ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-28

    «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»نىڭ بوسۇغىسىدا... - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40047967.html

    «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»نىڭ بوسۇغىسىدا...


    (كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات)

    ئۇزاق مەزگىللىك تور ھاياتى ۋە كەسپىم مېنى كىتابتىن خېلى بىر مەزگىل يىراق قىپ قويدى. تۇرمۇشۇمدا تور دۇنياسى ،جۈملىدىن خانتەڭرى بولغاچ سىجىل خىزمەت ۋە كۈندىلىك ماقالىلەرنى كۆرۈپ ھوزۇرلىنىش بىلەن قىسمەن قانائەتلىنىپ قالغان ئىدىم . لېكىن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا زورىغا ۋاقت چىقىرىپ بولسىمۇ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يالقۇنجايتتى . بۇ قىزغىنلىقىمنى بىر دوستۇم ئۈرۈمچىدىن دوستلۇق رىشتىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى ھىسابىدا سوۋغات تەرىقىسىدە ئەۋەتكەن «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...» دېگەن كىتاب تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ گۈلخانغا ئايلاندۇردى . شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن  مەن بۇرۇن ئوقۇپ چىقىشنى پىلانلىغان ئىككىنجى كىتاۋىم «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» نى ئوقۇپ چىقتىم.
    مىللەتپەرۋەر  ،دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئۆزىنىڭ شېۋىتسىيە ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئىلىم ۋە ئۆزلۈك ئىزدەش جەريانىدىكى ئىشلار خاتىرىلەنگەن بۇ كىتاب مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى . مەن خۇددى مۇئەللىپ دېگەندەك : ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلۇغ يۇرتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا بىللە شۇڭغىدىم . 19-ئەسرىنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى مىللىتىمىزنىڭ سىياسى ، مەدەنىيەت ھالىتى ...مېنىڭ كۆز ئالدىمدا بىرمۇ بىر زاھىر بولغاندەك بولدى . ..
    كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەن «سېھىرلىك ئالما » فىلىمى ۋە مەن قىزىقىپ ئوقۇغان چۆچەكلەر  مېنىڭدە ،يۇرتىمىز ۋە خەلقنىڭ قەدىمىي سېھىرلىك تۇرمۇشىغا قىزىقىش ۋە سېغىنىشنى ئىپتىدا قىلغان بولۇپ ، بۇ سېغىنىشلىرىم بۇ كىتابتا تەسۋىرلەنگەن قەدىمىي يۇرت سۈرەتلىرى بىلەن گىرەلىشىپ مەندە تېخىمۇ يالقۇنلۇق تىنىقلارنى پەيدا قىلدى.
    بۇ كىتاپتا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى شىۋىت مىسسىئونېرلىرىنىڭ قەشقەر ،يەكەن ،يېڭىسار قاتارلىق جايلاردىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى ۋە شۇ جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ھالىتى  شۇنداقلا ياۋروپادىكى باشقا ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىز ھەققىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇچۇرلىرى ئىپادىلەنگەن . كىتابتا ئەسئەت سۇلايماننىڭمۇ ياۋروپادا ئاساسلىقى شۇ دەۋىردىكى مەدەنىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنى تەتقىق قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
    مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ ، تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئۆزىنىڭ قويۇق ئوتتۇرا ئەسىر پۇرىقىنى يوقاتمىغان قەشقەر ،يەكەن قاتارلىق قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بۇرۇنقى تار ،توپا كوچىللىرىنى تەنھا كەزگەندەك بولدۇم. شېئىر دۇنيارىم كۈۋەجىگەندەك بولدى . يۈرىكىمدە تۆۋەندىكىدەك مىسرالار يالقۇنلىدى:

    كېتىۋاتىمەن
    تاپىنىمدا پۇرقۇيدۇ توپا ،
    ھېچكىم يوق ، مەنلا بار بۇندا...
    ئۆز پېتىچە سېپىللار ئەنە ،
    ئۆز پېتىچە قىيسىق ئۆي ، كەپە.
    كېتىۋاتىمەن
    ھېچكىم يوق ، مەن تەنھا يەنە...

    مەن ...
    ۋاقىت تونىلىدىن
    ئوتتۇرا ئەسىرگە قاچقان بىر دەرتمەن...
    ئۇچامدا يوق ئۇزۇن پەرىجە ،
    بېشىمدا يوق دوپپا- ئۇيغۇرچە..
    لېكىن پەقەت يۈرىكىملا بار ،
    سوقىدۇ پەقەت ،پەقەت ئۇيغۇرچە.
    ئوقۇساڭ گەر ئېلىپ قولۇڭغا ،
    ۋەتەن دېگەن خەت
     چاقنار ئۇيغۇرچە...

    كېتىۋاتىمەن،
    توپا توزىتىپ ،
    توپا يوللارغا دەسسىگىنىمچە...
    سۆيمەكتە ئېھ... پاكىز توپىلار ،
    ئۈستى بېشىمدىن - يۈرىكىمگىچە...

    مانا ، مەنمۇ گويا ئەسئەت سۇلايمان بىلەن بىرگە سېھىرلىق سېپىللىرىمىزنى تاماشا قىلىپ ، سېپىل دەرۋازىللىرىمىزدىن كىرىپ قەدىمىي كىشىللىرىمىز بىلەن مۇڭداشتىم ...
    مەن بۇ قۇتلۇق مەنىۋى ساياھەت ئۈچۈن ئەسئەت ئاكىغا رەھمەت ئېيتىمەن . ئېيتىدىغانلىرىم بەك كۆپ ،بەك كۆپ ئىدى . لېكىن شېئىرىمدىكى ھېسىىياتىم ھەممىنى ئىپادىلىگەندەك قىلدى . شۇڭا سىلەرنىمۇ ئاز بولسىمۇ شۇ خىل تۇيغۇ ساياھىتىگە باشلاپ كىرىش مەقستىدە شۇ كىتابتىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى رەسىملەرنى ھوزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلدىم . مەن يەنە بىر قېتىم باشقىچە تەۋسىيە قىلىمەن : بۇ كىتابنىمۇ چوقۇم ئوقۇپ بېقىڭلار!!!

    1.«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

     

    2.مۇقاۋىدىكى ئۇيغۇر بوۋاينىڭ رەسىمى

     

    3. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر كوچىللىرىدىن بىر كۆرۈنۈش

     

    4.  20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى قەشقەر شەھرىدىن بىر كۆرۈنۈش

     

    5. شىۋىت مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىزغان شىنجاڭ خەرىتىسى

     

    6.شىۋىت دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقان يەرلىك بىمارلار

     

    7. قەشقەردىكى شىۋىتلار مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى

     

    8. ئۇيغۇر مەكتەپ باللىرى سىزغان شىنجاڭنىڭ تېز سىزما خەرىتىسى

     

    9. تۈمەن دەريا سۈيىنى كېچىپ تۇرغان قەشقەر قىزلىرى

     

    10. قەشقەر يېڭىشەھەر سېپىل دەرۋازىسىدىن چىقىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى

     

    11. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى تۇرپاندىكى گىرمانىيىلىك ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلار

     

    12.ئەسئەت سۇلايماننىڭ بېرلىندىكى گىرمانىيە پارلامېنىت بىناسى ئالدىدىكى سۈرىتى

    خانتەڭرى تورى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.