ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-07-16

    مىلادى 8- ئەسىردىكى قەدىمقى ئۇيغۇر شەھرى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/69440472.html

         مىلادى 8-ئەسىردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قاغانى مۇيۇنچۇر تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان، كېيىن نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ كەتكەن. مەزكۇر قەلئە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان تېرە كۆل دەپ ئاتالغان كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئارالغا جايلاشقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى رۇسىيە ئالاھىدە ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەزكۇر قەلئە ئۈستىدىن ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئۇنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش پىلانى تۈزۈلۈپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن پرېزىدېنت پۇتىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەتتا، پرېزىدېنت پۇتىن ئۆتكەن يىلى بۇ يەرنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلغان ئىدى.
      2008- يىلى 20-فېۋرال كۈنى موسكۋادىكى پور-باجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسى مەدەنىيەت فوندى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى مەزكۇر پىلانغا قاتنىشىشقا چاقىرغان . قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، دوكتور ئابلىز ئابدۇللايېۋ ئەپەندى موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.
        مارت ئېيىدا  رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرى، گېنېرال ئارمىيە سېرگېي شويگۇ قازاقىستان پايتەختى ئاستاناغا كېلىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان شاردىنوف، دوكتور ئابلىز ئابدۇللايېۋ باشلىق بەش كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن تۇۋالار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىلىرى جۈملىدىن تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى بويىچە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.  
          تۇۋا مىللىتىدىن بولغان رۇسىيىنىڭ گېنېرال ئارمىيە ھەربىي ئۇنۋانىدىكى مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقى، تۇۋا بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت باغلىنىشى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.
          ئۆتكەن يىلى رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرى، گېنېرال ئارمىيە سېرگېي شويگۇنىڭ باشلامچىلىقىدا رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرە خۆل دەپ ئاتالغان جايىغا جايلاشقان مىلادى 8 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر قاغانى مويۇنچۇرنىڭ قەلئەسى پور - باجىننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ئۇ جايدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا موسكۋا، قازان، سانكتپېتېربۇرگ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئالىملىرى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت يەنە مەخسۇس بىر فوند ھەم مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى گلىزنوف، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نۇرغالىيېۋ، بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پاترۇشېۋ، موسكۋا شەھەر باشلىقى لۇشكوۋ ھەم تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى شەمىيېۋ ۋە باشقا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رۇسىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە باي- كارخانىچىلار قاتناشقان.
        سېرگىي شويگۇ  ئەسلى ئارخېئولوگ بولۇپ  ئۇ قەدىمىي ئۇيغۇر قاغانلىغىنىڭ بۇ قەدىمىي شەھرىنى قېزىشقا مەبلەغ توپلاپ، فوندى جەمئىيەت تەشكىل قىلغان ۋە  2000 غا يېقىن تەتقىقاتچىنى بۇ قەدىمىي شەھەرنى قېزىشقا تەشكىللىگەن.
          سېرگى شويگۇ ياشلىق دەۋرىدە ئارخىئولوگىيە كەسپىدە ئىشلىگەن،بۇ جەرياندا ئۇ قەدىمىي ئۇيغۇر قاغانلىغىغا ئائىت نۇرغۇن ئارخىئولوگىيەلىك  ماتىرىياللارغا ئىگە بولغان . ئۇ مۇشۇ ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا يېقىندا   قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت 7 توملۇق «قەدىمىي تۇۋا دائىرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر»  ناملىق توپلامنى تەييارلىغان بولۇپ، بۇ توپلامغا قەدىمقى ئۇيغۇر قاغانلىغىغا ئائىت ئاسالىق تارىخى يازما ماتىرىياللار ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ توپلامنىڭ 4 تومى رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان .
        ( ئەسكەرتىش : تۇۋالار سىبىر رايونىدا ياشايدىغان تۈركى تىللىق خەلقلەر .  ئۇلار 20 نەچچە قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر تەركىۋىدە  تۇران، ئۇيغۇر قاتارلىق قەبىلىلەر بار بولۇپ، تۇۋالار ئۆزلىرىنى قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارماق ئەۋلادلىرى دەپ قارىشىدىكەن.   تۇۋالارنىڭ ئاز بىر قىسمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قاناس رايونىغا ئولتۇراقلاشقان . 1955- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا   ئۇلار خاتا ھالدا موڭغول تىلىدىكى خەلقلەر تەركىۋىگە كىرگۈزۈپ قويۇلغان . ئەمىلىيەتتە تۇۋالار تىل جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا  ناھايىتى يېقىن خەلق ).

    http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=1158&u=1
     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.