ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-11

    «ئۆگىنىش جەمئىيىتى» گە كىرىش(2) - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40872583.html

    دىلمۇرات مەھمۇد


    «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» نىڭ نىشانى

    ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىكىنىڭ كۆرسىتىشىچە ‹‹ئۆمۈربويى ئۆگىنىش›› نىڭ ئىككى تۈرلۈك مۇھىم نىشانى بار. بىرى ئاكتىپ گراژدانلىق، يەنە بىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. (20) دەرۋەقە،  بۇ ئىككى تۈرلۈك نىشان ئەسلى ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ نىشانى بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن نۆۋەتتىكى رېئاللىق ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ بۇنىڭغا تولۇق قۇربى يەتمەيۋاتۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى . مائارىپشۇناس ئادامانىڭ دېيىشىچە، ‹‹ئۆمۈربويى ئۆگىنىش›› نىشان قىلغان ئەڭ ھالىقىلىق ئىقتىدارلار بىر ئىنسان ۋە بىر ئىجتىمائىي مەخلۇق، بىر گراژدان ۋە بىر ياللانغۇچى، بىر ئىشچى ۋە ياكى بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن غۇرۇر بىلەن ياشاشتۇر. ئۇ ئالاقىلىشىش، بىللە ياشاش، تەنقىدىي پىكىر قىلىش، ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ھەمدە ئىجادچانلىق قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ (21) روشەنكى ئاكتىپ گراژدان بولماق دەل مۇشۇدۇر. ئۇ بىراۋنىڭ يالغۇز مەلۇم بىر جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ مۇھىمى شۇ جەمئىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاكتىپ قاتناشقۇچى بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، گراژدانلارنىڭ گەرچە كونكېرت باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش روللىرى بولمىسىمۇ، جەمئىيەت ۋە مۇھىتقا نىسبەتەن مۇئەييەن روللىرى ۋە جاۋابكارلىقلىرى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاكتىپ گراژدان بولماق مەسئۇلىيەتچان گراژدان بولماقتىن ئىبارەت. بىراۋنىڭ جەمئىيەتتىن ئېرىشىدىغان ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى بولىدۇ ھەم شۇنىڭدەك جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. ھالبۇكى كىشىلەر كۆپىنچە ھوقۇق-مەنپەئەتلەردىن بەھىرلىنىپ، مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشتا پاسسىپ كېلىدۇ. مىسالەن، سىياسىي ئاۋازغا ئىگە بولۇش خەلق ئۆتەشكە تېگىشلىك ناھايىتى مۇھىم مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بىراق نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭغا قىزىقمايدۇ، ئۇنى ئاۋارىچىلىق دەپ بىلىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قاچىدۇ. بۇ ھەم تەرەققىي تاپقان ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ ئورتاق مەسىلىسى. دەل مۇشۇنداق سايلامغا سوغۇق پوزىتسىيە تۇتۇش ( بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئاز بولۇشى) مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا گراژدانلىق تەربىيىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. ھازىر بۇ دۆلەتتە گراژدانلىق تەربىيىسى 14 ياشقىچە مەجبۇرى، ئۇنىڭدىن چوڭلار ئۈچۈن ئىختىيارى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. ئاكتىپ گراژدان بولۇش شوتلاندىيىدە 1998-يىلدىن كېيىن ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم جامائەت سىياسىتىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. 
            دەرۋەقە، ئاكتىپ گراژدان بولۇشنى پەقەت سىياسىي ئاۋازغا ئىگە بولۇشقىلا باغلىۋېلىشقا بولمايدۇ.  گراژدانلار ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ۋە خەلقئارادىكى يۈزلىنىشلەرگە، يېڭىلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىش، تالاش-تارتىش ئىچىدە بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. مۇشۇنداق گراژدانلار قانچە كۆپ بولغانسېرى جەمئىيەت شۇنچە ساغلام تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ. ناۋادا ئۇلار ماددىي ئېھتىياجلىرى قانغان بولسىمۇ يەنىلا ماددىي ئىستېمالىزمدىن ھالقىپ كېتەلمىسە ياكى ساغلام ۋە ساپ بولغان مەنىۋى ئېھتىياجلارغا ئەمەس، پۈچەك، تايىنى يوق ۋە بىنورمال مەنىۋى ئېھتىياجلارغا بېرىلسە، ئۆزلىرىنىلا ئەمەس ئۆز جەمئىيىتىنىمۇ زالالەتكە باشلايدۇ. ئۇلار كۆپىنچە قايسى سورۇننىڭ قانداق قىزىغانلىقى، كىمنىڭ كىمنى قانداق كەلتۈرۈۋەتكەنلىكى، قايسى كىيىمنىڭ مودا بولۇۋاتقانلىقى ياكى قانداق تاۋارنىڭ قانچە پۇللىقى، كىملەرنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كەتكەنلىرى، قايسى تېلېۋىزىيە فىلىمىدا ۋەقەلىكنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى، قايسى چولپاننىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىرى، قايسى قىماردا كىمنىڭ قانداق ئۇتقانلىقى ياكى ئۇتتۇرغانلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدىكى ئۇچۇر ۋە بىلىملەرنىلا ئالماشتۇرسا، توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلمىسە، كىتاب، گېزىت-ژورنال كۆرمىسە، كۆرسىمۇ پەقەت تېيىز، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى مەزمۇنلارغىلا بېرىلسە، تېلىۋىزورنىمۇ شۇ يوسۇندا كۆرسە، توقۇلما ۋە خىيالىي تېلېۋىزىيە فىلىملىرىگە مەپتۇن بولۇپ، رېئال دۇنيانىڭ يېڭى يۈزلىنىشلىرى ۋە ئۇچۇرلىرىنى بىلىشكە ئىنتىلمىسە، ئۇ ھالدا ئۇلار پەقەت جەمئىيەتنىڭ پاسسىپ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ خالاس. ئۇلارنى ھەركۈنى يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەنمەيۋاتىدۇ دېيەلمەيمىز. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىۋاتقىنى ۋە بىلىۋاتقىنى ئەنە شۇنداق ساپلا پۈچەك نەرسىلەر. ئۇلار شۇ تۇرمۇشتىن رازىلىق تېپىشى ھەم ھوزۇرلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار شۇنداق ھاياتقا كۆنگەن. باشقىلارنىڭ يېڭىلىقلارغا، تەۋەككۈلچىلىكلەرگە ۋە چوڭ ئىشلارغا ئىنتىلىشلىرى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئارتۇقچە جاپا ياكى ئەخمىقانە ئىشلاردۇر. شۈبھىسىزكى بىر جەمئىيەتتە ھەممىگە كۆنگەن مۇشۇنداق پاسسىپ ئەگەشكۈچى ماڭقۇرتسىمان ئىنسانلار قانچە كۆپ بولغانسېرى شۇ جەمئىيەت پاتقاققا شۇنچە تېرەن پاتىدۇ. ‹‹ئۆمۈرلۈك مائارىپ›› تەشەببۇسلىرىنىڭ دەل بۈگۈنكى كۈندە ئەۋجىگە چىقىشى پۇخرالارنى  ئەنە شۇنداق ئۆمۈر بويى ئاكتىپ، ساغلام ۋە ئىجابىي ھاياتقا ئىگە قىلىش مەقسىدىنى نامايەن قىلىدۇ. ھالبۇكى ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ بۇنى يالغۇز ئورۇنداپ بولالمايدىغانلىقىدا گۇمان قالمىدى.
    «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» نىڭ يەنە بىر نىشانى بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش غەرب دۆلەتلىرىگە قارىغاندا شەرق دۆلەتلىرىدە كۆپرەك تەكىتلەنسە كېرەك. چۈنكى، ئىشسىزلىق بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ مەسىلىسى بولۇپ تۇرماقتا. جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇنىڭ تىپىك بىر ئىپادىسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ نوپۇسى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە قېرىشقا يۈزلەنمەكتە. بۇنداق شارائىتتا پېنسىيە سىستېمىسىگە بولغان بېسىم تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ بارىدۇ. شۇنداق ئىكەن، جۇڭگو نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش ھەم ياشانغانلارنى خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش چارىسىنى قوللانمىسا بولمايدۇ. روشەنكى، ياشانغانلارنىڭ بۇ ئۆزگىرىشكە تولغان جەمئىيەتتە نورمال خىزمەت قىلالىشى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك مائارىپ سىستېمىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك. بىراق، بۇ يەنە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارغا زور خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، جۇڭگودىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ياشانغانلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلە ئەمەس، بەلكى بۇ ئاساسلىقى مائارىپتىكى مەسىلە. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا رەسمىي مائارىپ سىستېمىسىغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە ھەممە ياشتىكىلەرگە بىۋاسىتە ھەم ۋاقتىدا نەپ بېرىدىغان ئۆمۈرلۈك مائارىپنى كېڭەيتىش، جۈملىدىن ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىنى كۆپەيتىش نۆۋەتتىكى ئەڭ زۆرۈر ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
    دەرۋەقە، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرى شۇ ئەللەردىكى تارىخ ، مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىكى چاتاقلاردىن باشقا خەلقنىڭ ئۆزىدىدۇر. ناۋادا بىر ئەلنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ۋە سۈپىتى تەلەپتىن يىراق بولسا، بۇ ھەم قىسقا ئارىلىقتا ھەل بولمىسا، ئۇ ھالدا پۇخرالار كۆپرەك ئۆزىگە تايانماي بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان ئەلدە ئۆمۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرى كۆپىنچە پۇخراۋى ئورگانلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئورگانلار جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى ئەڭ تېز، بىۋاسىتە ھەم ئۈنۈملۈك رەۋىشتە ھەل قىلىشتا زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا. نۆۋەتتە بىزدىمۇ ئەنە شۇنداق ئورگانلارنىڭ داۋاملىق كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى ھەم ئۇلار ئارىسىدا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغۇچى ساغلام رىقابەتلەرنىڭ بولۇشى تولىمۇ زۆرۈردۇر. مۇشۇنداق ئورگانلار بولغان ھەم ئىقتىساد يار بەرگەن شارائىتتا كىشلەرنىڭ رەسمىي مائارىپتىن سىرت ئۆگىنىش ئىشلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىشى پۈتۈنلەي ئۆزىگە قالىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلار بۇ ئىشتا مەيلى مۇشۇ ئورگانلارغا تايانسۇن ياكى ئۆزىگە تايانسۇن، تاللاش، روھىي سىناق ۋە ئۇسۇل مەسىلىسىدە كەتكۈزۈپ قويسا بىھۇدە زىيانلارغا دۇچار بولۇشى مۇمكىن.  تۆۋەندە بىز ئالىي مەكتەپ يېشىدىكى ياشلىرىمىز مۇشۇ جەھەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بەزى ئەھۋاللىرى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل قىلىپ باقايلى.

    ئا ئەھۋال: 
    مەۋلان ناھايىتى چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ياش ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئۆزى مۇھىم ھەم ئەسقاتىدۇ دەپ قارىغان ئېنگىلىز تىلى كەسپىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن ۋاز كەچتى. ئۇ بىر پۇخراۋى مەكتەپتە ئىككى يىل ئېنگىلىز تىلى ئۆگەندى ھەمدە ئۆزى بەكلا قىزىققانلىقى ۋە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. كېيىن ئۇ بەزى تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى ۋە بەلگىلىك ئېتىراپقا ئېرىشتى. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ بەزى دوستلىرىنىڭكىدىن ئاز بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، رۇس تىلى ئۆگىنىشنى باشلىدى. رۇس تىلىدىن بىر-ئىككى كىتاب تۈگەتكەندىن كېيىن چېگرا سودىسى ساھەسىگە كىرىپ باقماقچى بولدى، لېكىن ئۇ يەردىكى شىددەتلىك رىقابەت ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ چەتئەلگە چىقىش ئاسانراق بولىدىكەن دەپ فرانسۇز تىلىنىمۇ بىر مەزگىل ئۆگەندى. لېكىن بۇنىڭ يەنە نۇرغۇن پۇل بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلىپ سولىشىپ قالدى. شۇ جەرياندا ئۇ شوپۇرلۇقنىمۇ ئۆگىنىپ قويسام ئەرزىيدۇ دەپ ئۇنىمۇ  قولدىن بەرمىدى.
          يۇقىرىقى ئەھۋالدا بىز مۇئەييەنلەشتۈرشكە ئەرزىيدىغان بىرلا تەرەپ بار، ئۇ بولسىمۇ مەۋلاننىڭ ئىزچىل ئۆگىنىش روھى. بۇ ‹‹ئۆمۈربويى ئۆگىنىش›› نىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئاساسى. لېكىن تاللىغان نىشانىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، ئارتۇقچە ئالدىراقسانلىق ۋە روھىي ئاجىزلىق بۇ ياشنىڭ بىرەر ساھەدە ئۇتۇپ چىقىشىنى توسۇپ تۇرغان.

    ب ئەھۋال:
    پاتىمە ئالىي مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر كەسپىدە ئوقۇش ئۇقتۇرۇشىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئالەمچە سۆيۈنۈپ كەلگۈسىنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشتىم دەپ ئويلىدى ھەمدە نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان شۇ كەسىپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇ بەش يىللىق ئوقۇشىنى نۇرغۇن جاپا بىلەن غەلىبىلىك تاماملاپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.  قايتىپ كېلىپلا ئۇ ئۆز كەسپىگە ماس خىزمەتنىڭ بازىرى كاسات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. كېيىن ئۇ ھەرخىل تىرىشچانلىقلار بىلەن  باشقا بىر كەسىپتە ئوقۇتقۇچى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۆزى ئۆگەنگەن كەسىپ بىلەن ئاسمان=زېمىن پەرقلىنىدىغان بۇ كەسىپنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۇنىڭغا بەكلا ئېغىر كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇ خۇددى ئالىي مەكتەپنى قايتا بىر ئوقۇغاندەك تۇيغۇلاردا بولدى. ئەمدى خىزمەتتە ۋە كەسىپتە ئۇتۇپ چىقىش ئۇنىڭ ئۈچۈن چۈشكە ئايلاندى.
     پاتىمەنىڭ ئەھۋالى ئوقۇتقۇچىلىق ئۈچۈن كەسپىي ئىمتىھان يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى تىپىك ھادىسە ئىدى. ئۇ ئۆزى دەسلەپتە ئوقۇغان كەسپىنى ياقتۇرۇشى ياكى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن.  پاتىمەنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى ئۆزى خالىمىغان رەۋىشتىكى «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» نىڭ بىر مىسالىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ ئەمدى شۇنداق قىلماي ئامالى يوق. ناۋادا ئۇ دەسلەپتىلا كەسىپ تاللاش مەسىلىسىدە ئەستايىدىلراق ياكى ئەمەلىيرەك بولغان بولسا، كېيىن بۇنداق ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچار بولمىغان بولاتتى. پېقىرنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇنىڭغا سەل ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى، مەن ئەسلى ئۆز كەسپىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇغان، لېكىن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن تىلشۇناسلىق، تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئېنگىلىز تىلى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات ۋە فولكلور كەسپىگە ئادەم لازىم ئەمەس ئىدى.  ئېنگىلىز تىلىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كەلگىنىم ئۈچۈن بۇنىڭدا قىينالمىدىم، لېكىن تىلشۇناسلىق ۋە تەرجىمە نەزەرىيىسىگە كەلگەندە جىق بەدەل تۆلىدىم ھەم بۇ دەرسلەردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچى بولالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى.
    س ئەھۋال:
    يالقۇن 92-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەن ياش ئىدى. ئۇ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسپرانتلىقتا ئوقۇدى. ئۇ شۇ چاغدا پەقەت قىزىقىش يۈزىسىدىنلا  شۇنداق قىلغانىدى. نۇرغۇن ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرى بولسا ئۇنى ئارتۇقچە ئىش قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىدى. چۈنكى شۇ مەزگىللەردە ئاسپرانتلىقتا ئوقۇمىسىمۇ بىرەر خىزمەتكە ئاسانلا ئېرىشكىلى بولاتتى. 2000-يىللارغا كەلگەندە بولسا يالقۇن نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئۈچۈن ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
     ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇشمۇ «ئۆمۈرلۈك مائارىپ» دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى ئۇ رەسمىي مائارىپ ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئىنسان ھاياتىنىڭ قايسى بۆلىكىدە بولسا بولۇۋېرىدىغان مائارىپ. شۇڭا ئېنگىلىز تىلىدا ئاسپرانت«post graduate student» يەنى، « ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئوقۇغۇچى» دېيىلىدۇ. خەنزۇ تىلىدىكى«研究生» يەنى « تەتقىقات قىلىدىغان ئوقۇغۇچى»ئەمەلىيەتتە ئەسلىي مەنىدىكى تەرجىمە ئەمەس. ھالبۇكى، بۇ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يەنى بۇ خىل ئوقۇش ئاساسەن تەتقىقات،ئوقۇتۇش ساھەلىرىگە كۆپرەك ماس كېلىدىغان تاللاشتۇر. بۇ ھەم يۈكسەك تەتقىقات تۈسىنى ئالغان دوكتورلۇق ئوقۇشىنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدۇر.
    دەرۋەقە ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش بۈگۈنكى نۇرغۇن ياشنىڭ خىزمەت تېپىشتىكى بىر مۇھىم تاللىشى بولۇپ قالدى. لېكىن بۇ ئوقۇشقا كىرىشتىكى رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى ئەھۋالدا ياشلارنىڭ دەسلەپتىلا ئىزچىل ھەم پۇختا تەييارلىق قىلىپ مېڭىشى، كەسىپنى مۇۋاپىق تاللىشى ۋە مەغلۇبىيەتتىن قورقمايدىغان جاسارەتنى يېتىلدۈرۈشى بەكمۇ زۆرۈردۇر. نۇرغۇن ياشلىرىمىزدا يۇقىرىقىدەك ھازىرلىقلار تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشىكتىن كىرەلمەيۋاتىدۇ.

    د ئەھۋال
    سانىيە ئالىي مەكتەپكە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كىرەلمىدى. ئۇ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن تىككۈچىلىك دۇكىنىدا ئىشلىدى، بالا باققۇچىمۇ بولدى. يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىدى. بۇ جەرياندا دەرۋەقە ئۇ جىق نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن بولدى. ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ھىچقانداق پىلانى يوق ئىدى.
    بۇ تۈردىكى ياشلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ھوقۇقى يوق، ھوقۇقى بولسىمۇ ئۇنى ئىشلىتىشتىن قورقىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئىش قىلاي دېسە ئالدىدا خىلمۇخىل توساقلار بار. بۇ  ئۇلارنىڭ روھىنى تېخىمۇ سۇندۇرىدۇ. سانىيە كەبى ياشلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەرگىز قىسمەنلىك دېگىلى بولمايدۇ. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە نۆۋەتتە جۇڭگودا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغىنى بىلەن، ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران بەش پېرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. (22) روشەنكى بۇنىڭدىن جۇڭگودا ئالىي مائارىپقا ئېرىشەلمەيۋاتقان ياشلارنىڭ نەقەدەر كۆپلۈكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.
    ئالىي مەكتەپكە كىرەلمەي قالغان ياشلارنىڭ ھاياتى شۇنىڭ بىلەن گۈللىنىش پۇرسىتىدىن ئايرىلامدۇ؟ بۇنىڭغا ھەئە دېيىشنىڭ ئۆزى مەكتەپلەرگە ئارتۇقچە ۋە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ بىر تىپىك ئىپادىسىدۇر. ئالىي مەكتەپلەرگە كىرەلمىگەن ياشلارمۇ تىرىكچىلىككە پايدىلىق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىپ مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق ياشلارنىڭ ئىچىدىن ھەر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلاردىنمۇ ئېسىل سۈپەت ياشلار مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ. مەن شۇ ئارىلىقتا تۇرسۇنجان ئىسىملىك بىر دوستۇمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. ئۇ كورلىنىڭ بىر يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ناچار بولغاچقا ئاران 10-يىللىققىچە ئوقۇپ مەكتەپتىن قالغان. كېيىن ئۇ بىرمەزگىل ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئۆتكەن. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈپ تىجارەت ساھەسىگە قەدەم قويغان. بىراق ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قەتئىي بوشاشتۇرماي كەلگەن. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئىدىم. ئۇ ھەرقېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەندە نۇرغۇن كىتاب سېتىۋېلىپ قايتاتتى. كېيىن بىر بۇرسەت بولۇپ ئۇنىڭ كورلىدىكى ئۆيىگە بارغىنىمدا لىق تولغان بىر چوڭ كىتاب ئىشكابىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانىدىم. شۇ چاغدا مەندەك بىر كەمبەغەل ئوقۇغۇچىنىڭ كىتابىمۇ ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس ئىدى. تىجارىتى بېسىق بولمىغان چاغلاردا ئۇ يەنە ئېنگىلىز تىلى، كومپيۇتېر ئۆگەندى. ئۇ خۇددى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان نەرسىلىرىنى تولۇقلىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقاندەك تۇراتتى. تىجارەت ئىشىدا بولسا ئۇ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىغان جانلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭدا بىزدىكىدەك خىزمەت غېمى، تۇرمۇش غېمى دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.  ئۇنىڭ بىر قېتىم سىلەر «ئاسپرانتلار نېمە دېگەن چۈشكۈن، سىلەرگە قاراپ ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم.» دېگىنى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. دېمەك يەنە ئۇنىڭدىكى كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە جاسارەت بىزنى قايىل قىلىپ تۇراتتى. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەن تۇرسۇنجاننىڭ ‹‹ئۆمۈربويى ئۆگىنىش›› تە بىر ساغلام ئۈلگە ياراتقانلىقىنى چوڭقۇرھېس قىلدىم. بىز باشتىكى سىتاتېستىكىدا كۆرگىنىمىزدەك جۇڭگودا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن يىراق كىشىلەر مۇتلەق كۆپ قىسىمنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇشۇ نىسبەت بويىچە ئېيتقاندا «ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش» ياكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش مەسىلىسىنى كۆپرەك شۇ بىر تۈركۈم ياشلارغا تەدبىقلاپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىش نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولسا كېرەك. 
    يۇقىرىقى ئەھۋاللار پەقەت بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جەريانىلاردىكى تىپىك كەچۈرمىشلىرىدۇر. دەرۋەقە، رەسمىي مائارىپ بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدىكى بەزى جىددىي مەسىلىلەر پات ئارىدا ھەل بولمايدىغان رېئاللىق ئالدىدا ئالغا بېسىش ياكى چېكىنىش كۆپىنچە شۇ ياشلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولۇپ قالىدۇ.
     

      
    «ئۆگىنىش جەمئىيىتى»گە كىرىش

    بىز»بىلىم ئىگىلىكى »(知识经济,Knowledge Economy)دېگەن ئاتالغۇنى ئاڭلىغىنىمىزغا ۋە ئىشلەتكىنىمىزگە خېلى بولدى. دەرۋەقە بۈگۈن دۆلەتلەر ئەنئەنىۋى  مەھسۇلاتنى ئاساس قىلغان ئىگىلىكتىن بىلىمنى ئاساس قىلغان ئىگىلىككە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە “ئۆگىنىش جەمئىيىتى»(learning society,学习型社会) دەل ئاتالمىش “بىلىم ئىگىلىكى» دەۋرى تەقەززا بولىدىغان جەمئىيەتتۇر. «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش»ئۇقۇمى «ئۆگىنىش جەمئىيىتى»نىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئۇ ئۆمۈربويى داۋاملىشىدىغان، ھەممە قاتنىشىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ خىللاشقان ئۆگىنىش ئىچىدىكى جەمئىيەتتۇر. بۇ ئۇقۇمنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس تىكلىگەن تەتقىقاتچىلار ئىچىدە ئامېرىكىلىق مائارىپشۇناس دونالد ئالان سچۆن (1930-1997) ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنىدۇ. ئۇ بىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان شارائىتتىكى ھايات كەچۈرمىشلىرى بىلەن ئۆگىنىشكە بولغان ئېھتىياجنى باغلايدىغان نەزەرىيىۋى قۇرۇلما بىلەن تەمىنلەيدۇ.  ئۇنىڭ مۇنداق قارايدۇ: « تۇرغۇن ھالەتلەرنىڭ يوقىلىشى دېمەك جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئورگانلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش جەريانى ئىچىدە تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئەمدى پۈتكۈل ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمەي تۇرغۇن ھالەتنى ساقلايدىغان جەمئىيەتلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرالمايمىز. بىز بۇ ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىش، يېتەكلەش، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بىز ئۇلارنى ئۆزلىرىمىز ۋە ئۆز ئورگانلىرىمىز بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىز ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. ئۆزگىرىۋاتقان شارائىت ۋە تەلەپلەرگە جاۋابەن ئورگانلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە  ئۆگىنىش ئىچىدىكى سىستېمىلار بولمىش ئورگانلارنى بەرپا قىلىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.»(23)  
     جەمئىيەتشۇناس روبېرت م. خۇتچىنس 1968-يىلى ئەڭ دەسلەپ «ئۆگىنىش جەمئىيىتى»نىڭ زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭچە بولغاندا مائارىپ سىستېمىلىرى ئۆزلىرىگە قويۇلغان تەلەپلەرگە جاۋاب قايتۇرالمايدىغان بوپقالدى. ئۆگىنىش ئۆزگىرىشلەرنىڭ دەل مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دەيدىغان ئىدىيىگە يۈزلىنىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. « ئىككى ھالقىلىق پاكىت - ئېشىپ بېرىۋاتقان بىكار ۋاقىت ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېزلىشىشى ئىچىدە كېيىنكىسى ئۆزلۈكسىز مائارىپنى تەلەپ قىلسا، ئالدىنقىسى ئۇنى مۇمكىنچىلىككە ئېرىشتۈرىدۇ.»دەيدۇ ئۇ (24)
      بىز يۇقىرىدا ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېزلىشىشى ۋە ئۇنىڭ «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش»كە ئاساس بولۇشى ھەققىدە ئاز-تولا سۆزلىگەن ئىدۇق. ھالبۇكى، ئېشىپ بېرىۋاتقان بىكار ۋاقىت ھەققىدە توختالغاندا ئەھۋال سەل مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن. بىكار ۋاقىت دېمەك يەنىلا بىر خىل نىسپىي ئۇقۇم بولۇپ، ناۋادا ئۇ ماددىي ئېھتىياجلارئۈچۈن ئەمگەك قىلىپ ئېشىپ قالغان ۋاقىتنى كۆرسەتسە، ئۇ ھالدا تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ بىكار ۋاقتى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭكىدىن كۆپ بولغان بولىدۇ. ناۋادا ئۇ ھەرخىل مەنىۋى ئېھتىياجلار،جۈملىدىن ئۇتۇق ياكى ئابرۇي قازىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ۋاقىتتىن سىرت ۋاقىتنى كۆرسەتسىچۇ؟ خۇتچىنس بۇ يەردە ئېھتىمال دەسلەپكى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. دېمەك، ئۇنىڭچە بولغاندا كىشىلەردە ئېشىنچە ۋاقىت كۆپ بولغانسېرى ئۇلار يېڭى ۋە كېرەكلىك نەرسىلەرنى شۇنچە كۆپ ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇ ھېساب بويىچە قارىغاندا تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولۇشى كېرەك. دېمىسىمۇ رېئاللىق شۇنداق. بۈگۈنكى كۈندە بايلارنىڭ داۋاملىق بېيىشى، نامراتلارنىڭ داۋاملىق نامراتلىشىشى دۇنياۋى ئاساسلىق ئېقىم بولۇشى دەل شۇنىڭ بىر ئىپادىسى. دېمەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر باشقىلارغا يېتىشىۋالىمەن دەيدىكەن بۇ جەھەتتە تېخىمۇ زور بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ. ئۇلار ئاران قولغا كەلگەن ئېشىنچە ۋاقىتلىرىنى غەربلىكلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قەدىرلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك. بۇ شەرقلىقلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم زۆرۈر شەرتتۇر.
    ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلغان باي ئەللەرنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئىلغار پەن-تېخنىكىلىرىنى تەييار پېتى ئەكىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭا نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا نامرات ئەللەر باي ئەللەردىن تېزراق تەرەققىي قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ مائارىپلىرى ئارىسىدىكى بوشلۇق بەك زور بولسا (بۈگۈنكى ئومۇمىي ھالەت ئەنە شۇنداق) مۇشۇ پەن-تېخنىكىلارنىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرىدىغان كۈچكە ئايلىنىشى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ئۆگىنىش ئەنئەنىۋي مائارىپنىڭ چېگرىلىرىدىن ھالقىپ پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە ھاياتقا كېڭەيمىسە، نامرات ئەللەرنىڭ ئەسلىدىلا ئاجىز بولغان رەسمىي مائارىپلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ گۈللىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس.  دەرۋەقە « پەن-تېخنىكىدىكى يۈكسېلىشلەر مائارىپشۇناس تورستېن خۇسېن ئېيتقاندەك كىشىلەرنى ‹ئۆگىنىش جەمئىيىتى›  باشلاپ كىرىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇنىڭچە بولغاندا ‹بىلىمنىڭ پارتلىشى› غا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە مائارىپ ئۆمۈربويى داۋاملىشىدىغان جەريانغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇقىم كىرىش ھەم توختاش نۇقتىلىرى بولمايدۇ. ئۇ بارا-بارا تېخىمۇ كۆپ كىشى قوبۇل قىلالايدىغان غەيرى رەسمىي خاراكتېرغا ئىگە بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، تېخىمۇ مەنىلىك ھەم ئەمەلىي قوللىنىشچان بولىدۇ.» (25)
    دېمەك، نامرات ئەللەر باي ئەللەرنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىلىرىنى قارىغۇلارچە سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلەنسە، تەييار بازىرى ئارقىلىق ياراتقان پايدىسىغا رازى بولۇپ ئولتۇرۇۋەرسە، ئۆز مائارىپلىرى ئارقىلىق يېڭى-يېڭى تېخىنىكىلارنى يارىتىشقا تىرىشمىسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولماي قالىدۇ. شۇڭا جۇڭگو قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئولىمپېكتەك دۇنياۋىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز مائارىپىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مائارىپ بىز تەكىتلەۋاتقان «ئۆمۈرلۈك مائارىپ»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە. شۈبھىسىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە مەلۇم بىر ئەلنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتە پەقەت رەسمىي مائارىپنىلا تۇتقا قىلىش بارابارا تارىخقا ئايلىنىدۇ. «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش»روھى ھەم پائالىيەتلىرى بولسا بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات سۈپىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم يېڭى نۇقتىلار بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بۇ ئاۋۋال رەسمىي مائارىپنى ياخشىلاپ بولۇپ ئاندىن «ئۆمۈرلۈك مائارىپ»قا يۈرۈش قىلىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس.  بىز باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك «ئۆمۈرلۈك مائارىپ»دەل رەسمىي مائارىپنىڭ بىر ھەمراھى سۈپىتىدە ئۇ ھەل قىلىپ بولالمايۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رولغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە قارىغاندا بۇ خىل مائارىپقا تېخىمۇ جىددىي مۇھتاجدۇر. غەربلىكلەر بولسا ئۇنىڭ پايدىسىنى ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىلدا خېلى كۆردى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق يەنە كۆرىدۇ.  مەيلى قانداق بولسۇن، تەرەققىياتنىڭ پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن،  خۇددى مائارىپشۇناس ئېدگار فائۇرې ئېيتقاندەك : « كەلگۈسىدە ئۆمۈرلۈك مائارىپ ھەم تەرەققىي تاپقان ھەم تەرەققىي قىلۋاتقان ئەللەرنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇقۇمغا ئايلىنىشى كېرەك.» (26)
    ستاتا مەنبەلىرى

    (1) داۋې ر.ك.خ (Dave R.K.H): «ئۆمۈرلۈك مائارىپنىڭ ئاساسى» ئوكسفورد،  پېرگامون نەشرىياتى نەشرى، 1976-يىل ،65-بەت
    (2) پالېپۇ ر. (Palepu, R):«تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە ئۆمۈربويى ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش ھەققىدە خەلقئارالىق ئوقۇشلۇق» 2-قىسىم،گوللاندىيە، ئاكادېمىك نەشرىياتى 2001-يىل ، 767-بەت
     (3) لوڭۋورس نورمان (Longworth, Norman):”ئۆگىنىش ئەسىرى ئۈچۈن ئۆگىنىش جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇش»«ئۆمۈربويى ئۆگىنىش ھەققىدە خەلقئارالىق ئوقۇشلۇق» 2-قىسىم،گوللاندىيە، ئاكادېمىك نەشرىياتى 2001-يىل ،  592-بەت
    (4)جون دېۋېي (Dewey, J):« مائارىپ توغرىسىدا تاللانغان يازمىلار» ف.ۋ. گارلاتخ تەھرىرلىگەن، لوندون Heinemann   نەشرىياتى نەشرى، 1966-يىل،27-بەت
    (5) ۋاڭ يىڭ:«ئۆمۈربويى ئۆگىنىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى»، جۇڭگو گېزىتى (ئېنگىلىزچە نۇسخىسى) 2007-يىل 20-ئىيۇن
    (6) جۇڭگو ئالىي مەكتەپلەر خەۋەر تورى:
    http://www.gxedu.org.cn/article/1/29/2298.html
    (7) جياڭ فۇئېر: «شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 18.1 پېرسەنتكە يەتتى» «جۇڭگو مائارىپ گېزىتى» 2005-يىل1-ئۆكتەبىر 1- بەت.
    (8) تيەن شىنرې :«خىزمەت بازىرى نېمىشقا شۇنچە پاتپاراقچىلىققا توشۇپ كېتىدۇ؟»  جۇڭگو ئىقتىساد يېتەكچىسى گېزىتى 2006-يىل 28-ئوكتەبىر
    (9) يى مىڭ : «2008-يىلى 5 مىليۇن ستۇدېنت خىزمەت ئىزدەيدۇ: پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ سالماقلىق بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش لازىم»  جۇڭگو ستۇدېنتلىرى تورى
    http://www.chinacampus.org/jy/ShowArticle.asp?ArticleID=973
    (10) ئابدۇرېھىم دۆلەت: «بىلىم ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»، «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل نەشرى، 174-بەت
    (11) سەمۇئېل سمىلېس (Samuel Smiles): «ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش»، لوندون، 1859-يىل، مادالۇ تەرجىمە قىلغان، ئېنگلىزچە-خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخا، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2003-يىل، 382-بەت
    (12) كارل ر. روگېرس (Carl R. Rogers): «ئادەم بولۇش توغرىسىدا» جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2005-يىل 253-بەت
    (13) خولمبېرگ، ب.( Holmberg, B):«يىراقتىن ئوقۇتۇشنىڭ تەدرىجى تەرەققىي قىلىشى،پرىنسىپلىرى ۋە ئەمەلىيىتى» ئولدېنبۇرگ ئۇنىۋېسىتېتى نەشرىياتى نەشرى، گېرمانىيە، 2005-يىل، 13- بەت
    (14) بابسون تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىسى (Babson Survey Research Group ): «تور ئۈستىدىكى خەلق- تورئۈستىدە ئۆگىنىشنىڭ بەش يىللىق تەرەققىياتى» 2007-يىل ئۆكتەبىر، 1-بەت
    (15) ئابراھام ماسلوۋ: «ئىنسان پسىخىكىسى ھەققىدە»، جون ۋىللېي سونس نەشرىياتى نەشرى، 1999-يىل، 78-بەت
    (16)مەنبە:
    http://www.campusgrotto.com/most-popular-college-majors.html 
    (17)مەنبە:
    http://www.holytaco.com/2008/06/03/the-10-most-worthless-college-majors
    (18)،(19)  ئېرىچ فروم(Erich Fromm):«ئېرىشىش ياكى بولۇش؟» جوناسان كېيپ چەكلىك شىركىتى نەشرىياتى نەشرى ،لوندون،1992-يىل، 36-،111-بەتلەر
    (20) ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىكى:« ئۆمۈربويى ئۆگىنىش ھەققىدە بىر ئەسلەتمە» برۇسسېلس، بېلگىيە 2000-يىل 30- ئۆكتەبىر ، 5-بەت
    (21) ئاداما ئوئۇئانې( Ouane, Adama): «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھالقىلىق قابىلىيەتلەر» Madhu Singh تەھرىرلىگەن:«ئۆمۈربويى ئۆگىنىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش» ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى مائارىپ ئىنىستىتۇتى ، ھامبۇرگ، 2002- يىل، 340-بەت
    (22): رېن چىنچىن: «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش مەسىلىسى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كۈچلۈك ئېتىبارىنى قوزغىدى»، شىنخۇا تورى خەۋىرى،2008-يىل15-يانۋار
    http://news.xinhuanet.com/newscenter/2008-01/15/content_7423532.htm
    (23) سچۆن،  د. ئا ( Schön, D. A ):« تۇرغۇن ھالەتتىن ھالقىش، ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەتتىكى ئاممىۋى ۋە شەخسىي ئۆگىنىش» ، پېنگۋىن نەشرىياتى نەشرى، 1973-يىل، 28-بەت
    (24) خۇتچىنس، ر.م (Hutchins, R. M.):«ئۆگىنىش جەمئىيىتى»، پېنگۋىن نەشرىياتى نەشرى، 1970-يىل، 130-بەت
    (25) تورستېن خۇسېن (Torsten Husen) : «ئۆگىنىش جەمئىيىتى» لوندون مېتۇئېن نەشرىياتى نەشرى، 1974-يىل، 198-بەت
    (26)  ئې. فائۇرې (E. Faure): «ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش» پارىژ، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى UNESCO  نەشرى ، 1972-يىل، 182-بەت
     

    شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2008-يىل 5-سان


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.