ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-08

    كەلپىن توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/82848769.html

    كەلپىن توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر
    مامۇت قۇربان



    رىۋايەت مەلۇم جاي، مەلۇم شەخسنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كەلپىن خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ بىر نەچچە رىۋايەتمۇ ھەم شۇنداق.
    1. ئېزىتقۇ رىۋايىتى: مىلادىدىن ئىلگىرى 336~348 يىللاردا ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىننىڭ ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىمى ھازىرقى ئاقچىنىڭ قۇلانسىرىق، سەپەرۋاي دېگەن جايلىرىغا چۈشكۈن بولۇپتۇ. قۇلانسىرىققا چۈشكۈن بولغان ئەسكەرلەر ئاتلىرىنى قويۇۋېتىپ، سۈت- قىمىز ئىچىپ، ئويناپ بىر ئاش پىشىمدىن كېيىن قارىسا ئۈچ ئات كۆرۈنگۈدەك شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئاتلارنى ئۇدا ئۈچ كۈن ئىزدەپ، ھېچيەردىن تاپالماي ئاخىرى يەنە ئۆزلىرى چۈشكۈن بولغان يەرگە كېلىپ قارىسا، ئۈچ ئاق شۇ پېتى تۇرغىدەك. ئۇلار بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ: «بۇ يەردە ئېزىتقۇ بار ئىكەن» دېيىشىپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خان بۇ يۇرتنى «ئېزىتقۇ يۇرتى» دەپ ئاتاپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى بۇ يۇرت «ئېزىتقۇلار ماكانى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانمىش.
    2. ئوغۇزخان مەزگىلىدە ئوغۇزخانغا قاراشلىق قەبىلە ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر تۈرك قەبىلىسى بولۇپ، ئۇ قەبىلە ھەمىشەم ئوغۇزخاننىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىغا بويسۇنمايدىكەن، خانغا ئولپاڭ (باج، سېلىق) مۇ تاپشۇرمايدىكەن، داۋاملىق خاننىڭ پەرمانلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ، خان ئەمەلدارلىرى بىلەن قارشىلىشىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەر تېپىپ تۇرىدىغان ئوغۇزخان، پەرمانىغا بويسۇنمايدىغان، سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، چاتاقچى بۇ قەبىلىنى تاغبۇلاقلىرى يۇرتى- كەلپىنگە سۈرگۈن قىپتۇ. ئۇلار كەلپىنگە كېلىپ، گەمە كولاپ، كەپىلەرنى ياساپ، چىدىر تىكىپ ماكانلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇرت «چاتاقچىلار يۇرتى» دەپ ئاتىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ ئىسىم ئاستا- ئاستا ئۆزگىرىپ «كەلفنىت» (ۋەدىسىدە تۇرغۇچىلار) دەپ ئاتىلىپ، كېيىن «كەلپىن» دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ، يۇرت نامى بولۇپ قالغان ئىكەن.
    3. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرلەردە غەربكە كۆچكەن توخرىلار 12 قەبىلە بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە «كالافان» (كالىغا ئىتائەت قىلغۇچى) دېيىلىدىغان بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار كەلپىنگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. شۇڭا «كەلپىن»، «كالافان» قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، كېيىن «كەلپىن» دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ يۇرتنىڭ نامى بولۇپ قالغان.
    4. زامان ئەۋۋىلىدە ھازىرقى خ−وتەن ئېلىدە داۋاملىق بوران چىقىپ تۇرغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ ماكانلىرى قۇم- بوران ئاستىدا قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ تۇرىدىكەن. ئەنە شۇ خوتەندىكى بىر سەھرانىڭ ئىككى چېتىدىكى ئىككى ئائىلىنىڭ قىز- ئوغۇللىرى بىر- بىرىگە ئاشىق ئىكەن. بىرىنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئوغلى بولسا، يەنە بىرىنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇدا بىر نەچچە يىل چىققان بوران، قۇم بارخانلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈپ تۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەپتۇ. ئوغۇل بوراننىڭ توختاپ ئاشىقى بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچە- كۈندۈز يىغلاپتۇ، ئاھ ئۇرۇپتۇ. قىزمۇ نالە قىلىپ، كۈن، ئايلارنى، يىللارنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپتۇ، لېكىن بوران زادىلا توختىمىغاچقا، ئۇلار ئۇچرىشالماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇل بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئۇ سۇلىرى ئەلۋەك بىر يۇرتقا ئاشىقى بىلەن كېلىپتۇدەك، ئۇلار خۇشاللىقىدىن سۈزۈك بۇلاق سۇلىرىنى ئىچىپتۇ، يۇيۇنۇپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئاشىقى ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندەك بوپتۇ- دە، چۆچۈپ ئويغانسا، ئۇ ئۆز ئاشىقى بىلەن بىللە ھېلىلا چۈشىدە كۆرگەن يەردە تۇرغۇدەك، ئاشىقىدىن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سورىغان ئىكەن، ئاشىقى چۈشىدە ئۇز يىگىتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ نالە قىلىپ چۆچۈپ ئويغانسا، بۇ يەردە تۇرغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ توشقانلاردەك سەكرىشىپتۇ، جەرەنلەردەك تاقلىشىپتۇ، ئوغلاق، قوزىلاردەك مەرىشىپتۇ، پۈتكۈل ھايۋانلار يىغىلىپ بۇ ئادىمىزاتنىڭ ئۇزلىقىغا مەسلىكى كېلىپتۇ، كۆك يايلىلىق بۆرە ئۇلارغا ياردەملىشىپ، گەمە كولىشىپ بېرىپتۇ، پىللار خارتۇملىرى بىلەن يىراقتىن ياغاچ توشۇپ كەپە ياسىشىپ بېرىپتۇ. ئۇلار توي قىلىپ توققۇز ئوغۇللۇق بولۇپ، بالىلىرى دېھقانچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىپتۇ. ئاتا- ئانىسى ئۇلارغا كەندىر تالاسىدىن رەخت توقۇش، يىپ ئىگىرىش، تېرىدىن كىيىم تىكىش، كىگىزچىلىك، پالاس توقۇش، موزدوزلۇق، تۆمۈرچىلىك قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىپتۇ. توققۇز بالا توققۇز خىل ھۈنەر ئۆگىنىپ جان ساقلاشقا باشلاپتۇ. بۇ يۇرت كېيىن بوستانلىققا ئايلىنىپتۇ. رىۋايەت قىلىنغان بۇ يۇرت ھازىرقى كەلپىن ئىكەن. ھازىرمۇ كەلپىندە ھۈنەرۋەن كۆپ.
    5. كەلپىن قەدىمدە ئۇنسۇ بەگلىكىگە قاراشلىق ئىكەن. كېيىن قۇم بەگلىكى ئۇنسۇ بەگلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندا كەلپىن قۇم بەگلىكىگە تەۋە بولغان ئىكەن. شۇ مەزگىللەردە كەلپىننىڭ ھازىرقى قارا كۈتكە سۇ باشلاپ چىقىش ھاشىرى (مەجبۇرىيەت ئەمگىكى)- قايغۇلۇق ھاشار بولغان ئىكەن. بۇ ھاشارغا ئەينى ۋاقتىدا، ئاقسۇنىڭ ئايكۆلدىن كىشىلەر كېلىپ تۇرىدىكەن. بۇ شەھەر ھاشارنىڭ ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇزاق داۋام قىلىشى، يولنىڭ يىراقلىقى، نامىنىڭ يامانلىقى بىلەن داڭلىق ئىكەن. بۇ ھاشارغا كېلىپ تۇرىدىغان ئايكۆل قىز- يىگىتلىرى ھاشار قايغۇسىدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن كەلپىندە تۇرۇپ قېلىشقا باشلاپتۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ ھاشار «قايغۇلۇق ھاشىرى» دەپ ئاتىلىپ، كېيىن بۇ ئىسىم ئاستا- ئاستا «قالغۇلۇق ھاشىرى»، «قاراپ كۈت ھاشىرى»، «قارا كۈت ھاشىرى» دەپ ئاتىلىپ، كېيىن «قارا كۈن» دېگەن بىر ئايماق شەكىللىنىپتۇ.
    6. كەلپىن قەدىمكى زامانلاردا جاڭگاللىق بولۇپ، ئۇ يەردە توغراق، يۇلغۇن، كۆرۈك (يۇلغۇن تىپىدىكى بىر خىل چاتقال)، سۆكسوك، تېرىلغا (شاۋى)، ھەر خىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، ساقساق (بىر خىل چاتقال)، ياۋا كەندىرلەر قويۇق ئۆسكەن، ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىكەن. بۇ جاڭگاللىقتا بىر ئوۋچى پەيدا بوپتۇ. ئۇ تېۋىلغىدىن ياسىۋالغان چومىقى بىلەن ھايۋان ئوۋلاشتا داڭق چىقارغان ئىكەن. ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيلىنىپتۇ، خوتۇنى ئارقا- ئارقىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ. كۈنلەر ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ، بالىلار چوڭ بوپتۇ. ئۇلارغا ھۈنەر ئۆگىنىشنى ئېيتسا، قۇلاق سالماپتۇ، ھەتتا ياۋا مېۋىلەرنى تېرىپ يېيىشنىمۇ بىلمەيدىغان، تەييار تاپ بولۇپ چوڭ بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇدا بىر نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىپ، جاڭگال- سايلاردا ئادەم بويى سۇلار ئېقىپتۇ. بالىلارنىڭ ئانىسى چوماقنى ئېلىپ، ئوۋغا چىقىپ كېتىپ كەلمەپتۇ. ئوغلى بىر دەرەخقە چىقىۋېلىپ، كەلكۈندىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. قورسىقى ئاچقان بالا ئاتا- ئانىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن دەرەختىن چۈشۈپ، قىيان ئېقىتىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يەپتۇ، قورسىقى ئاغرىپ كېيىن يېيىشكە پېتىنالماي، ئادىمىزات بار يەرنى ئىزدەپ ماڭغان ئىكەن بىر تاغ كۆرۈنۈپتۇ. بالا تاغقا چىقىپ، ئۆزى كەلگەن جاڭگال تەرەپكە قاراپ، ئاتا- ئانىسىنى چاقىرىپ، يىغلاپ، زارلىنىپ، يېشى قۇرۇپ، كۆزى ئاغرىپ، كۆزى چىمىلدايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇ بالىنىڭ كۆزى دەريا بولۇپ مازار ئېقىنىنى پەيدا قىلغانئىمىش. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بالىنىڭ زارىغا چىدىمىغان پەرىشتىلەر بالىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: «ئىسمىڭىز چىم- چىم ئوغۇل، يۇرتىڭىز كەپە بولسۇن، جىسمىڭىز مۇشۇ تاغدا تاشقا ئايلانسۇن، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلمىغانلار سىزدىن ئىبرەت ئېلىپ كىچىكىدىن تارتىپ چىۋەر، چېچەن، ھۈنەرۋەن، ئەقىللىق بولسۇن» دەپ دۇئا قىپتۇ- دە، پەرىشتە كۆزدىن غايىب بوپتۇ. بالىنىڭ جىسمى تاشقا ئايلىنىپ، تاغ ئۈستىدە ماكان تۇتۇپتۇ. چىم- چىم ئوغۇل ھېلىھەم ئۆز يۇرتىغا تەلپۈنۈپ، ئاتا- ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلاپ تۇرارمىش.
    ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى تورىدىن ئېلىندى .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.