ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-31

    «كەلىلە ۋە دەمىنە » دىن ھېكىمەتلەر - [ھىكمەتلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40241749.html


    *
    بۇ دۇنيادا ئالتە نەرسىنىڭ ئالتە نەرسىسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس :
    دۇنيانىڭ مېلى ھەرىكەتسىز بولمايدۇ ؛ نەپسنىڭ خاھېشى مېھنەتسىز بولمايدۇ ؛ خوتۇنلار بىلەن بىللە بولماق بالاسىز بولمايدۇ ؛ يامانلارغا قوشۇلماق نادامەتسىز بولمايدۇ ؛ بېخىلدىن تەمە قىلماق خارلىقسىز بولمايدۇ ؛ پادىشاھقا مۇلازىم بولماق ئاپەتسىز بولمايدۇ .

    *
    يۈگۈرۈك ۋە چىرايلىق يورغىلايدىغان ئاتنى باغلاپ باقىدۇ . بۇلبۇل چىرايلىق سايرىغانلىقى ئۈچۈن قەپەسكە سولايدۇ . مېۋىلىك دەرەخ مېۋە بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا چىقىپ شاخلىرىنى دەسسەپ شېخىنى سۇندۇرىدۇ ۋە تاۋۇس ( توز ) ئۆز ھۆسنى ــ جامالى بىلەن جىلۋە ئەيلىگەنلىكى ئۈچۈن قانات قۇيرۇقىنى قىرقىيدۇ .

    *
    قەدىر بىلمەس كىشى بىلەن سۆھبەت تۈزمەك ۋە قىممىتىنى بىلمەس كىشى قېشىدا خىزمەت قىلماق خۇددى ھوسۇل ئېلىشنى تەمە قىلىپ شور يەرگە ئۇرۇق چاچقانغا ياكى ئانىدىن تۇغما گاسنىڭ قۇلىقىغا سۆزلىگەنگە ۋەياكى قارىغۇ كىشىدىن ئۆزىنىڭ ھۆسن ــ جامالىنى تەرىپلەشكە سۆز تەلەپ قىلغانغا ۋەياكى سۇنىڭ يۈزىگە خەت يازغانغا ئوخشاش بىر ئىشتۇر .

    *
    ھېچقانداق دۈشمەننى خار كۆرمەسلىك كېرەك . چۈنكى ، « يىڭنىنىڭ قولىدىن كەلگەن ئىش نەيزىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . ئوت گەرچە كىچىك بولسىمۇ پۈتۈن بىر ئالەمنى كۆيدۈرۈشى مۇمكىن».

    *
    ياخشى ئويلانغان پىكىر پالۋانلىقتىن ياخشى .

    *
    جاھاندىكى ئالەم ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە خۇي ــ پەيلىگە قاراپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ : بىرىنچىسى، دەيدۇ قىلىدۇ ، بۇ تىرىكچىلىك قائىدىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ قائىدىسىدۇر . ئىككىنچىسى، دېمەيدۇ ، قىلىدۇ ، بۇ ، مەردلەرنىڭ ئادىتىدۇر . ئۈچىنچىسى ، دەيدۇ ، قىلمايدۇ ، بۇ ، مۇناپىقلارنىڭ ئۇسۇلىدۇر . تۆتىنچىسى، دېمەيدۇ ، قىلمايدۇ ، بۇ ، بېخىل ۋە ھىممىتى پەسلەرنىڭ خىسلىتىدۇر .

    *
    ئۇلۇغلار ئۆز دەپتەرلىرىگە : « ئالتە نەرسىدىن پايدا ئالغىلى بولمايدۇ » ــ دەپ يېزىپ قويغانىكەن . ئۇلار : ئەمەلسىز سۆزدىن ، جەۋرىلىك مالدىن ، تەجرىبىسىز دوستلۇقتىن ، رىئايە قىلىنمىغان ئىلىمدىن ، مەقسەتسىز سەدىقىدىن ۋە ساقسىز تىرىكلىكتىن پايدا ئالغىلى بولمايدۇ ، ــ دېيىشكەن .

    *
    ھىيلە ــ مىكىردىن ۋاز كەچ ، چۈنكى خەلقنى ئالدىيالىغېنىڭ بىلەن خۇدانى ئالدىيالمايسەن . ھىيلىنىڭ تولىسى ھىيلە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىگە زەرەر قىلىدۇ ۋە جازاسى يېتىدۇ .

    *
    قەلەمنىڭ تىلى ئىككىگە ئايرىلغاچقا پادىشاھنىڭ مال ــ مۈلكىگە ۋە مەملىكەتكە پاسىبانلىق قىلىدۇ . قىلىچ بىر بىسلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشى قان ئىچىش ۋە قان تۆكۈشتۇر . ئەمما تارغاق بولسا كۆپ تىللىق بولغاچ ، ئۇنىڭ ئىشى نازىنىنلارنىڭ بېشى ئۈستىدە ئورۇن تۇتۇشتۇر .

    *
    ئۆلىمالار : « كىشىنى ھالاك قىلىشقا ھەرىكەت قىلغۇچىلار ئەقىلىدىن بۇرۇن ئۆلىدۇ . لېكىن جېنى تېنىدىن بىر يولىلا چىقمايدۇ ، بەلكى شۇنداق بولىدۇكى ، ئۇنىڭغا ھاياتتىن بىزار بولغۇدەك دەرىجىدە بىر رەنج يېتىدۇ . ھەردەم ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەيدۇ ، ئەمما ئۇنچە ئوڭاي ئۆلمەيدۇ » ــ دەيدۇ .

    *
    بۇزۇرۇكلار : « تۆت گۇرۇھنى تۆت ۋاقىتتا سىناش كېرەك . يەنى ، باتۇر ــ باھادىرلارنىڭ شىجائىتىنى جەڭدە ؛ خىيانەتسىز ــ ئىنسابلىق كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى ئېلىم ــ بېرىم مۇئامىلىسىدە ؛ خوتۇن ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىنى نامرات چاغلاردا ؛ ھەقىقىي دوستلارنى بالا ــ قازا كەلگەن ۋاقىتتا سىناش كېرەك » ــ دەپ ئېيتقان .

    *
    ھەر كىشى تۆت ئىش قىلسا تۆت ئەجىر تاپىدۇ : بىرىنچىسى ، زۇلۇم قىلسا ھالاكىتى يېقىن بولىدۇ ؛ ئىككىنچىسى، خوتۇنلار سۆھبىتىگە ھېرىس بولسا رەسۋالىققا ئۇچرايدۇ ؛ ئۈچىنچىسى ، يېمەك ــ ئىچمەككە تولا بېرىلسە كېسەلگە دۇچار بولىدۇ ؛ تۆتىنچىسى ، نادان ۋەزىرلەرنىڭ پىكرىگە ئىشەنسە ، مەملىكىتى بىلەن ۋىدالىشىدۇ .

    *
    ھۆكۈمالار : « ئۈچ خىل كىشى ھېكمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر » ــ دەپ ئېيتىشقان . بىرىنچىسى ، ئۆزىنىڭ كۈچ ــ قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋىرىدىغانلار . بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ ؛ ئىككىنچىسى ، تائام ۋە شارابنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ئاجىز كېلىشىدىن قورقماي يەۋېرىدىغانلار . شۈبىھسىزكى ، بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىنىدۇر ؛ ئۈچىنچىسى ، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ خوشامەتلىرىگە ئالدانغانلار . بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىشى ئاخىرى ھەسرەت ــ نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ .

    *
    بۇزرۇكلارنىڭ ئېيتىشىچە سەككىز نەرسە سەككىز نەرسىگە باغلىق بولىدۇ . ئۇلار مۇنۇلاردۇر : خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن ، بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن ، شاگىرتلارنىڭ ئەقلى ــ ھوشى ئۇستاز بىلەن ، لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن ، زاھىدلارنىڭ كارامىتى تەقۋادارلىق بىلەن ، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن ، پادىشاھلىق ئىشىنىڭ نىزامى ئادىللىق بىلەن ، ئادىللىقىنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ .

    *
    ئۇششاق گەپمۇ دېيىلىۋەرسە بارا ــ بارا يوغىناپ مۇكەممەللىشىپ قالىدۇ ــ دە ، ئاخىرى ئۇنى رەت قىلغىلى بولماي قالىدۇ . بۇ خۇددى بۇلاقلارنىڭ سۈيى يىغىلىپ چوڭ دەريانى ھاسىل قىلغاندا ، ئۇنىڭدىن كېمىگە چۈشمەي تۇرۇپ ئۆتكىلى بولمىغاندەك بىر ئىش . شۇڭا غەرەز بىلەن قىلىنغان سۆزلەر ئۇششاق ۋاقتىدىلا ئۇنى رەت قىلماق كېرەك . شۇندىلا باشقىلارنىڭمۇ سۆزلەيدىغان يولى باغلىنىپ ، ئىشنىڭ ئاخىرى پىتنە ــ پاساتقا ئايلىنالمايدۇ.

    *
    غەزەپنى تەرك ئەتمەك ھەممە ياخشى خۇينىڭ ئاتىسى ، ئاچچىقلانماق بارلىق يامان خۇينىڭ ئانىسى .

    *
    ئۈچ خىل كىشى ھەممە غەم ــ ئەندىشىنىڭ ئىلكىدە ئەسىر بولۇپ تۇرىدۇ : بىرىنچىسى ، يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەن كىشى ؛ ئىككىنچىسى ، قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغان كىشى ؛ ئۈچىنچىسى ، نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ، ئاخىرىدا ھەسرەت ــ نادامەتكە قالغان كىشى .

    *
    ئۈچ خىل كىشى ئۆزىنى رەنجىگە سالىدۇ : ئۇنىڭ بىرىنچىسى ، جەڭ ۋاقتىدا ئۆزىدىن غاپىل بولغانلار . ئۇلار زەخمە يەيدۇ ؛ يەنە بىرى ، ھارامدىن مال جۇغلىغانلار . ئۇلارنىڭ مېلى تالان -تاراجقا كېتىپ ، ئۆزىدە ئۇۋالدىن باشقا نەرسە قالمايدۇ ؛ يەنە بىرى ، ئۆزى قېرى تۇرۇپ ياش خوتۇن ئالغانلار . ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچالمايدۇ .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.