ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-22

    تەقدىر ۋە تارىخ - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41336686.html


    بىزنىڭ تۇغما تالانتىمىز باشقا بارلىق نەرسىلەرگە ئوخشاش ئۆزىنى كۆرسىتەلمەسمۇ ؟ خاسلىق
    ئەينىكىمىزدە ئەكىس ئەتكەن بارلىق نەرسىلەر بىزگە قارشىلىق قىلىۋاتامدۇ ؟ ھەرقايسى تارىخي
    ۋەقەلەر پەقەت مۇقاملىرىمىزنى بەلگىلىگىنى بىلەن ، تەقدىر بىزنىڭ ئەۋزەللىكلىرىمىز ۋە كەمچىلىكىمىزگە 
    تۇغما مىجەزىمىزدىن پايدىلىنىپ زەربە بېرىۋاتامدۇ ؟ تۇغما مىجەزلىرىمىز بىز باشتىن كەچۈرگەن 
    ئىشلارنى ۋە ھەرخىل تارىخىي ۋەقەلەر بىزەە قالدۇرغان جاراھەت ئىزلىرىنى ناھايىتى ئىنىق قىلىپ 
    بېرىدۇ .زادى قايسى نەرسە شۇنچە كۆپ كىشلەرنىڭ قەلبىنى ئاددەتتىكى نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ ،
    ئۇچقۇر خىياللارنىڭ پەلەك ئۆزرە پەرۋاز قىلىشىنى توستى ؟ ئاشۇ مەھۋۇم توسالغۇلاردىن ئۆتۈشكە 
    جۈرئەت قىلالمىغانلار تەقدىرگە تەن بېرىدىغان تەن بىلەن باشنىڭ بىرىكمىسى. ئۇلارنىڭ جىسمى
    ۋە مىجەزى ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك سەرگۈزەشتىللىرى، ئۇلارنىڭ ياشىغان مۇھىتى ھەتتا ئۇلارنىڭ 
    زىرىكىشلىك يۇرتلىرىدىن ئىبارەت. بىز ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدۇق، ئۆزىمىزدە تاقابىل تۇرغۇدەك 
    ماغدۇر يوق، بىز ئۇلارنىڭ تەسىرىەە ئۇچىرىغانلىىمىزنى تونۇپ يەتمىدۇق. بۇ كىشىنى ھەسىرەتكە 
    سالىدىغان پىغان ، ھۋچبىر غەرەزسىز سىرتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ئۆزىمىزنىڭ 
    مۇستەقىللىقىنى يوقاتتۇق ، ھەتتا ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان مۇستەقىل تەپەككۇرىمىزنى يوقاتتۇق،
    نەتىجىدە ئادەت كۈچلىرى قەلبىمىزدىكى مادارىمىزنى يانچىۋەتتى. ئىرادىمىزگە خىلابەن قەلبىمىزدە قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۇرۇقلىرى بىخ سۈردى . مىللىتىمىز تارىخىدىن بۇ نەرسىلەرنى شۇنچە كەڭ بايقىدۇق ، كۆپلىگەن مىللەتلەر مۇشۇ تەرىزىدىكى ئىشلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچىرىغان ، ئۇلار ئوخشىمىغان شەكىللەر
    بىلەن ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان.
    جوڭگو ئۇنىڭ دەلىلىدۇر .
    جوڭگو مىلادىدىن تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىغىچە سىرتنىڭ ئۇزلۇكسىز تەسىرىگە ئۇچىرىغان . ئەمما شۇ چاغقىچە قەدەر ھچكىم جوڭگو ۋە خەنزۇ دىگەن سۆز- ئىبارىنى ئاڭلاپ باقمىغان ۋە بىلمەيتى.
    يېرىم ئەسىردىن كىيىنكى ھازىرقى دەۋىردە ، ئۇشبۇ مىنۇتلاردا جوڭگو ۋە خەنزۇ دىگەن سۆز-ئىبارىلەر 
    پۇتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئىسىدىن مەڭگۈ كۆتىرىلمەيدۇ.
    بۇلار نىمىگە تايىنىپ مۇشۇنداق قىلالىدى؟ بۇ كىشلەرنى كىملەر كىلىپ ئويغاتتى ؟
    بەلكىم ئۇلار ئەجدىھارنى تۇتىم قىلغانتى، ئۆزلىرىنى ئەجدىھار ئۇرۇقىدىن دەپ قارايتتى. ئەجىبا، 
    ئەجدىھار ئۆز تەبئىيتىگە خاس نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيقۇسىنى ئۇخلاپ بولغانمىدۇ؟ ئەجدىھار راستىنلا ئويغاندىمۇ ؟ 
    ئەمدى ئۇنى توسۇش ئانچە ئاسان ئەمەس ، ھەتتا بۈركۈت ئۇنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلالىغان تەقدىردىمۇ ؟ چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۇخلىمايدۇ....-دە.
    ئەپسۇس ، كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى بۆرە مەڭگۈ تۈن ئۇيىۇسىنى ئۇخلىمايتتى ئەمەسمۇ، لىكىن ، 
    ئۇ بۈگۈنگە قەدەر ئۈزۈلمەس ئىس -يادىنى يوقاتقان غەپلەت ئۇيقۇسىنى ئۇخلىدىغۇ ؟ ھازىرمۇ 
    ئۇيقۇدا تېخى، ئويغانغىنى يوق .
    كىشلەر ئويلاپ باقمامدىغاندۇ ؟ ئويلانمامدىغاندۇ ؟ 
    بۇلار زادى نىمە ئۈچۈن ؟ نىمە ئۈچۈن ؟ 
    راستىنلا بىز بۆرىمۇ ؟ 
    بۆرىنىڭ توپ بېشى بولمىسا ئۇ راستىنلا ئويغىنالمامدۇ ؟ بۆرىلەر ھەر ۋاقىت توپ بېشىنىڭ ھۇۋلىشىغا مۇھتاجمۇ؟
    ھەي تەڭرىتاغ مەن ھۇۋلىسام ئەكىس سادالىرىڭ بىلەن ئاۋازلىرىمنى ئورخۇن دەريا بويلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرەرسەنمۇ ، ئەۋلاتلىرىنى ئورخۇن دەريا بويلىرىدىن تاپالمىغان كۆك بۆرە ئاۋازىڭنى ئاڭلىسا تارىم بوستانلىقلىرىغا كىلىپمۇ قالار .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.