ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-18

    ئايالىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە قىسقا ئۇچۇرى - [ئەدەبى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41179383.html

    بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2009-6-18 06:51  

    مەن بۈگۈن ئەتىگەن ئورنىمدىن تۇرۇپ بىر دەم يۈگۈرەپ  چېنىقىپ كىرگەندىن كېيىن قارىسام ئازراق ۋاختىم بار ئىكەن شۇڭا  بىردەم مۇنبەر كۆرەي دەپ ئۇتتۇرلا بەرقى مۇنبىرىگە كىردىم ۋە بۇ تېمىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم . مەزمۇنى ياخشى ئىكەن شۇ سەۋەپ بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدىم.  شۇڭا مۇنبەردىكى ھەممەيلەننىڭ تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىنى  تەۋسىيە قىلىمەن ؛


    خوتۇن دىگەن ئاپشاركا، مەن نەگە بارسام شۇ يەرنى سوراپ تېپىۋالىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن بىزار بولسام ئۇ شۇنىڭدىن خوشال بولۇپ ھېرىپ قالمايدۇ.
    بىراق بۇ ئاپشاركا يامغۇر ياققان يېرىم كېچىدە مەڭگۈلۈككە غايىپ بولدى.
    مەن قاتتىق ئازاپلاندىم، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ، ئۆزەمدىن ئۆتكەن سەھۋەنلىكنى كەچۈرۈۋەتەلمىدىم. توي كۈنى، ئايالىم ئۈزۈك ئالىدىغان پۇلغا ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بەرگەن ئىدى. شۇ كۈنى كېچىدە، بىز ئىككىمىز يوتقان ئىچىدە يانفۇننىڭ مۇزىكا قوڭغۇرىقىنى تەكرار تەڭشەپ چىققان ئىدۇق.بىز تۇرمۇشنى خۇددى مۇشۇ يانفۇن قوڭغۇرىقىدەك جاراڭلىق، يېقىملىق ھېس قىلىپ، ئارزۇ ۋە ئۈمىتكە تولغان ئىدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن دائىم ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. «ئەر كىشى، ئىشتىن يانغاندا كۆكتات ئالغاچ كېلىڭ»، «ئەر كىشى، سىزنى سېغىندىم، سىزنى سۆيىمەن»، «ئەر كىشى كەچتە ئاپامىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەيلى». كۆڭلۈمدە شۇنداق ئىللىقلىق ھېس قىلاتتىم. بىر قېتىم تېلېفۇن مېيىغا توك قاچىلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، دەل شۇنى كۈنى باشلىق بىلەن يېزىغا چۈشۈشكە توغرا كېلىپ قالسا بولىدۇ. تېخى يېرىم كېچە بولغاندا قايتىپ كەلگىنىمچۇ. ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئايالىمنىڭ يىغلاپ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئەسلىدە، ئۇ مەن ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدىن باشلاپ ماڭا ھەر ئون بەش مىنۇتتا بىر قېتىم تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما ئىزچىل مېنى مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس دەپ ئۇچۇر چىقىپ تۇرغان ئىكەن. خوتۇنۇم تېخىمۇ جىددىلىشىپ، بىرەر كىلىشمەسلىك چىققان ئوخشايدۇ دەپ كېيىن ھەر ئون مىنۇتتا تاكى مەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا بىر قىتىمدىن تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ.ئۆيگە كىرگەن چاغدا ئۇ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئەمدىلا قويۇپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئايالىمنىڭ كىچىك ئىشنى يوغۇنىۋەتكەنلىكىنى تازا مۇۋاپىق كۆرمەي:
    -مەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس، نىمە ئىش چىقاتتى،-دىدىم. ئايالىم مېنىڭ تېلېفۇننى ئالماسلىقىمدىن بىر خىل تۇيغۇنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى مېنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ دەپ ھېس قىلغانلىقنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئايالىمنىڭ بېشىغا پەپىلەپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
    -ئەخمەق،- دىدىم. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن تېلېفۇن باتارىيىسىگە توك قاچىلاشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىدىم.
    كېيىنچە مېنىڭ ئەمىلىممۇ ئۆستى. پۇلىمىزمۇ بولدى، يانفۇنىمنىمۇ نەچچە قېتىم ئالماشتۇردۇم. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئايالىمغا ئاشۇ ئۈزۈككە قەرزى ئىكەنلىكىم ئېسىمگە كەچتى-دە ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سۆرىگىنمچە سودا سارىيىغا ئېلىپ كەلدىم. لېكىن ئۇ ئارىسالدا بولۇپ:
    -ئاق ئالتۇن، ئالماس ئۈزۈك دىگەنلەرنى بارماققا سېلىۋالغاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار، ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بېرىڭ، مەن سىز بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرالايمەن-دېدى. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا بىر يانفۇن ئېلىپ بەردىم.
    شۇ كۈنى بىرىمىز ياتاق ئۆيدە ، بىرىمىز مېھمانخانىدا تۇرۇپ ئۆز-ئارا ئۇچۇر يوللىشىپ، ئىنتايىن خوشال ئوينىدۇق.
    بىر كۈنى كېچىدە، مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن دوستلارنىڭ ئۆيىگە قەرت ئوينىغىلى باردىم. ئويناپ تازا قىزىغان چاغدا ئايالىمدىن تېلېفۇن كەلدى.  
    -سىز نەدە؟ نىمىشقا تېخىغىچە ئۆيگە قايتىمايسىز؟
    -مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئوينىۋاتىمەن.
    قاچان قايتىپ كېلىسىز؟
    --بىردەمدىن كېيىن.
    ئۇتتۇرۇپ، ئۇتۇپ، ئۇتۇپ ئۇتتۇرېۋىتىپ تۇرغىنىمدا ئايالىمنىڭ تېلېفۇنى يەنە ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئايالىمدىن يەنە تېلېفۇن كەلدى.
    سىز زادى نەدە، نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز، تېز قايتىپ كېلىڭ.
    -سىزگە دىدىمغۇ، مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئوينىۋاتىمەن. قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان تۇرسا مەن قانداق قايتىپ كېتىمەن!
    -ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى دەپ بېرىڭ، مەن ئالغىلى باراي!
    -ئۇنداق قىلماڭ!-بىرگە قەرت ئوينىۋاتقان دوستلىرىم مېنى زاڭلىق قىلىشىپ، «سايىماخۇن» دىيىشتى، شۇنىڭ بىلەن مەن تېلېفۇنۇمنى ئېتىۋەتتىم.
    تاڭ يورىدى، مەن ئوتتۇرۇپ ھېچنىمەم قالمىدى، دوستۇم مېنى ماشىنا بىلەن ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى. ئەمما ئىشىك قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئايالىم كۆرۈنمەيتى. شۇ چاغدا تېلېفۇن جىرىڭلاپ قالدى، تېلېفۇننى قېينىئانام بەرگە ئىدى. قەينىئانام يىغلامسىراپ دىيىشىچە«-ئۇ يېرىم كېچىدە يامغۇرغا قارىماي، ۋېلىسىپىت مىنىپ، كۈنلۈك ئېلىپ خىزمەتداشىلىرىمنىڭ ئۆيىگە مېنى ئىزدەپ ، ھەممە ئۆيلەرگە بارغان، يولدا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ، قايتا ھۇشىغا كېلەلمىگەن ئىكەن.
    تېلېفۇنىمنى ئېچىپلا مەن تېخى ئۇقۇمىغان بىر قالدۇرۇلغان سۆزگە كۆزۈم چۈشتى. «ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ، بۇگۇن بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىز، مەن سىزنى ئىزدەپ ماڭدىم، قالايمىقان چېپىپ يۈرمەڭ، مەن كۈنلۈك ئالغاچ ماڭدىم». ئۇ مېنى ئىزدەش يولىدا مەڭگۇلۇككە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مەن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزۇپ، بۇ قىسقا ئۇچۇرنى تەكرار ئوقۇدۇم، شۇ كۈنى كەچتە ئۆزەمنىڭ پۈتۈن دۇنيانى ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئايالىم ئالەمدىن ئۆتكىلى ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا قورقۇنۇچلۇق چۈش ئىچىدىن قايتىپ كېلەلمەيۋاتاتتىم. خىزمەتكە كۆڭلۈم تارتىمايتى، كۈنبويى خامۇش يۈرەتتىم، ھەمدە نەچچە قېتىم ئۇ ئالەمگە بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇشنى ئويلاپمۇ باقتىم....ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەملەرنى ھەرگىز ئازاپلىمايلى!
    باردا قەدرىگە يەتمەي ئايرىلغاندا قەدرىگە يەتمەيلى!
    ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى

    مەنبە: بەرقى تورى

    ئەتىگەن بۇ تېمىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ئىدىم ئەمدى بلوگىمغا يوتكىۋالدىم

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مېنىڭ بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىۋالغان بولسىڭىز.
    بلوگ ئىسمى:ئازغۇن تور تۇراسى
    لوگو ئادرىسى:http://azgun1.blogbus.com/files/12447153140.gif
    ئەتتىرگۈل回复ئازغۇن说:
    بولىدۇ مەن ئۇلىنىش قوشۇۋالاي . سىزمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماڭ ئۇنداقتا.
    2009-06-19 17:49:58
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.