ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-18

    ياشلىقىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41171543.html


            ياشلىق بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى قىسقا ئەمما قىممەتلىك بىر مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . بىراق ئۇنىڭ قىممىتىنى ياراتقۇچى يەنىلا ئۆزىمىز . نۇرغۇن قىز-يىگىتلەرنىڭ قىران ۋاقتى رەھىمسىزلەرچە نابۇت بولىدۇ . بىراق يەنە شۇنداق بىر قىسىم قىز يىگىتلەر باركى ئۇلار ياشلىقىنى ئۆگىنىش ، بىلىم ئېلىش ، ئىزدىنىشقا ئاتىۋەتكەن . خوش -- ياشلىقىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ ؟
            
    نۇرغۇن ۋاقىتلار زېرىكىش ئىچىدە مەنىسىز ئۆتكەن بولىشى مۇمكىن . بىراق شۇ ۋاقىتلار مۇھەببەتلىشىش ، ساياھەت ، كۆڭۈل ئېچىشتىن بۆلەك ئۆگىنىش ، خىزمەت ، ئىزدىنىش ئارقىلىقمۇ مەنىلىك بولالايدۇ . شۇنداق تۇرۇپ بىز يەنە نېمىشقا ياشلىقىمزغا ئاسيىلىق قىلىمىز ؟ نېمە ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپ يەنە ھېچنىمە بىلمەيدىغان ئاقنانچى ، ھارامتاماق بولۇپ قالىمىز ؟ ئاتا-ئانىمىز كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ يولغا سالغان ئالىي مەكتەپكە كېلىپ نېمىشقا ئۆگىنىشنى ئۆزىمىزگە ئاساسىي نىشان قىلماي ، مۇھەببەتلىشىش ، ئويۇن ،كۆڭۈل ئېچىشنى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قىلىۋالىمىز؟ قايسىمىز شۇنى ئويلاپ كۆرگەندۇق ؟ ياشلىقىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ ؟
            
    روسسىيە ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ۋەكىلى پاۋېل كورچاگىن ھەممىمىزكە ناتونۇش بولمىسا كېرەك . ئۇنىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى ماڭا بەك يارايدۇ :« ھايات ئادەم ئۈچۈن پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ . ئۇ ئادەم ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەتلىك . ئادەم ئۆمرىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ كۈنلىرىنىڭ مەنىسىز ئۆتۈپ كەتكىنى ئۈچۈن ئۆكۈنمەيدىغان بولسۇن ، ھەمدە مەن پۈتكۈل ھاياتىمىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى يولىدىكى كۈرەشكە ئاتىيالىدىم دېيەلەيدىغان بولسۇن .» ! قاراڭ : نېمىدىگەن پاساھەتلىك سۆزلەر بۇ ؟ بۇ روسسىيىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى ئەمەس ، بەلكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بىر نامرات ئەسكەرنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپ .جەمئىيەتتىكى ياشلارنى دېمەيلا قوياي ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەلۇماتلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆلۈش ئالدىدا ئاشۇ نەچچە ئېغىز گەپلەرنى دېيەلەيدىغانلىرىمىز قانچىلىك ؟ ھاياتىمىزنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركنىلىكى يولىدىكى كۈرەشكە ئەمەس ، ئاددىيسى ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى يولىدىكى كۈرەشكە ئاتىيالايدىغىنمىز قانچىلىك ؟
            
    نۇرغۇن ستۇدېنت دوسلىرىمىزنى مەيدانلاردا مۇھەببەتلىشىۋاتقان يەرلەردە ، تاماشىغا مېڭىش ئۈچۈن تاكسى ساقلاۋاتقان يەرلەردە ، نەشە ، ئاق تاماكا چېكىۋاتقان يەرلەردە ، دەرىسكە چىقماي تورخانىدا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرغان يەرلەردە كۆردۇقكى ئۇلارنىڭ بىرەر پارچە رەسىمىنى ، ھەتتا ئىسمىنى ئەلا ئوقۇپ ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ، ئۈچتە ياخشى بولغانلارنى جاكارلىغان شەرەپ تاختىلىرىدا كۆرمىدۇق . يەنە تېخى ئالىي مەكتەپلەردە مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئاز ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سەۋەپنى شۇلارنى باھالاپ چىققان ئوقۇتقۇچىلاردا قويدۇق . لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ۋە قۇرداشلىرىمىزنىڭ ياخشى ئوقۇپ شەرەپ مۇنبىرىگە چىقمىغىنىدىن ئۆكۈنەلمىدۇق . بىزگە شۇنداق شەرەپ مۇنبەرلىرىدىن ئورۇن يوقمۇ ؟ ئورۇن بولمىغان تەقدىردىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ شۇ مۇنبەردىكىلەردىن ئاشۇ ساناقلىق ئورۇننى تالاشساق بولاتتىغۇ ؟ نۇرغۇنلارنىڭ يەنە بىر يىگىتتىن ساھىبجامالنى تالىشىشقا جۈرئىتىمىز باركى ھەممە خەق ھەۋەس بىلەن قارايدىغان شەرەپ مۇنبىرىدىكى جانسىز ئورۇننى تالىشىشقا جۈرئىتىمىز يوق .
            
    كۈرەش . كۈرەش - قورال كۆتۈرۈپ جەڭ قىلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ . ئۇ ئۆزىنى بىلىم ئارقىلىق قوراللاندۇرۇپ ، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ رىقابىتىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار بولغانلارغا نىسبەتەنمۇ ئۆز مەنىسىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ . بىزنىڭ ۋەزىپىمىز كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقنى يەپلا كۈن ساناپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشلا ئەمەسقۇ؟ بىزمۇ كەشىپ قىلساق ، مىللەت ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشساق ، ئۆزگەرتسەك ، ياراتساق بولىدىغۇ ؟ نېمىشقا باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالىمىز ؟ نېمىشقا باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالىمىز؟ نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ تۇرىمىز ؟ ئۇنداق قىلىشىمىزغا ھەققىمىز بامۇ ؟ بىزمۇ ئۆگەنسەك بولىدىغۇ ؟ باشقىلار بىلگەننىلا ئۆگەنمەي ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا ئۆگەتسەك بولىدىغۇ ؟ ئەمما بىز نېمىشقا ئۇنداق قىلمايمىز ؟ نېمىشقا قىلالمايمىز؟
            
    ياشلىقىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ ؟ ئۇ بىزدىن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ، ۋاپاسىزلىق ، بىكار تەلەپلىكنى ئەمەس ؛ ئۆگىنىشنى ، ئىزدىنىشىنى ، ئۆزگەرتىشنى ، يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ !ئۇنداقتا بىز نېمىنى ئۆگىنىمىز ؟ نېمىگە ئىزدىنىمىز ؟ نېمىنى ئۆزگەرتىمىز ؟ نېمىنى يارىتىمىز ؟
            
    بىز ئويۇن تاماشىنى ئەمەس ، بىلىم ئۆگىنىمىز ، نەدە تاڭسىخانا بارلىقىنى ئەمەس ، ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ سىرىنى ئىزدەيمىز ، چاچ پوسۇنىمىزنى ئەمەس ، ماڭغان خاتا يولىمىزنى ئۆزگەرتىمىز ، ئۆزىمىزنى نان قېپى ئەمەس ، ياراملىق تالانت ئىگىسى قىلىپ يارىتىمىز . مەن ئىشىنىمەنكى ھەممەيلەننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار بۇ . شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە نېمىشقا ياشلىقىمىزنى نابۇپ قىلىمىز ؟ نېمىشقا ئۇنىڭغا ئاسىيلىق ،ۋاپاسىزلىق قىلىمىز؟ نېمىشقا ئۇنىڭ بىزدىن كۈتكەنلىرىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلمايمىز ؟
            
    مەيلى سىز نېمە ئىش قىلىڭ ، مەيلى ئوقۇڭ مەيلى خىزمەتتە بولۇڭ مۇنۇ بىر سوئالنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ : ياشلىقىم مەندىن نېمىنى كۈتىدۇ ؟  سورىغان سوئالىڭىزغا جاۋاپ بەرگۈدەك جۈرئەت سىزدە بادۇ ؟ جاۋابىڭىزغا بىنائەن ھەرىكەت قىلالامسىز؟ ھەرىكەت قىلىڭ ، ھەرىكەتتىن بەرىكەت دېگەن گەپ بار ، ياشلىقىڭىز سۇسلا خاتىرە بولۇپ قالمىسۇن . ئۇ ياراتقان قىممىتى بىلەن سىزنى ۋە باشقىلارنى ھاياجانغا سالالايدىغان بولسۇن


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.