭ ، تەڭرىتاغ ناخشىسى ، دات باسماس قىلىچ ، پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دىراما يېزىپ چىققان . جاۋاھىرۇل ھاقايىق دىگەن ماۋزودا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995- يىلىنىڭ بېشىدا 4 - قېتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان . يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان . مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۇك بۇ ئالىم ناھەقچىلىق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن . سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لېرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان . 1978- يىلى پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دىگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە 1980 - يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا يۆتكىلىپ ، ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ كىتاب ، ماقالە ، رۇبائىي ، شېئىر - غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان . 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى - (قۇتادقۇبىلىك) دىگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن . 1980- يىللاردا ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە ، شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا - ئۇسۇل سەنئىتى ، فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى ، ئومۇمىي ئىستىتىكا ، چوغلۇق ، رۇبائىيات(1) ، رۇبائىيات(2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان . ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كىيىن ئېلان قىلىنغان  روھنى ساغلاملاشتۇرۇش ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى، ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار ، ئارىفنامە ، يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت ،  يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي - ساك - ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق ، ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى ،  ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋەكىيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى ، ئەلشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى ، ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى ، نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ، ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ، ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشىشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى . ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ، غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى ، قۇتادقۇبىلىك خەزىنىسى ، ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى ، سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن بىر - بىرلەپ نەشىر قىلىندى . بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە ، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ، سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا ، چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت - ژورناللاردا ئېلان قىلىندى . بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يېپيېڭى تۈس قوشقان ئىدى . ئەپسۇسكى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى ، تالانتلىق ئەدەبى ، تۆھپىكار  باغۋىنى ،  مول مىۋىلىك پىروفىسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئۆزىنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى ، گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ ، 1995- يىلى 2 -ئاينىڭ 27 - كۈنى زىققا كېسىلى تويۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبى بىلەن 62 يېشىدا بۇئالەم بىلەن خەيىرلەشتى .

     

     

         ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹‹كېسىلگەن قۇلاق›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1951– يىلى 8– ئايدا ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› دە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نۇرغۇن شېئىر، نەسىر ھەمدە ھېكايە، نەسىرلەرنى يازدى، ‹‹رۇبائىيات، ‹‹رۇبائىيلار››، ‹‹چوغلۇق››، ‹‹قارلىق تاغ شەجەرىسى››، ‹‹ئومۇمىي ئىستېتىكا››، ‹‹فارابىي ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى››، ‹‹ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە››، ‹‹شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا– ئۇسسۇل سەنئىتى›› قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىندى.  

     

     

         پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ كۆپلۈكى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تىرەنلىكىمۇ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شېئىرلىرىدىكى بىر ئالاھىدىلىك. شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پەلسەپىۋى پىكىرلىرى، پىكىرلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، پىكىرنىڭ تۇلۇق ئاياقلاشقانلىقى بىلەن كىشىنى تۇلۇق قايىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەربىر كۇپلېتى بىر رۇبائىغا ئوخشايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ شېئىرلىرى لىرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۇلار لىرىكىنىڭ يېقىملىق سازى بىلەن يۈرەكنىڭ نازۇك تارىلىرىنى تىترىتەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كىشىنى مەستخۇش قىلغۇچى سادا چىقىرالايدۇ.

     

     

         ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، غەربىي دىيار سەنئەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يىپەك يولى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.

     

     

         ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دەيدۇكى: بىلىم–ئىنسانىيەت ياراتقان ھەقىقەت ۋە قۇدرەت خەزىنىسى. ئىنسان بىلىش بىلەن ھايۋاندىن ، بىلىم بىلەن بىلىمسىز ناداندىن پەرق قىلىدۇ.

    مةنبة: تور ۋة مةن


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.