ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-07-13

    ئارىفنامىدىن ئۈزۈندە - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/69114741.html

      ★ئىنسان گۆھەرسىزلىگىدىن گاداي ئەمەس! چارىسىزلىكتىن بىچارە ئەمەس! قۇدرەتسىزلىكتىن ئاجىز ئەمەس! ئۇ قۇل، ئەمما بۇنىڭ ۋەجى ئەركنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدىن ئەمەسقۇ، ئاخىر!

      ★تىلەكلىرىڭ`نىڭ نىجادىيىتى سەن روكۇ قىلغان مېھراپتا ئەمەس، سەجدە قىلىۋاتقان چەۋەنداز ئىلىكىدە!

    ئەقىل - ئىزدە! ئەقىلنى ئۆزلۈك كامالىغا باشلا!

      ★ئەي، گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان ۋە گۆھەرنى پەرق قىلالمىغان ئەما بىچارە تىلەمچى. سېنى گۆھەر زېمىن`گە، گۆھەر سېزەر ئىقتىدارغا ئىگە قىلغان دۇنيا، سېنى ئىنسان، گۆھەرنى تاش، دەپ ئاتىمىغانمىدى؟

       ئەمدى مۇھىتىڭغا قارا: ۋەھىمە بىلەن بىخۇدلۇق، تەمەخورلۇق بىلەن بېسىمخورلۇق، قۇللۇق سۈكۈتى بىلەن قۇلدارلىق كىبىرىسى، ئاچكۆزلۈك بىلەن ئىسراپخورلۇق...قىسقىسى، كامالەت مىزانىدىن چەتنىگەن غەلىتە روھىيەت، مانا سېنىڭ ئۆمۈر مۇھىتىڭ! بۇ مۇھىتتىكى سەن قاتىل بىلەن ئۆلگۈچى، ئوغرى بىلەن بۇلاڭچى، ياللانغۇچى بىلەن زوراۋان، جىنايەتكار بىلەن راھىب! سېنى ئۆلگەن ياكى كىشىلىك دۇنياسىغا تېخى تۆرەلمىگەن دەۋالاي دېسەم، سېنىڭ تاشلىغان زەھەرلىك قالدۇقلىرىڭ ھايات چىمەنزارلىقىنى بۇلغىۋەتتى! غەلىتىلىكى شۇكى، بۇ تاشلاندۇقلار ئاداشتۇرغۇچى ساختا كرىستالدەك، قەلبى ئاجىز كۆزلەرگە جىلۋە قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ!

       كۆزۈڭنى ئاچ! ئۆز مۇھىتىڭنى ۋە ئۆز قۇدىرىتىڭ`نى بايقا!

       ★ھاكىم-سەلتەنەت ئىگىلىرىدۇر...

       سەلتەنەت ھۆكۈمرانلىق تەختى ۋە ھاكىملىق قورالى بولۇپ، ھاكىم قانداق پازىل بۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسان قەلبىدىن سىرت ۋە ئىنسان بېشىغا ھۆكۈمرانلىق ئۈچۈن تېڭىلغان تۆمۈر دۇبۇلغىدۇر. ئۇ ئۆزىنى ئۆلچەم، ئۇل ۋە تۈۋرۈك دەپ بىلىدىغان، ئەركىن ئىرادە ۋە ئەركىن پىكىرگە ھېسداشلىق قىلمايدىغان، ئىلىم ئەھلىگە شۈبھە بىلەن قاراشتىن خالىي بولالمايدىغان، ئۆز ئىرادىسىنى تۇغ ۋە قانۇن قىلغان قايرا قاراشتۇر.

      ...ھەرقانچە ئادىل پادىشاھنىڭ كۆز-قۇلىقى بولۇشتىن كۆرە، ئازاد ئىنساننىڭ ھامىيسى، دوستى، مۇرەببىي بولغىنىڭ ئەلا.

      ...سەلتەنەت ئەھلى مەۋجۇت ئىكەن، ئۇنى ئەقىلگە دەۋەت قىل! ئۇلار بىلسۇنكى، ئادىل پادىشاھقا قوشۇن ئانچە ھاجەت ئەمەس! زالىم پادىشاھقا قوشۇن ئۈنچە كاپالەتمۇ ئەمەس! ھېقىقى سەلتەنەت ئادەملەر قەلبىدە بەرقارار تاپقان سەلتەنەتتۇر...

      ★مۇھاببەتسىز ھېقىقى ئۆزلۈكنى، ئۈزلۈكسىز ھەقىقىي مۇھەببەتنى مەن قىياس قىلالمايمەن.

      ★ئىنسان جىسمانىي جەھەتتە بىر ھايۋان بولۇپ، ئۇنى <>قا؛ مەنىۋى جەھەتتىن بىر كارامەت مۇمكىنلىكىدىكى زات بولۇپ، ئۇنى <>گە تەمسىل قىلىش مۇمكىن.

       ئىنسان ماددىي ھايات ۋە مەنىۋى  كامالەت ناتەكشىلىكىدە ھەرىكەتلىنىدىغان شە`ئىي. ئەگەر ئات مىنگەن كىشى دانا بولسا، ئاتنى كامالەتكە يېتەكلەيدۇ، نادان بولسا، ئات ئۇنى ئوقۇرغا باشلايدۇ. ئىنسان روھىيىتى ھايۋان ئوزۇقىنىڭ-ئات يېمىنىڭ <>، << ipadisi>> ئۈچۈن ئىشلىگۈچى قۇلغا ئايلىنىدۇ.

       كامالەتتىن خالىي ئىنسان مۆتىۋەر ياكى گۈزەل، نازاكەتلىك ياكى قەيسەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزلۈكتىن بىخەۋەر بولۇپ، ئۆزى ھەققىدە غەم يېمەيدۇ، بەلكى ئات يېمى غېمىدە پايپېتەك بولىدۇ. سېنىڭ شېرىن خىياللىرىڭغا يوشۇرۇنغان، پۈتۈنلەي سەن ئۈچۈن جانىجان بولغان نىيەتلىرىڭ`نى تارتىنماي ئۆز ئالىقىنىڭ`غا تۆكۈپ كۆرچۇ! قاراپ باق، ئۇلارنىڭ قانچىسى ئىنسان ماھىيەتلىرى غېمىدە ۋە قانچىسى ئات بوغۇزى غېمىدىن!؟



    ★ئىنساننىڭ سۈرىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاددىي كۆز كۇپايە. ئۆز خوجىسىنى ئىتمۇ، مۈشۈكمۇ كۆرىدۇ. ئىنساننىڭ ماھىيەتلىرىنى ۋە بۇ ماھىيەتلىرىنىڭ كامالەت دەرىجە-ماقاملىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەك كېرەك. بۇ، <<özlük eyniki>>دۇر.

      ئۆزلۈك ئۆزىنى بىلمەكلىك! ئىنساننىڭ ئۇلۇغ تەبى`ئەت ئالىمى سۈپىتىدە تۇرغان ھازىرقى ھالىتى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ساۋاتسىزلىقتىن ئىبارەت، خالاس. ئىنسان ئۆزىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىدىن باشقا تەسۋىرىي ئالەم ھەقىقەتلىرىگە شۇنچىلىك ئىجىللىق بىلەن ئىچكىرىلەپ كىردىكى... <> دېگىنى يوق! مەئىشەت ئېجىللىقى خېروئىن خۇمارىدەك ئۇنى دومىلىتىپ، ئاللىقاچان ئۆزىنى ئۇنتۇغان مەجنۇن-دەلدۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئېسىل بىنالار، ھەر خىل شەكىلدىكى ئايروپىلانلار، ئالتۇن قەلەملەر، ئوتلۇق قوراللار تۇتقان قايسى ئادەمزات ئۆزىنى ئۆز قولىدىكى يالتىراق <> دىكى مەن ئەمەسمەن، مەن بۇنىڭدىكى ئىبارىلەر ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بىر پۈتۈن روھىيەت دۇنياسىمەن، دەپ بۇ كارتوچكىنى مەسخىرە قىلالايدۇ؟!

      ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك شۇكى، ئۇ ئۆز ئەھۋالىنىڭ نىچۈكلىگى توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ئۇ، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىپ، مايمۇنلىقتىن ئالۋاستىغا يۈزلىگەن؛ ئەخلاقلىق، ساداقەتمەن كىشىلەرنى ئويۇنچۇق بىلىپ، بازار تىلسىملىرىدىكى شەيتان ئويۇنىنىڭ رولچىلىرى قىلىۋالغان؛ ئۇ بۇ يولدىكى ئەسەبىيلىكلىرىنى كىشىلەردىن ھالقىغان قابىللىق دەپ بىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرىنى تېپىشنى ئىجادىيەت دەپ قارىغان. قىسقىسى، ئۇنىڭ كەسپى ۋە ئىش-ئەمىلى زېمىن ۋە مۇھىت، پىكىر ۋە قەلبنى بۇلغاپ، ئۆز-ئۆزىگە گۆر كولاشتۇر.

      دەرھەقىقەت، <<özlük>> بىر سۈزۈك ئەينەكتىن ئىبارەت. ئۆزلۈك ئەينىكى--ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى ئىنسانلىق ماھىيەتلىرى بويىچە كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش يولىدىكى <> ئەينەك. ئۇنىڭ قىرلىرىدىن مۇقەددەس نۇر جىلۋە قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس نۇرىدا <<özüngni tonu!>> دېگەن قۇتلۇق سادا جاراڭلايدۇ. ئۇ، ئىنسانلىق ھەققىدىكى ھېقىقى ئۇچۇر بۇلىقى!

      ئىنساننىڭ نىجادىيەت يۇلتۇزى--<<özlük eyniki>> دە ئۆزۈڭنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزگىلەرنى كۆرۈش ئىشقىغا، ئىنساننى بىر بىرى بىلەن قوشۇش مۇھەببىتىگە، ئىنساننى ئىنسانىي كامالەتكە كۆتۈرۈش تەلپۈنۈشىگە مۇيەسسەر بولىسەن. ئۆزىنى كۆرۈپ بىلمەسلىك--ئىنسان سۈرىتىدىكى، ئەمما ھايۋانلىق زىندانىغا قامالغان مەھبۇسنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىغا تەمسىلدۇر. بۇ ئۇيقۇ غاپىللىق ئۇيقۇسى، مەغرۇرلۇق ۋە تەنتەكلىكنى <> دەپ ھۇزۇرلىنىدىغان جاھىلنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىبارەت.

      ئىنسان ئۆزلۈك ئەينىكىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق، تارىخنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۆلمەس سادالىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق، رەقىپ-كۈشەندە بىلەن بولغان مۈشكۈل ئېلىشىشلارنىڭ روھىيەتنى تاۋلىشى ئارقىلىق، ئۆلۈم تەھدىتى ۋە كەرەملىك ئۈمىدى ئارقىلىق ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىرادە--قۇدرەت زەررىلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ھېكمەت ئىلھامى ئاستىدا ئۆزلۈك ئەينىكى بولۇپ يېتىلىشى كېرەك!

      ئۆزلۈك ئەينىكى كامالەتلىك ئىنسان قەلبىدىكى قۇياش ۋە ئەقىل كۆزىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى مەقسەتلىرىنىڭ پەقەت ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى، ھەتتاكى مەئىشەت، روزىغار، ئىلىم-سەنئەت، ، ئىش ۋە شېئىرىيەتنىڭ پەقەتكىنە ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي مەقسەت ئۇنتۇلغان ۋە ياتلاشقان بىرلا نەرسە-ئىنسان ۋە ئۇنىڭ كامالىتى، ئىجتىمائىي-مەنىۋى بەختى ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇ چاغدا سەن ئۇلۇغ بىلگەن قۇل ئىگىلىرىنىڭ لاي قورچاق، خار كۆرگەن قۇللارنىڭ نۇرانە مالائىكە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭ مۇمكىن.

      ئۆزىنى چۈشەنگەن كامىل، ئۆزۈمچىلىكنى ئۇنتۇغان يېتۈك كىشىدۇر. ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئالىمى بىلەن قوشۇلىدۇ. بۇ ئارىدا ھەقىقەتنى يوشۇرغان پەردىلەر، چېگرىلار، سېپىللار، تېرە ۋە ئىرق پەرقلىرى بىلەن ئەپسۇنكار رىسالىلەر ھېلىقى لاي قونچاقلارنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە سەجدە قىلدۇرۇش كويىدا ياراتقان سېھىرلىك مەنزىرىسى بولۇپ چىقىدۇ. سەن تەڭرىلىك ماقامىدا تۇرۇپ ئۆز-ئۆگزەڭگە--ئىنسانغا سەجدە قىلىسەن...

      ئۆزلۈك ئەينىكى--مېھراجى ئەلاكى، ئۇنىڭدا تەڭرىنى كۆرىسەن. ئۇ سەن، سېنىڭ ئاشىقىڭ، مەھبۇبەڭ ۋە مەقسىتىڭ. جالالىدىن رومى مۇنداق يازغانىدى:

       ھېچنېمە يوقكى سېنىڭدىن ئۆزگە ئالەمدە پەقەت،

       ھەرنە ئىستەرسەن ئۆزۈڭدە جەم ئېرۇر بىلسەڭ ئەبەد.

      

    ئۆزلۈك ئەينىكى--كامىل ئىنسان قەلبىدىكى يېشىلگەن ۋەھدەتتۇر.



    ...ئىنساننىڭ تەڭرىگە بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلى--ئىنساننى مەنىۋى جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى.

      <>--<>! بۇ، ئىنسان بىلەن تەڭرىگە ئوچۇق قويۇلغان ۋەھدەت پاراللېل بەلگىسى بولدى.

    ...

      ئېيتىش كېرەككى، مەنسۇر ھەللاجى، پەرىددىن ئەتتار، شەمسىددىن تەبرىزى، جالالىدىن رۇمى قاتارلىقلار ھەرقايسى گۇمانىستلارنىڭ قارىشى مۇنداق: ئىنسان ماھىيىتى ۋە مۇمكىنلىكلىرى بىلەن تەڭرى، ياتلاشقان ھالىتى ۋە نەپسانىيىتى بىلەن شەيتاندۇر. بۇ، ئامېرىكىلىق مۇتەپەككۇر ئېرك فرومنىڭ (1980-1900) دارۋىنىزىمغا ئاساسلانغان--ئىنسان ئورمانلىقتىكى ياۋايى مايمۇن ئەمەس، بەلكى ھايۋانات باغچىسىدىكى مايمۇن بولۇپ، تېخى ھەقىيقى ئىنسان ماھىيەتلىرىنى تاپمىغان ئىجتىمائىي ھايۋاندۇر، دېگەن سۆزىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. تەسەۋۋۇپ نامىدىكى بىر قىسىم ئىنسانشۇناسلار: ئىنساننىڭ كامالىتى--شەيتان ۋەسۋەسىلىرىگە ئىسيان قىلىش، ئۆزلۈككە--ئۆزىنىڭ تەڭرىلىك مۇمكىنلىكىگە ئېرىشىش، دەپ قارايدۇ.

      ئىسلام سوپىزمدىكى گۇمانىستىك قاراشلارنىڭ ئۈچ چوڭ قاتلىمى--ئىنسان تەڭرىنىڭ ئالەم بىنا قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە ئەڭ ئالىي مۆجىزىسى دېگەن قاراش؛ ئىنسان ئەقىل بىلەن بىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىگە دېگەن قاراش؛ ئىنسان ئەسلى تەڭرى دېمەكتۇر، ئۇ، تەڭرىلىك كامالىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن دېگەن قاراشنى سېلىشتۇرغاندىمۇ مەنسۇر ھەللاجىنىڭ <> تەلىماتىنىڭ ئۆلمەس روھى دىققەتنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر تىمىلارنى دائىم تەقدىم ئېتىپ تۇرغايسىز ، قېرىندىشىم.
    ئەتتىرگۈل回复دەرسلىك ئەپەندى说:
    rahmat darslik apandi .......
    2010-07-17 19:15:28
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.