-
2010-10-27
«ئىنسان قەلبىنىڭ ئىنژىنىرلىرى» ۋە تارىخىي يىراقنى كۆرمەسلىك - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/81015901.html
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئوقۇتقۇچى – كەڭ مەنىدە ئۆزى ياشىغان زاماننىڭ ئەقىل چىرىغى ، بىلىم بۇلىقى ۋە تەلىم تەربىيە باغۋىنى ، روھىيەت يېتەكچىسى ، ھەقىقەت جەڭچىسى ! قەدىمقى زامانلاردىلا ئۇلار كاھىن – قەبىلە ئۇستازلىرى بولغان ، ئۇلار قەيەردە ئەۋلات تەربىيلىمىسۇن ، ئۇلار خەلقنىڭ ، ھەقىقەتنىڭ ۋە تارىخنىڭ نامايەندىلىرى. ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىگە ماھىر بولۇش بىلەن بىرگە يەنە جەزمەن ساغلام ، سۈزۈك ، ئۆتكۈر تەپەككۇر قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك . بىر كەسپ بىلەنلا بەنت بولۇپ ، ئۆزىنى چەكلەپ قويۇش ماھىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن نادانلىق! ‹‹ مۇئارىپ ›› ئىبارىسى ، ‹‹ ئارىف ›› ئىپادىسىگە تۇتاشقان بۇلۇپ ، ‹‹ ئارىف ›› قىلماق ‹‹ مۇئارىف ››نىڭ مەقسىتى. ‹‹ ئارىف ›› – ئويغاق دېگەنلىكتۇر . ئويغاقلىق تەپەككۇرنى ، تەپەككۇر كۆپ قىرلىق بىلىمنى تەلەپ قىلىدۇ . ئويغاقلىق يەنە پاك قەلبنى ، پاك قەلبمۇ يەنە بىلىمدە پىشىش ۋە سۈزۈلۈشنى تەلەپ قىلىدۇ بۇنداق ‹‹ ئارىف ›› خەلقنىڭ قەلبىدىكى گۆھەر. ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپى ھەم قامۇسى بىلىمدىن باشقا خەلقنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقىغا تارىخىي نەزەر سېلىشى ، ھەرگىزمۇ بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولماسلىقى كېرەك . پەقەت تارىختىكى ‹‹ ئىزىم ›› لار تەتقىقاتىغىلا قىزىقىپ ، رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقان جانلىق تارىخىي ھادىسلەرنى ، ‹‹ ئىلمى ›› ئەمەس دەپ ئۇنىڭغا بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولۇش تاش يۈرەكلىك ۋە ئەلەس كۆزلۈكتۈر . ئوقۇتقۇچىلار بىر مەھەللىك ئېتىبارسىز مۇئامىلە ، ئىسسىق سوغۇق ئېقىملار ئالدىدا تارىخىي يىراقنى كۆرەرلىكنى يوقاتماسلىقى ، تېڭىرقىماسلىقى لازىم . بىز بىر تەرەپتىن مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى كەمسىتىدىغان خاھىشلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلارغا ئىجتىمائى %D
收藏到:Del.icio.us