ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-11

    «ئۆگىنىش جەمئىيىتى» گە كىرىش(1) - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40872428.html

    دىلمۇرات مەھمۇد

    كېيىنكى ئەسىردە ئىقتىسادتا ئۇتۇق قازانغۇچى ئەللەر ئۆگىنىش جەمئىيىتىگە ئايلانغانلار، ھەممىسى ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق ئۈمۈربويى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلەر بولۇپ چىقىدۇ.
    - بىرىتانىيە دۆلەتلىك يۇقىرى مائارىپنى تەكشۈرۈش كومىتېتى دوكلاتى (1997)

    مېنىڭ مۇشۇ بىلىمىم مېنىڭ كېيىنكى پۈتكۈل ئوقۇتۇشۇم ۋە ھاياتىمغا يېتىپ ئاشىدۇ.
                                -ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا بىر كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ دەرس ئارىلىقىدا بىزنىڭ ھۇرۇنلۇقىمىزنى تەنقىد قىلىپ، ئۆزىنى تىرىشچانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ دېگەن سۆزى
     

    بىر جىددى زۆرۈرىيەت


    بىرنەچچە يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن دىپلۇم ۋە گۇۋاھنامىلەر بىر كىشىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟ بىلىمگە تايىنىشچانلىقى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان ۋە تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان بۇ دۇنيادا كىشىلەر پەقەت دەسلەپكى ھاياتىدا جۇغلىغان بىلىملىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنى ساق ۋە بىخەتەر ھېس قىلالامدۇ؟ ئىنسانىيەت يالغۇز ئەنئەنىۋى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ مائارىپى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا ئېرىشەلەمدۇ يوق؟ مانا بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسى مائارىپتىكى بىر ئىسلاھات –«ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» (   Lifelong learning, 终身学习     )
     پروگراممىسىنى زۆرۈرىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش»  -»كىشىلەر ئۆگىنىش ئىشىدا ھەرگىز بەك بالدۇر ياكى بەك كېچىككەن بولمايدۇ» دېگەن ئۇقۇمدىن ئىبارەت. دېمەك ئۇ بىر خىل پوزىتسىيە تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بىراۋنىڭ يېڭى ئىدىيىلەر، قارارلار، ئىقتىدارلار ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلارغا  ئاكتىپ يۈزلىنىش  مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوقۇم بارلىقى ھەم شۇنداق قىلىشى لازىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ » قېرى ئىتقا يېڭى ماھارەتلەرنى ئۆگەتكىلى بولماس» دېگەن تېئورىمىنى كۈچتىن قالدۇرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ھاياتنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىلا ئەمەس، ھاياتنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىدا، مەكتەپلەردىلا ئەمەس، يەنە مەكتەپلەردىن ھالقىغان كونتېكىستلاردا، يەنى خىزمەتتە، ئۆيدە ۋە ياكى كۆڭۈل ئېچىش جەريانلىرىدىمۇ ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىشىنى ئالغا  سۈرىدۇ.   ئەمەلىيەتتە، دېمىسىمۇ ھەممىمىز  ھەركۈنى يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئىچىدە بولىمىز. بۇ جەريان ‹‹بۆشۈكتىن گۆرگىچە›› داۋاملىشىدۇ. بىراق ‹‹ئۆمۈربويى ئۆگىنىش››نى بۇنداق ئاددىي چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ مېغىزلىق مەنىسى شەخسىي تەرەققىيات ۋە لاياقەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، زامانغا ماس ھەم ھاياتقا پايدىلىق بولغان يېڭى بىلىملەرنى ئىزچىل ئۆگىنىپ مېڭىش دېمەكتۇر. خۇددى مائارىپشۇناس سۇچودولسكي ئېيتقاندەك «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» ئۇقۇمى ئىنساننىڭ ئىزچىل تەرەققىياتى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر بۆلۈكىگە ئايلىنىشىدىن ئىبارەت ئىدىيە ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. (1) مائارىپشۇناس پالىپۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» دېمەك ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىگە مەكتەپ سىستېمىلىرى سىرتىدا ئېرىشىشنىڭ مۇمكىنلىكى، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ تېز ئۆزگىرىۋاتقان تەلەپلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. (2) مائارىپشۇناس لوڭۋورسنىڭ ئىزاھاتى بۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان ئىجابىي جەريان ئارقىلىق ئىنساننىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ جەرياندا شەخسلەر پۈتكۈل ھاياتىدا تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق بىلىم، قىممەتلەر، ماھارەتلەر ۋە چۈشىنىشلەرگە ئىگە بولۇشقا قوزغىتىلىدۇ ھەمدە شۇلارنى بارلىق ئەھۋال ۋە شارائىتلارغا ئىشەنچ،ئىجادچانلىق ۋە ھوزۇر بىلەن  قوللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.»(3)  داڭلىق مائارىپشۇناس جون دېۋېي بولسا «بۆشۈكتىكىلەر» نىڭ يەنى،ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ئۇلارنى كەلگۈسى ھاياتقا تەييارلاندۇرۇش دېمەك ئۇلارنى ئۆزىگە قوماندان بولۇشنى ئۆگىتىش دېمەكتۇر. شۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيەتلىرىنى تولۇق ھەم تەييار ئىشلىتەلەيدىغان بولىدۇ.›› (4) روشەنكى، بۇ رەسمىي مائارىپ باشلىنىش ئالدىدىكى غەيرىي رەسمىي مائارىپ يەنى «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» جەريانىنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسمى بولغان گۆدەكلەر مائارىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى بولۇشى كېرەك.
        شۈبھىسىزكى، بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرلىرىمىزدە ئائىلىمىزدە، مەكتەپلەردە ئۆگەنگەنلىرىمىز ئۆمۈر بويى يەتمەيدۇ، يەنى ئۇلار تېزلا زاماندىن قالىدۇ. بۈگۈنكى رېئاللىقتا بۇ جەرياننىڭ تېزلىكى تارىختىكى ئەڭ زور رېكورتنى ياراتتى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماسلىق ياكى تاپقان خىزمىتىنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرالماسلىق مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا دەل مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقماقتا. ئەلۋەتتە بازار ئىگىلىكى دولقۇنى بۇ جەھەتتىكى نېگىزلىك سەۋەبتۇر. شۇڭا بىز غەرب ئەللىرىدە نېمە ئۈچۈن ‹‹ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» دولقۇنلىرىنىڭ ئەڭ بالدۇر مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەنمىسەكمۇ بولىدۇ. ئەنئەنىۋى مائارىپ مەيلى قايسى ئەلدە بولسۇن پەقەت ئون نەچچە يىل داۋاملىشىدۇ. ئالىي مائارىپنى قوشقاندا بۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 14-18 يىلغا يېتىدۇ. لېكىن كۈنسېرى تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىۋاتقان ۋە رىقابەتكە تولۇۋاتقان دۇنيادا كىشىلەر داۋاملىق پۇت تىرەپ تۇرىمەن دەيدىكەن، ئاشۇ ئون نەچچە يىللىق ئۆگىنىش ھاياتىدا ئېرىشكەن بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى كۆشەپ ئولتۇرسا مەڭگۈ ئالغا باسالمايدۇ. يەنى، بۈگۈنكى دۇنيادا مەكتەپتىن ، ئوقۇتقۇچىلاردىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان كىشى زامانىۋى ساۋادسىزغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئەمدى قېرىپ مۈكچىيىپ كەتسىمۇ ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق بىر خىل پەزىلەت بولۇپلا قالماي بەلكى بىر زۆرۈرىيەت سانىلىشى كېرەك. يەنە كېلىپ ئەنئەنىۋى مائارىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تولۇق ماسلىشالماي قالغان بۈگۈنكى كۈندە «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» پروگراممىلىرى ۋە پائالىيەتلىرى دەۋرنىڭ تەققەززاسىغا ئايلانماي قالمايدۇ. مىسالەن، « نۆۋەتتە جۇڭگودا ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچىلەرنىڭ ئىشسىز قېلىش ئەھۋالى  ئىقتىدار بىلەن تەلەپ ئارىسىدىكى ماسلاشماسلىقتىن، ئالىي مائارىپنىڭ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى ئاساسلىقى ناچار دەرس لاھىيىسى، زاماندىن قالغان تەربىيىلەش مېتودلىرى، ناچار تۈزۈلگەن دەرس تەرتىپى، ناچار ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە كەمتۈك خىزمەت بازىرى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دەيدۇ دۇنيا بانكىسى ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ شۇيلىن.»(5) دەرۋەقە، نۆۋەتتە جۇڭگودا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى يىلدىن يىلغا ئاشماقتا. بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. بىراق بۇ يەنىلا تەلەپتىن يىراق. جۇڭگو ئالىي مەكتەپلەر خەۋەر تورىنىڭ 2007-يىلى 12-سىنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 2007-يىلى جۇڭگودا ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 23 پېرسەنتىگە يەتكەن.(6) شىنجاڭدا بۇ نىسبەت  1998-يىلى 8 پېرسەنت بولۇپ، 2005-يىلى 18.1 پېرسەنتكە يەتكەن. (7) ھالبۇكى،  ھازىر دۇنيادا ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 35 پېرسەنتتىن ئاشىدىغان دۆلەتتىن  29 ى بار. كانادا، ئاۋسترالىيە، فىنلاندىيە، يېڭى زىنلاندىيە ۋە نورۋېگىيەدە بۇ سان 50 پېرسەنتتىن ئاشىدۇ. ئامېرىكا بىلەن كورىيەدە بولسا 80 پېرسەنتتىن ئارتۇق. (8) دېمەك بۇ پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگودا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۈتۈن مەملىكەت تىكى ىالىي مەكتەپكە كىرىش يېشىدىكى ياشلارنىڭ  تېخى تۆتتىن ئۈچىدىن كۆپرەكىگە نېسىپ بولمىدى دېگەن گەپ. شىنجاڭدا بولسا بۇ نىسبەت تېخىمۇ تۆۋەن.  شۇنداق تۇرۇقلۇق كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقان خىزمەت تېپىش مەسىلىسى بۇ يەردە مەلۇم چاتاقلارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. «مائارىپ مىنىستېرلىكىنىڭ ستستېستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 2008-يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگۈچىلەر 5.5 مىليۇندىن ئارتۇق بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 500مىڭ ئاشقان. ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ستاتېستىكىسىغا قارىغاندا 2007-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 5 مىليۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر مىليۇنى ھازىرغىچە خىزمەت تاپالمىغان.»(9) دەرۋەقە، مەلۇم جەمئىيەتتە خىزمەتكە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنى مۇتلەق ھالدا بىلىمسىزلەر بىلەن بىر قاتارغا تىزىشقا بولمايدۇ. بىراق ئابدۇرېھىم دۆلەت ئېيتقاندەك ‹‹بىر ئادەمنىڭ ئۆگەنگەنلىرى، بىلىدىغانلىرى كۆپ، ئەمما يەنىلا ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا، ئۇنى بىلىملىك دېگىلى بولمايدۇ. ئېھتىياجنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى ۋە يېڭىلىنىشى شەخسنىڭ بىلىم ئىزدىشى، ئىلگىرىلىشى، تەتقىقات يۆنىلىشى، كەسىپ تاللىشىغا دەرھال، بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر مەلۇم جەمئىيەتتىكى بۇ خىل ئېھتىياج شۇ جەمئىيەتنىڭ بىلىم-مائارىپ سىستېمىسىدا جايىدا، مۇۋاپىق ئىنكاسقا ئېرىشەلمىسە بۇ جەمئىيەتنىڭ بىلىملىك كىشىلىرى ئورگانلارغا نىسبەتەن بىلىملىك ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئېھتىياجغا نىسبەتەن تولىمۇ نابابلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.» (10) ھالبۇكى ئېھتىياجلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە يېڭىلىنىشى ھەممە كىشىنىڭ ئۆگىنىشى، تەتقىقاتى ۋە كەسىپ تاللىشىغا ئوخشاش دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسى ۋە ھۇشيارلىقىدىن باشقا شۇ جەمئىيەتتىكى مائارىپ سىستېمىلىرىنىڭ سۈپىتىگە باغلىقتۇر.  ئەنئەنىۋى مائارىپ ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر ئەلدە كەمكۈتىسىز ئەمەس. يۇقىرىقى مەسىلىلەر يەنە نۇرغۇن مەملىكەتتە خىلمۇخىل دەرىجىدە مۇۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنى تېز ھەم ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ھەرگىزمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەنئەنىۋى مائارىپقا يەنە ئارتۇقچە تايىنىۋېلىشنىڭ ھەرگىز پايدا ئەكەلمەيدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. شۇنداق ئىكەن «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» روھى ۋە پائالىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىم تاللاش بولۇپ قالىدۇ.
     

    «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» نىڭ يوللىرى

    «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش»ئىشى زادى قانداق كونكېرت ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؟ بۇنى ئىككى ياقتىن كۆزىتىش مۇمكىن. بۇنىڭ بىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتۇر. بۇ بىراۋنىڭ ھېچكىمنىڭ ياردىمىسىز ھەم مەكتەپتىن سىرت شارائىتلاردا ئۆگىنىش پائالىيىتىدە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.  ئېنگىلىز تارىخچىسى ئېدۋارد گىببوننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا « ھەربىركىشىنىڭ ئېرىشىدىغان ئىككى خىل مائارىپى بولىدۇ، بۇنىڭ بىرىنى ئۇ باشقىلاردىن قوبۇل قىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىم بولغان يەنە بىرىنى بولسا ئۇ ئۆزىگە ئۆزى بېرىدۇ.» (11) دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، گىببون ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى رەسمىي مائارىپتىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان. ئۇشبۇ نەقىل كىرگۈزۈلگەن، شوتلاندىيىنىڭ داڭلىق ئەخلاقشۇناسى ۋە مۇۋەققىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاتىسى سەمۇئېل سمىلېس (1812-1904)نىڭ مەشھۇر ئەسىرى «ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش» مۇ ھەرئىشتا ئۆزىگە تايىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى شەرھىيلەشكە بېغىشلانغان ئەسەردۇر. ئامېرىكىلىق مائارىپ پسىخولوگى كارل روگېرسنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا “ئىنساننى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۈندەيدىغان بىرلا خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتۇر.» (12) روگېرسنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى روھىيەت نۇقتىسىدىن بۇنداق يۇقىرى باھالىشى كىشىگە ھەقىقەتەن ناھايىتى زور ئىلھام بېرىدۇ. بۇ يەنە ئەلۋەتتە «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» روھىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان پوزىتسىيىدۇر. روشەنكى، تارىختا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئۇتۇق قازانغانلار ھەققىدىكى مىساللار كۈرمىڭ. بۇ يەردە مىسال كەلتۈرۈپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. بىز پەقەت  ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئەزەلدىن ئەڭ ئاچقۇچلۇق جەريان بولۇپ كەلگەنلىكى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى جەمئىيەت يۈزلىنىشىدە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئوتىدىغانلىقىنى ئۇنۇتمىساقلا بولدى.  ‹‹ئۆمۈربويى ئۆگىنىش›› نىڭ يەنە بىر خىل شەكلى دەل ئەنئەنىۋى مائارىپقا ئوخشاش باشقىلاردىن قوبۇل قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. لېكىن قوبۇل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىدا مۇئەييەن پەرقلەر بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹ ئۆمۈربويى ئۆگىنىش›› روھىغا لايىقلىشىپ مەيداىغا كەلگەن “ئۆمۈرلۈك مائارىپ»(lifelong education,终身教育) دەل مۇشۇنداق مائارىپتۇر . بۇ يەردە ئۇنىڭ كونكېرت شەكىللىرى بولغان “ئۈزلۈكسىز مائارىپ»( continuing education،继续教育)، “چوڭلار مائارىپى» (adult education،成人教育) ، «يىراقتىن ئوقۇتۇش» (distance learning،远程教育)  ياكى«ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش»(e-learning،)网上学习، «ئۆيدە ئوقۇتۇش»
    家庭学校,homeschooling)،«خەت-ئالاقە دەرسلىرى»  (函授课程 ،
    correspondence courses) قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئېھتىمال بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى بىزگە ناتونۇش بولسا كېرەك. « 1728-يىلى كالېپ فىللىپس ئىسىملىك بىر تېز خاتىرىلەش ماھارىتى ئوقۇتقۇچىسى بوستون گېزىتىدە ھەپتىدە بىر قېتىم ئېۋەتىلىدىغان دەرسلەر ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ئىزدەپ ئېلان چىقىرىدۇ. ‹ يىراقتىن ئوقۇتۇش› نىڭ تارىخى ئەنە شۇ چاغدىن باشلىنىدۇ.» (13). «ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش» بولسا كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تور ئارقىلىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش شەكلى بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە يىراقتىن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ بىر زامانىۋى شەكلىدۇر. ئىنتېرنېت ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك تېخنىكىلاردىكى تەرەققىياتلار بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۈگۈن تورئۈستىدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ھەم «تور ئۇنۋانى» (online degree،网上学位) بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكتە. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرمۇ بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوشۇمچە يولغا قويۇشقا كىرىشمەكتە. بۇ خىل ئوقۇتۇش شەكلى تايىنىدىغان تېخنىكىلارمۇ كۈنسېرى يۈكسەلمەكتە.  دېمەك بۇ مېتودنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ تېز تەرەققىياتقا ئېرىشىشىدە گەپ يوق. «سىستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا 2006-يىلى كۈزگىچە ئامېرىكىدا تور ئۈستىدە ئالىي مائارىپ قوبۇل قىلىۋاتقانلار 3.5 مىليونغا يەتكەن. بۇ سان ئالدىنقى يىلدىكىدىن 10پېرسەنت ئاشقان. 2001-يىلدىن2006-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى 9.7 پېرسەنت بولۇپ  ئومۇمىي ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى (1.5 پېرسەنت )دىن  زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.»(14)   «ئۆيدە ئوقۇتۇش» بالىلارنى مەكتەپلەردە ئەمەس، بەلكى ئۆيدە ئاتا-ئانىلار ياكى كەسپىي تەربىيىچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹ئۆيدە ئوقۇتۇش›› قارىماققا بىزگە يېڭى بىلىنمەيدۇ، چۈنكى مەجبۇرى مائارىپ يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ھەممە بالىلار ئۆيدە تەربىيە ئېلىپ كەلگەن ئەلۋەتتە. لېكىن بۇ يەردە دەۋاتقان ‹‹ئۆيدە ئوقۇتۇش›› ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ غەربتە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان يېڭىچە ئوقۇتۇش شەكلى بولۇپ، ئۇ مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمى ئاستىدا پەرزەنتلىرىگە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئۆيدە بېرىشنى ئەۋزەل دەپ بىلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ھوقۇقى ئىدى. 1964-يىلى، جون كالدۋېل خولت ئەنئەنىۋى مەكتەپلەرنى تەنقىد قىلىدىغان ‹‹ بالىلار قانداق مەغلۇب بولىدۇ›› ناملىق كىتابنى يازىدۇ. ئۇ مەكتەپتىكى بېسىملار بالىلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ 1967-يىلى نەشىر قىلدۇرغان ‹‹بالىلار قانداق ئۆگىنىدۇ›› دېگەن كىتابىدا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىنى ۋە بۇ جەرياننىڭ مەكتەپلەردە قاتتىق توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.  ئۇنىڭدىن كېيىن غەربتە ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى قامچىلايدىغان نۇرغۇن تەنقىدلەر بولىدۇ. مۇشۇ جەرياندا غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتتە پەرزەنتلەرنى ئائىلىدە ئوقۇتۇش ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. نۆۋەتتە بۇ نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان ھەتتا بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىكى ئەنئەنىۋىي مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش قۇرۇلمىلىرى ۋە مەزمۇنلىرى، شۇنىڭدەك مۇھىتلىرىغا نارازى بولغان بىر تۈركۈم ئاتا-ئانىلارنىڭ قانۇنلۇق تاللىشى بولۇپ قالدى.
    دېمەك، «ئۆمۈربويى ئۆگىنىش» بىر خىل ئىدىيە بولسا، «ئۆمۈرلۈك مائارىپ» ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغان كونكېرت يوللارنىڭ بىرىدۇر. بۇ خىل مائارىپ شەكلى ئەنئەنىۋى مائارىپقا ئوخشاش مۇستەقىل سىستېمىغا ئىگە بولۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئۇ، ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ بىر يېڭى ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن مائارىپ سىستېمىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەسىلىلەرنى ئوڭشاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ئەنئەنىۋى مائارىپقا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئىزچىل، تەرەققىياتقا ماسلىشىشچان، دائىرىسى كەڭ، قوللىنىشچان، سەزگۈر ۋە ۋاقىت ئېڭى يۇقىرى بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۈنسېرى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئاشكارىلىماقتا.

    ئۆگىنىشنىڭ پسىخىكىلىق شەرھى ۋە باشقىلار

    جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا يېڭى نەرسىلەرنى توختىماي ئۆگىنىش ئىنسان ئۈچۈن زۆرۈرىيەت بولسا، پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئۇ ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ئەقەللىي ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرى قانغان ھەرقانداق بىر ئىنساندا تەبىئىي ھالدا ئويغىنىدۇ. پسىخولوگ ئابراھام ماسلوۋ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنساننىڭ ئېھتىياج پىرامىداسىغا قارايلى.
    ئۇ ئىنسان ئېھتىياجلىرىنى پرامىدا شەكلىدە سەككىز قەۋەتكە تىزىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچىسى فىزىئولوگىيىلىك يەنى قورساق، تەن ئېھتىياجلىرىدۇر. ئىككىنچىسى بىخەتەرلىك (تۇرالغۇ،ئۆي) ئېھتىياجىدۇر. ئۈچىنچىسى تەۋەلىك ۋە مۇھەببەت، يەنى باشقىلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىش، باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى، قەدىرلىشىگە ئېرىشىش ئېھتىياجلىرىدۇر. تۆتىنچىسى ھۆرمەت، يەنى باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى، ھۆرمىتى ۋە تونۇشىغا ئېرىشىش ئېھتىياجلىرىدۇر. بەشىنچىسى، ئۆگىنىش ئېھتىياجى، يەنى يېڭى نەرسىلەرنى بىلىش، چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئېھتىياجىدۇر. ئالتىنچىسى، ئېستېتىك ئېھتىياج، يەنى سىممېترىكلىك، تەرتىپ ۋە گۈزەللىككە بولغان ئېھتىياجدۇر. يەتتىنچىسى ئۆزىنى رېئاللاشتۇرۇش ئېھتىياجى، يەنى ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىياجى ۋە ئۆزىنىڭ تالانتىنى، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئېھتىياجىدۇر. سەككىزىنچىسى بولسا ئۆزىدىن ھالقىش ئېھتىياجى، يەنى ‹‹ئۆزلۈك›› تىن ھالقىغان ئوبيېكىتلارغا باغلىنىش ئارقىلىق ئۆز ھاياتىغا تولۇق مەنا ئىزدەش ئېھتىياجىدۇر. ماسلوۋنىڭ قارىشىچە دەسلەپكى قاتلامدىكى ئېھتىياجلار قانمىغان ئەھۋالدا يۇقىرى قاتلامدىكى ئېھتىياجلار ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. يەنى ئۇلار ئۇيقۇ ھالىتىدە قالىدۇ. مىسالەن، قورساق ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرى قانمىغان ئىنساندا مۇھەببەت ياكى يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئېھتىياجى ئويغانمايدۇ. ئاددىي بىر مىسال ئالساق، بىر بوۋاق قورسىقى توق ۋە بىخەتەر ھەمدە مۇھەببەتكە تولۇق قانغان شارائىتتىلا ئاندىن ئانىسىنىڭ ئېتىكىدىن چۈشۈپ يېڭى شەيئىلەرنى تۇتۇپ، كۆرۈپ ۋە بىلىپ بېقىش ئىستىكىدە بولىدۇ. ئانىسى كۆزدىن يۈتكەن ھامان ئۇنىڭ بۇ خىل يېڭى نەرسىلەرنى «قېدىرىش» ئىستىكى غايىپ بولىدۇ ھەم ئانىسى قايتپ كەلمىگىچە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. ماسلوۋنىڭ ئۆز تىلى بويىچە ئېيتقاندا: « يېڭى نەرسىلەرنى بىلىشكە بولغان قىزىقىشنىڭ كەم بولۇشى تەشۋىش ۋە قورقۇنچنىڭ ئاكتىپ ياكى پاسسىپ ئىپادىسىدۇر. قورقۇچنى كۈچەيتىدىغان بارلىق ئامىللار بىزنىڭ بىلىشكە بولغان ئىنتىلىشىمىزنى قىرقىيدۇ»(15)
    روشەنكى،ھەربىر ئىنساندا تۇغما  مەۋجۇت بولغان يېڭى نەرسىلەرنى بىلىش، ئۆگىنىش ئېھتىياجى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر. خوش، ئۇنداقتا بىلىش ۋە ئۆگىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرت ئېھتىياجلىرى قانغان بىر جەمئىيەتتە كىشىلەر ئۆگىنىشنى قانداق ئېلىپ بېرىشى كېرەك؟ مانا بۇ ئىزچىل تەرەققىيات ۋە يۈكسېلىش ئۈچۈن جاۋاب بەرمىسە بولمايدىغان بىر سوئال. كىشىلەر خالىغان نەرسىنى ئۆگىنىش ۋە بىلىش ئىكانىيىتىگە ئىگە بولۇۋاتقان ھەم كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان بىر جەمئىيەتتە ئەلۋەتتە نېمىلەرنى ئۆگىنىشنى تاللاش ئەڭ مۇھىم مەسىلە بوپ قالىدۇ.  دەرۋەقە، غەرب ئەللىرىدە ۋە مۇئەييەن تەرەققىياتقا ئېرىشكەن شەرق ئەللىرىدە ئەھۋال كۆپىنچە شۇنداق. ئۇلار تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلارغا قارىغاندا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ياكى خالىغان كەسپلەرنى ياكى بىلىملەرنى تاللاپ ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە كۆپرەك ئىگە. شەرقلىقلەر بولسا بۇ جەھەتتە يەنىلا كۆپلەپ قۇربانلىق بېرىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى ماددىي ئېھتىياجلارنىڭ كاپالىتى يەنىلا تۇراقسىز. شۇڭا ئۇلار شۇ ئېھتىياجىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزى خالىمايدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ماددىي پاراۋانلىقلار تولۇق كاپالەتكە ئېرىشكەن بىر جەمئىيەتتە بولسا ئەھۋال ئومۇمەن باشقىچە بولىدۇ. كىشىلەر پەقەت جان ساقلاش ياكى ياشاش ئۈچۈن مەلۇم نەرسىلەرنى ئۆگەنمەيدۇ. بەلكى ئۆزى ياقتۇرغان ۋە ھوزۇرلىنىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يېڭى نەرسىلەرنى بىلىش ئېھتىياجىنى ھەقىقىي تۈردە قاندۇرىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەت تۇرمۇش بىلەن تەبىئىي ھەم دوستانە رەۋىشتە بىر گەۋدىگە ئايلانغان، لېكىن تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلار ئۈچۈن بۇلارنى بىر يەرگە قويۇش خېلى تەس. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە خىزمەت قىلىشى پەقەت تۇرمۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خالاس. ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەت تۇرمۇش بىلەن ئايرىم-ئايرىم، ھەتتاكى زىددىيەتلىك ئىككى تەرەپتۇر.  ئېھتىمال، بۇ خىل ھالەتنىڭ ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم  بولالىشى مۇمكىن. تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلار بولسا ئۆزى ئەمەس بەلكى جەمئىيەت جىددى تەقەززا بولۇۋاتقان بىلىملەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. مەسىلەن، باي ئەلدىكى مەلۇم بىر كىشى رەسساملىقنى ياخشى كۆرگەن بولسا دەل شۇنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئۇ بەلكىم شۇ كەسىپنى ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە ئىش تاپالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىنىڭ ئىستېتىك ئېھتىياجى ئويغاق ھالەتتە بولغاچقا، ئۇنىڭ يەنىلا چىقىش يولى بولىدۇ. بۇ بىر ئىجابىي ئاينىلىش جەريانىدۇر. لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە ئەھۋال ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ جەمئىيەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ھەقىقىي ياقتۇرىدىغان ھەم تەبىئىي تالانتى بولغان كەسىپلەرنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى بەكمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ نېمىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە نېمىدە ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بايقاشقىمۇ قۇربى يەتمەسلىكى مۇمكىن. دېمەك ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە تۆلەيدىغان بەدەللىرى كىشىنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ. 
     ھالبۇكى بۇ، تەرەققىي تاپقان رىقابەتنىڭ كۈچلۈك ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە زامانىۋى رىقابەت ئېڭى دەل غەربلىكلەردىن كەلگەن. ئۇلاردا ماددىي ئېھتىياجلارنىڭ كاپالەتكە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ئۇلاردا بىلىم ئېلىش رىقابىتىنىڭ كەم بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇنى ئىككى جەھەتتىن تەھلىل قىلىش مۇمكىن، بىرى، ئاتالمىش ماددىي كاپالەت زادى قانچىلىك دەرىجىدە بولىدۇ؟ قورساق تويسا، كىيىم پۈتۈن بولسا، بىخەتەر تۇرالغۇ بولسىلا بولغىنىمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. كىشىلەربۇنى ئۆزلىرىنىڭ سوبيېكتىپ قارىشى بويىچە باھالايدۇ ھەمدە ئۆزلىرى مۇۋاپىق دەپ ھېس قىلغان ئۆلچەملەرگە ئاساسەن تىرىشىپ رىقابەتلىشىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلەپ ئۆگىنىشى زۆرۈر بولىدۇ. روشەنكى، غەرب ئەللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي جەھەتتە تويۇنغانلىقى ئۇلارنىڭ يەنە ئىقتىساد ئۈچۈن تىرىشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تېخىمۇ كۆپلەپ كاپىتالغا ئېرىشىش ئىستىكى دەل بۈگۈنكى دۇنياۋى ئاساسلىق ئېقىمدۇر.  شۇڭا غەربلىكلەرمۇ ئوخشاشلا يەنە ئۆزى سۆيگەن كەسىپ بىلەن كۆپلەپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ ئارىسىدا مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى دوكتورى ھەم ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى،  ئامېرىكىدا ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇپ ھازىر بوستوندا ئىشلەپ تۇرۇۋاتقان قەيسەر مىجىتنىڭ ئۆزىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق مائاش ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ يەنە «ناۋادا  كۆپرەك پۇل تېپىشنى مەقسەد قىلغان بولسام ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى ئەمەس، باشقا كەسىپنى تاللىغان بولاتتىم، » دېگەن ئىدى. دەرۋەقە، بۇ پروفېسسور بۇ يەردە پۇلنى ئەمەس، ئۆز قىزىقىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. ھالبۇكى، غەربتىكى ئومۇمىي ئېقىمغا قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەڭ قىزىق كەسىپ سودا باشقۇرۇش كەسپى بولۇپ چىقىدۇ. (16)    بەزى تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكىدا  خىزمەت تېپىش ئەڭ تەس دەپ قارالغان 10 ئالىي مەكتەپ كەسىپى ئىچىدە دىنشۇناسلىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە پەلسەپە كەسپى 9-ئورۇنغا تىزىلغان. (17)    دېمەك غەربتە سودا باشقۇرۇش كەسىپنىڭ شۇ قەدەر نوپۇزلۇق بولۇشى ئۇلاردا ئىقتىسادىي ناننى داۋاملىق چوڭايتىش ئىستىكىنىڭ يەنىلا كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپلەپ بىلىم ئېلىشى پەقەت كۆپلەپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. مانا بۇ غەرب دۇنياسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستېمالىزمنىڭ بىر ئىپادىسى. روشەنكى، بۇ خىل يۈزلىنىش ئەركىن بازار كاپىتالىزمىغا ئەگىشىۋاتقان شەرق ئەللىرىدىمۇ ئاللىبۇرۇن باش كۆتۈرۈپ بولدى. «ئېستېمال قىلىش ئېرىشىشنىڭ بىر خىلىدۇر، ئېھتىمال بۇ بۈگۈنكى سانائەتلەشكەن جەمئىيەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم بولغان بىر تۈرلۈك ئېرىشىشتۇر. ئۇنىڭ خاراكتېرى كىشىنى قايمۇقتۇرىدۇ. ئۇ تەشۋىشنى پەسەيتىدۇ... بىراق كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلمىسا بولمايدۇ، چۈنكى ئالدىنقى قېتىملىق ئېستېمال ئۇزۇنغا قالماي ئۆزىنىڭ رازى قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. زامانىۋى ئىستېمالچىلار ئۆزلىرىگە تۆۋەندىكىدەك فورمۇلا ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىشى مۇمكىن: مەن = مەن ئېرىشكەن ۋە مەن ئىستېمال قىلغان نەرسىلەر.» (18)  روشەنكى، پسخولوگ ئېرىچ فروم غەرب دۇنياسىدىكى ماددىي ئېستمالىزم ھادىسىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ ئىنسان ھاياتىنى «ئېرىشىش شەكلىدىكى ھايات» ۋە «بولۇش شەكلىدىكى ھايات»دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. «ئېرىشىش شەكلىدىكى ھايات» نى ياشاۋاتقان كىشىلەر پەقەت كۆپرەك نەرسىگە  ئىگە بولۇشنى ئىستەيدۇ. ھالبۇكى فروم تەشەببۇس قىلغان «بولۇش شەكلىدىكى ھايات» تا كىشىلەر ماددىي ئېھتىياجلىرى قانغان ھامان ئۇنى يەنە ئەڭ مۇھىم دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن ھاياتنىڭ مەنىۋى تەرەپلىرىنى ئىچكىرىلەپ قېدىرىشقا باشلايدۇ. تۈگىمەس ئېرىشىش ئىستەكلىرىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىۋەرمەيدۇ. «ئېرىشىش شەكلىدىكى ھايات» تا بىركىمنىڭ بەختى ئۇنىڭ مەلۇم جەھەتلەردە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى، ئۇنىڭ ئابرۇيى، كۈچى  ۋە ھوقۇقى ياكى باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا باغلىق بولىدۇ. «بولۇش شەكلىدىكى ھايات» بولسا بەخت مۇھەببەت، تەڭ بەھرىمان بولماق ۋە بەرمەك ئىچىدە بولىدۇ.  « ئەگەر مەن مەن ئېرىشكەن نەرسىلەر بىلەن تەڭ بولسام، مەن ئېرىشكەن نەرسىلەر يوقالسا، ئۇنداقتا مەن زادى نېمە بولىمەن؟ »(19)  دەپ كىنايە قىلىدۇ فروم يەنە. بۇ، كىشىگە نەسرىدىن ئەپەندىدىن ئۆز باھاسىنى سورىغان  پادىشاھنىڭ ئېرىشكەن جاۋابىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ. دەرۋەقە، بۇ پسىخولوگ تەشەببۇس قىلىۋاتقان ھايات دەل بىز ئۇشبۇ مۇلاھىزىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان «ئۆگىنىش جەمئىيىتى»نىڭ روھىغا ئوخشىشىپ قالىدۇ. روشەنكى، بىز ئېرىچ فرومنىڭ ئېستېمالىزمغا بولغان تەنقىدى ئارقىلىق باي ئەللەردىكى رىقابەتنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرى ۋە مەقسىدىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىمىز مۇمكىن.
    ئېرىچ فروم يەنە ئۆگىنىشنىمۇ «ئېرىشىش» ۋە «بولۇش» شەكلى بويىچە كۆزىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار لېكسىيە ئاڭلايدۇ، دەرسنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە مەنىسىنى چۈشىنىدۇ، ئۇلار يەنە دەرس مەزمۇنىدىن سۆزمۇسۆز خاتىرە قالدۇرىدۇ. كېيىن مۇشۇ خاتىرىلىرىنى يادقا ئېلىپ ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. بىراق لېكسىيىلەرنىڭ مەزمۇنى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانمايدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار خاتىرە دەپتەرلىرىنى چىڭ ساقلايدۇيۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىملەرگە ھەقىقىي ئىگە بولالمايدۇ، يېڭى پىكىرلەرنى، ئىدىيىلەرنى يارىتالمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار يېڭى ئىدىيىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەردىن قورقىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلار مىڭ جاپادا يىغقان كونا ئىدىيە ۋە بىلىملەرنى گۇمان ئىچىدە قالدۇرىدۇ. مانا بۇ ‹‹ئېرىشىش شەكلىدە ئۆگەنگۈچىلەر›› نىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ‹‹بولۇش شەكلىدە ئۆگەنگۈچىلەر›› بولسا بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئۇلارمۇ لېكسىيىلەرگە قاتنىشىدۇ، لېكىن دەرسكە كىرىشنىڭ ئالدىدا ئۆتۈلمەكچى بولغان مەزمۇن ھەققىدە ئاللىبۇرۇن مەلۇم كۆزقاراشلار ۋە سوئاللارغا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۇلار دەرسنى قىزىقىش ئىچىدە قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئاكتىپ ۋە ئىجادىي رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئاڭلىغان مەزمۇنلار ئۇلاردا يېڭى پىكىرلەرنى ئويغىتىدۇ. ھەرقېتىملىق لېكسىيىدىن كېيىن ئۇلاردا يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. دېمەك، بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئۆز ھاياتىنىڭ بىر بۆلۈكىگە ئايلاندۇرالايدۇ. ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزدا قايسى خىلدىكى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى دېمىسەكمۇ ھەممىگە ئايان. ۋەھالەنكى، ‹‹ئېرىشىش شەكلىدە ئۆگەنگۈچىلەر›› كۆپ بولغانسېرى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ۋە يېڭىلىققا يۈزلىنىشى شۇنچە كۆپ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا كىشىلەرنى بۇ خىل ئۆگىنىش شەكلىدىن ئازاد قىلىشتا ئاكتىپ ھەم ئىجابىي بولغان ‹‹ئۆمۈرلۈك مائارىپ›› سىستېمىلىرىغا تايىنىش تامامەن مۇمكىن. غەرب ئەللىرىدە ئۆگىنىش رىقابىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر ياقتىن كۆزەتسەك مەلۇم بولىدۇكى، يەنە نۇرغۇن كىشى ماددىي ئىستېمالىزم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەنىۋىي يۈكسېلىشلەر ئۈچۈن ئۆگىنىشتە بولىدۇ.   ماسلوۋ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، ئىنسانلار تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مەنىۋى ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش، يەنى ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆزىنى رېئاللاشتۇرۇشقا مۇھتاج. كۆپلەپ بىلىمگە ئېرىشىش ئاشۇ نىشانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى ئاساس بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ، يەنە ئېرىچ فروم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بولۇش تىپىدىكى ھايات››نىڭ بىر تۈرلۈك ئالاھىدىلىكىدۇر. روشەنكى، ئۇ تەشەببۇس قىلغان «بېجىرىم جەمئىيەت» مۇ شۇنداق بىر پرىنسىپنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.   دېمەك، مەيلى قانداق ئەل بولسۇن، ئۇ ئاچارچىلىقتا قالغان، تۇرغۇن، ياكى بېكىنمە بىر جەمئىيەت بولمىسىلا، كىشىلەر يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشتە ئاكتىپلىقنى ساقلاپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئاكتىپلىقنىڭ دەرىجىسى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.