-
2009-05-16
سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى(مارجاننامە )نىڭ داۋامى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39456359.html
36
چەكسىز تەبىئەتكە قاراپ مېنىڭ باغرىمدا ھايات پىچىرلايدۇ .
كۆزلىرىم يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئالەمنى كۆزىتىدۇ . ئۇنىڭدا يورۇق جاھاندىكى سەرخىل ئۈنچە - مارجان خەزىنىسى بار . مەن ھەر كۈنى سېنىڭ تىلسىز ، يۇمران ، نازۇك جىسمىڭنىڭ توپا - چاڭلار ئارىسىدا يالاڭغىداق يۈرۈپ ، ئۇسسۇزلۇقتىن تىترىگىنىنى كۆرگىنىمدە ، كىرپىكىمنى تىغ قىلىپ ئىككى تىزىق ئۈنچە - مارجاننى ئۈزىمەن . ئۇ شورلۇق تەم بىلەن مېنىڭ مەڭزىمدىن ئېقىپ سېنىڭ لېۋىڭگە تامچىلىغاندا ، مۇراببا قاتمىسىغا ئايلىنىدۇ . ساڭا تەئەججۈپلىنىمەن .37
ئاي ئىلاھى !
تاڭ سەھەردە نېمىشقىمۇ شەبنەم ياشلىرىڭنى تۆكىدىغانسەن .
كۆز يېشىڭنى شايى رومىلىڭ بىلەن سۈرتكىنىڭدە ، شەپەق شولىسىدا بۇ شەبنەملەرنىڭ بەدەقشان ياقۇتى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم .
ئاي ئىلاھى ! بۇلۇتلار قەسىرىگە كىرىپ كېتىۋاتقىنىڭدا لام - جىم دېمىدىڭ . بىراق ، ئۇنى ئېغىرلاشتۇرغان سېنىڭ ئاھۇ - پەريادىڭ . شەبنەم ياشلىرىنى قامال قىلغان بۇلۇت توسمىلىرى ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمىدى . ئۇ كۇكۇم - تالقان بولغىنىدا زېمىننى قاتتىق يامغۇر باستى . مەن ئالىقانلىرىمنى ھاۋاغا ئېچىپ ، لالە يوپۇرماقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ، تەرسالىقىدىن ۋەيران بولۇۋاتقان سۆرۈن بۇلۇتنىڭ كېيىنكى سەرگۈزەشتلىرىنى كۈتۈپ تۇردۇم .
لالە يوپۇرماقلىرى ئاستا پىچىرلىدى : كۆز ياشلىرى ئۇلىمپىك تېغىدىكى ئىلاھلاردىن قۇدرەتلىك .38
سەن بىر پارچە دالا گۈلخانىنىڭ يالقۇنى . سەن پەرۋانىلەرنى بەس - بەسكە سالىدىغان مەھلىيالىق چىرىغىنىڭ ئوت تاجىسى . جىمجىتلىق ئىچىدە تەپەككۇر قىلغىنىڭدا ، چاچقان شولاڭنىڭ ھەر بىر زەردىسىنى تالىشىپ ئەتراپىڭدا ھايات جېڭىنىڭ قايناملىرى بۇلدۇقلىغانلىقىنى كۆرىسەن .39
مەن كىچىككىنە ياۋا رەيھاننىڭ سۇسىرىغان چېچىكى . مېنى سۇغۇرۇپ تۇرۇۋاتقان نەرسە نەچچە مىڭ يىللىق مۇھەببەت شەبنىمى . يوپۇرماقلىرىم ئىشق پىيالىسىدەك سۆيگۈ شارابىدىن مەست بولدى .
ئالەمنىڭ ئەڭ كونا ، پاك مۇھەببىتىنىڭ شىۋىرلاشلىرى ھەر خىل تىل ۋە ئاھاڭلاردا مېنىڭ قۇلىقىمغا گۈزەللىكنىڭ گارمونىيىسىنى يەتكۈزدى .
مەن كىچىككىنە ياۋا رەيھان گۈلىنىڭ ئەمدىلا ئالەمگە كۆز ئاچقان چېچىكى . ھەيۋەتلىك ئىشق تەڭرىسىنى مەپتۇن قىلىدىغان بۇ شەبنەم زۇمرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ چايقىلىشقا قۇدرىتىم يېتەرمۇ . مەن ئودىسسانىڭ ئېغىر ئوقياسىنى ، پەرھاتنىڭ ئالماس بازغىنىنى كۆتۈرەلەرمەنمۇ .
يېنىمدىن يەنە شىۋىرلاش ئاڭلاندى : جاسارەتلىك بولغىن ، مەن ساڭا مەڭگۈ تەئەللۇق .
ھاياجانلاندىم ، ئەلمىساقتىن بېرىقى كونا مۇھەببەت ئۆزىنىڭ پاكلىقى بىلەن مېنى قۇدرەتلىك قىلدى .40
مەن توي قىلىۋاتىمەن ... ، مۇھەببەت شېخىدا بىخ چىقارغان قىزىلگۈل يۈرىكى بىلەن توي قىلىۋاتىمەن .
تۈن كېچىسى . چىراغ شەيدالىرى _ پەرۋانىلەر چوڭ گۈلخان ياسىدى . چىمەنلەر ماڭىمۇ گۈللۈك كىيىم كىيدۈرۈپ بېشىمغا گۈلتاجى تاقىدى .
گۈللەر ئارىسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاي كۈلۈپ تۇرغان ئىشق ئىلاھىغا ئوخشايتتى .
شاماللار راۋابىنى ئالدى . شەبنەم شارابلىرى بىلەن مەست بولغان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ، جۈملىدىن پەخىرلىكى مەنمۇ باغۋەننىڭ ئىجادىيىتى ئىدۇق . بىزنى يوپۇرماقلار يوپۇتۇپ تۇراتتى .
ئېسىمدە مۇشۇ كۆڭۈللۈك توي كېچىسى . مېنىڭ كۆرگەنلىرىم تىلسىز بۇلبۇلنىڭ ، ساداسىز ساتارنىڭ كۈيلەنمىگەن مۇقامى بولۇپ ، تىلىم ئۇچىدا ، يوپۇرماقلار ئارىسىدا قالدى .41
مېنى زوق ۋە تەبەسسۇم بىلەن كۈلمىدى دېمىگىن . مەن مۇلايىم تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈشنى قانداق ئارزۇ قىلماي ... مەن تەبەسسۇم ۋە مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈشكە كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا تاقەتسىز توپلانغان ياش مۇنچاقلىرىم يۈزۈمنى قاپلايدۇ . مەن خىجىللىق ئىچىدە ئۇيىلىمەن .
مەن ۋارقىراپ ، پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىمايمەن . چۈنكى ، مەندە ئالەم قايغۇلىرىغا ھەيرانلىق يوق . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ناتونۇش ئەمەس .
مەن مۇلايىم تەبەسسۇم بىلەن كۈلمەكنىڭ مەستانىسى . ئەمما ، قەلبىم بىلەن كۆز چانىقىم ئاۋازسىز كۆز ياشلىرىنىڭ بۇلىقى .
سەن مېنى مەيۈس پىكىرلەرنىڭ مەپتۇنى دەپ ئەيىپلىمىگىن . ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيمەن . پەرۋاز قىلىشقا ئىنتىلىپ قانات قاققان قۇشتەك قەلبىمنىڭ كۆز ياشلىرى دەرياسىدا بېلىق بولۇشىغا مۇيەسسەرلىكىنى چۈشەنمەيمەن . ئېھتىمالىم ، بۇ مېنىڭ مۇلايىم راستچىللىقىمدىندۇر .
ئالەم ئۆزىنىڭ سېھىرلىرى بىلەن ئۆز سىرلىرىنى مەڭگۈ يوپۇتالارمۇ ...42
مەن كۆز ياشلىرىمنى سەبىيلىك بىلەن ئاققۇزۇپ تۈگەتتىم . ئۇنىڭ ئېرىتىلگەن ئۈنچە - مارجان ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەي . ئۇنىڭ ساقىندىلىرىدىن پەيدا بولغىنى يوپۇرماقلار تەخسىسىدىكى شەبنەملەر . ئۇنىڭ كۆل ئۈستىگە چۈشكەنلىرىدىن مەرۋايىت ۋە قىزىل مارجانلار تۆرەلدى . سېنىڭ مەڭزىڭگە چاچرىغانلىرىدىن ساڭا ھۆسن قوشۇلدى ، يۈزۈڭ بەدەقشان ياقۇتىدەك ، مەڭزىڭ يۇرتۇمنىڭ گىردە ، توقاچلىرىدەك قىزاردى . ئۇنىڭ ناگان - ناگاندا ئاپئاق سەھىپىلەرگە تامچىغانلىرىدىن نەزمىلەر پەيدا بولغانلىقىنى كېيىنچىرەك بايقىدىم .
مەن كۆز ياشلىرىمنى بىخەستەلىك بىلەن ئاققۇزۇپ تۈگەتتىم . ئۇنىڭ ئېرىتىلگەن ئۈنچە - مارجان ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەي . ئۇلار ئافرۇدېت ( يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى گۈزەللىك ئىلاھى )تىن ئىلگىرى ، قەقنۇستىن مۇقەددەم ، ئادەمنىڭ تۇنجى پەرزەنتىدىن ئىلگىرى يارالغانىكەن . ئۇنىڭدا كۆزنى غىدىقلايدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئايەتلىرى ، ئىزى قالمىغان سۇمۇرغنىڭ ۋەسىيەتلىرى ، زېمىن ئۈستىدە سۇ بىلەن شامالنىڭ ھۆكۈمرانلىق تالىشىش توپان تەزكىرىسى ، مۇزىكىنى ۋايىغا يەتكۈزىدىغان جىمجىتلىق ۋە قىقاس - چۇقانغا تولغان ئۆلۈم دەبدەبىسى ئۆز نەمۇنىلىرىنى مۇمىيا قىلىپ كەتكەنىكەن .
چوڭقۇر مەيۈسلۈككە غەرق بولدۇم . دېڭىز ياقىسىغا ئۇرۇلغان بۇژغۇنلاردىن كىمدۇر بىرىنىڭ ئىلاھى نەۋھى ئاڭلاندى : كۆز ياشلار ئالەم يۈزىنى يېڭىلايدۇ ، مارجانلار تاۋلىنىدۇ ، ئۇ قۇياشنىڭ پەرزەنتى ، ئىنسانىيەت غەلىبىسىنىڭ بارىمتايى ( گۆرۈ ئورنىدا ساقلىنىدىغان شاھزادە ) ...43
ھەقىقەت ۋە ئىلىم بىلەن بېزەلگەن كىچىككىنە تەپەككۇر يەلكىنىگە چۈشۈپ ، قىيا - چىيالار دېڭىزىدا داۋالغۇپ ئىلگىرىلەۋاتىمەن . كىچىككىنە تەپەككۇر يەلكىنىگە چۇقانلار تۈتەك يېيىپ مېنى ھالسىراتتى .
ھالسىزلىقتىن چۈشەكىدىم . مېنىڭ سۆيىدىغىنىم ، مۇھەببەت ۋە ھېسسىياتلار گۈلىستانىنىڭ مۇلايىم ، ئىللىق ، لەرزان مۇزىكىسى . ئۇ ئۈمىد تەڭرىسىنىڭ شىۋىرلىشى . ئۇ قىيا - چۇقانلار بوتقىسىدىن قىزىل شاراب ئىشلەپ چىقىدىغان ئاجايىپ ھامى . قىزىل شاراب لېۋىمگە تەگمەي تۇرۇپ ئەندىكىۋاتىمەن . ھېسسىياتسىز ئەقىل ، مۇھەببەتسىز ھەقىقەت مېنىڭ سۆيگۈلىرىمگە مەنىسىزلىك بىلەن يوپۇرۇلمىغىيتتى ، ئۇ خۇددى ئادەم چۈشىدە كۆرىدىغان جانسىز ئەرۋاھتەك ماڭا يوپۇرۇلمىغىيتتى ... بۇ ئەرۋاھ ئۆز قۇدرىتىدىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ زەپەر شارابىدىن پەرىشانلىق پەريادى چەكمەكتە .44
مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئادەم قەلبىدىكى ھېسسىيات يالقۇنى ئۆزىنىڭ نۇرانە غۇنچىسىنى ھەمىشە ئۆزىگە ناتونۇش نەرسە ئۈستىدىلا ئېچىلدۇرىدۇ . ئۇ ئالەمنىڭ ھەمىشە تەكرارلىنىدىغان ۋە پەقەت ناتونۇش مەشۇقىغا ئاتالغان لىرىكىسى .
ئۇ ئادەمنىڭ بارلىق ئەركىن ئارزۇلىرىنىڭ بىرىنچى ئەڭ چوڭ نوپۇزلۇق ھوقۇقى .
مەن ھاياتقا مۇھەببەت بىلەن ، ياشلىق چېچەكلىرى بىلەن قولۇمنى ئۇزاتتىم .
ھايات گۈزەسىدىكى چېچى ئاقارغان غۇربەت سەرگەردانلىرى ماڭا جاھانكەچتىلىك سەۋدالىرى بىلەن پىچىرلىدى : بەختسىز سەرگەردانلىق .45
ئۆزۈم توغرىلىق كۆز ياش ئاققۇزۇشتىن تارتىنىمەن . مەندە مۇنداق كۆز ياشلار يوق !
سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ! مېنىڭ ساڭا ئاتىغان ھەممە غەزەللىرىم ، قەسىدىلىرىم ، رۇبائىيلىرىمنىڭ ھەممىسىلا كۆز يېشىم بىلەن يېزىلغان . مەن ساڭا بەخت مۇئەككىلى ھۇمانىڭ ئەرۋاھىدەك شەپقەت بىلەن نەزەر سالىمەن . سېنىڭ ئالدىڭغا دۇچ كەلگەن ئۇپقۇندىن پەرياد كۆتۈرسەم ، سېنىڭ ھۆسنۈڭگە نۇر چاچىدىغان مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىمەن . بۇلار ھەر ئىككىسىلا مېنى يىغلىتىدۇ ...
مېنىڭ كۆز ياشلىرىم ، ساڭا پۈتۈلگەن ، ساڭا ئاتالغىنى ئۈچۈن ، ئۇ شېئىرىيەتتىكى مەنىۋى مارجان . مەن ئۇنى ساڭا موھتاجلىق بۆشۈكىدە قورقۇنچلۇق چۈشەكەۋاتقىنىڭدا ئاققۇزغانىدىم . سەن يېتىلگىنىڭدە بۇ مارجانلارنىڭ شەرھىسىنى چۈشىنىسەن . ئۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئەرۋاھى سۈپىتىدە سېنى يۆلەيمەن .46
ساما كۆز ياشلىرىدىن ئۈنچە - مارجان چېچىپ چىرايىنى ئاچتى ، سالقىن شامال شەپەق مەستخۇشلۇقىدا يېنىك تىندى ، مېنىڭ خۇشاللىقلىرىم چېكىگە يەتتى . يۈزۈمگە ئېغىر نىقاب تارتىپ ئاۋازسىز يىغلاش مېنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ پىغانىم .47
ئارىمىزدا تام - توساق يوق ، بىر پارچە بۇلۇتتىن تامچىغان يامغۇر ئۆگزىمىزنى تەڭ يۇيىدۇ .
ئارىمىزدا قىسمەتنىڭ تاغ - دەريالىرى بىلەن بورانلار ھۇۋلايدۇ ، قېلىن دېرىزىمىزدىن باشقا - باشقا پەسىللەرنىڭ يورۇقى چۈشىدۇ .48
ئېھ ، نۇر قۇچىقىدا ئەركىلەپ تۇرغان گۈزەل يۇلتۇز _ چولپان !
سەن مېنىڭ كۆز ياشلىرىمدا ئۆزۈڭنىڭ سان - ساناقسىز ئەكس شولاڭنى كۆرگەنسەن . مېنىڭ كۆز ياشلىرىم ھەسرەت شارقىراتمىسى ئەمەس ، ئۇ پەقەت پانىي ئالەم ھەقىقەتلىرىنىڭ خىيالىي ئەينىكى . ئەگەر تەمەننالىق بىلەن ئۆزۈڭنى قۇياش مەلىكىسى دەپ ماختىنىشنى خالىساڭ ، بۇ ئەينەككە يولۇقما . ئەگەر ئۆزۈڭنىڭ چىنلىقى توغرىسىدا ساختىسىز دېرەك ئالاي دېسەڭ بۇ ئەينەككە قارا .
سەن گۈزەل يۇلتۇز . سېنى گۈزەللىكىڭنى مەدھىيىلەش بىلەنلا مۇكاپاتلىغىلى ، مەن ساڭا ئۆز لەززىتىگە گۈزەللىكىنى قۇربان قىلىۋېتىدىغان ھۆسن ئاچكۆزلىرىدەك نەزەر تاشلىغىنىم يوق . گۈزەللىكنى ئەقىل كۆزى بىلەن ، ئەقىل كۆزىنى دىيانەت قارچىغىسى ، دىيانەت قارچىغىسىنى نومۇس نۇرى بىلەن بېزەپ ، ئۇنى غۇرۇرنىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ ساڭا تىكىلىمەن .
مېنىڭ كۆزۈم پانىي ئالەم ھەقىقەتلىرىنىڭ خىيالى ئەينىكى ، ئۇنىڭ ئىللىق ياشلىرىغا تاقەت قىل .49
... شەپقەت ئىلاھى .
ئالەمدە ئانىدىنمۇ مۇقەددەس ، پاك ۋە تاقەتلىك ؛ ئانىدىنمۇ يۈكسەك ، ئاق دىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم . ئۇ ھايات زەنجىرىنىڭ ھالقىسى .
شەپقەت ئىلاھلىرى ئىستىقامەت ۋە ئىلتىجا ، ھەمدۇسانا ۋە مۇناجات تەلەپ قىلىدۇ . ئانا _ بالا ئارزۇسىغا ئاشىق بولغان ، ئۆز قارنىدا پەرزەنت تۆرەلمىسىنى قان ۋە ھايات جەۋھىرى بىلەن تەييارلىغان ، ھاياتلىق سەلتەنىتى بولغان بالىنى ئۆز ھاياتىدىن ئەتىۋار بىلىپ بېشىدا كۆتۈرۈپ ئۆستۈرگەن ، پۈتۈن ئەقىل ۋە ئەندىشىسىنى پەرزەنت ئۈچۈن سەرپ قىلغان ، ئۆزىنىڭ نادان ئوغلىنى ياكى تەنتەك قىزىنى تەڭدىشى يوق ئىشتىياق بىلەن ھەمىشە سۆيگەن ، ئۇنىڭ تۈپەيلى ۋاپاسىز مەھبۇبىنىڭ ئازاب ۋە ئېغىرچىلىقلىرىنى كەچۈرۈپ ، ھايات چاڭگىسى بولغان ئائىلىنى جانلاندۇرغان ئەجىرلىك ۋە مىننەتسىز ئىلاھ .
مەن ھەيرانمەن : ئاسمان گۈمبىزى بۇلۇت ئىلاھى بىلەن چاقماق تەڭرىسىگە تارلىق قىلىۋاتسا ، ئۇلۇمپىك تېغى يۇنان خۇدالىرىنىڭ رەشكچىلىك مەيدانى بولۇپ تۇرۇۋاتسا ، دېڭىز - ئوكيانلاردا سۇ پەرىلىرى بىلەن دەريا مۇئەككەللىرى چۇقان سېلىپ تىنجىمىسا ، زېمىن ئۈستىدە جەڭ قەلەملىرى بىلەن قان سىياھلىرى نەرە تارتىپ ، سانسىز ئوتلۇق توپانلار پەلەككە ئەرۋاھتەك قول سوزۇپ ، قۇشلارغا ئورمان ، دەرۋىشلەرگە ئېھرام قالدۇرماي كۆيدۈرۈپ تۇرسا ، يەنە ئاسمان ، زېمىن ، دېڭىز - ئوكيانلاردىنمۇ كەڭرەك پاناھلىق جاي قالدىمۇ ...
ئانا ! سەن كۆكسى كەڭ ، ئۈمىدى پاك ، قەلبى ئىللىق ، تاقىتى تولۇق ، دىيانىتى ئۇلۇغ شەپقەت ئىلاھى .
سەنسىز ئالەم چاقى ئۇچۇپ كەتكەن ھارۋا ، ئەقلى كۆتۈرۈلگەن دانا ، ھاۋا قاپچىسىدىن ئايرىلغان بېلىق ، قانائەتسىز بۈركۈتتەك قىيا - چىيالىق قىيامەتكە بەند بولغان بولاتتى .
مەن ئايال جىنسىنى ئىززەتلەيمەن . شەپقەت ئىلاھىنى خاتىرىلە . ئۇنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزمە . ئۇنى ئۇلۇغ قىلغان نەرسە قان ئەمەس ، ئوتلۇق مۇھەببەت !50
مەن قاقاقلاپ كۈلىمەن . مەن ياخشىلىقلار ئىلاھىنىڭ ئالەمشۇمۇل كۈلكىسىنى تەكرارلايمەن .
ئۇ كائىنات قەلبىنىڭ گەۋدىسى !
ئىنسانىيەتنىڭ شاھىتى !
كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى !
ئۇ ئۆز ئىشىنى ئاخىرلاتقان جەھەننەمنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدىغان ھەقىقىي باغۋەن !
ئۇ دېڭىز قارنىدىكى مارجانلارنىڭ جۇلاسى !
مەن موھتاجلىق ۋە قۇلچىلىق دۇنياسى ھېچقانداق ساختا نىقابسىز ئۇلۇغ ئىنسانىيەت باھارىغا ئايلىنىپ تارىخنىڭ تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزگىنىدە بۇ كۈلكىنى يەنە تەكرارلايمەن .
بۇنىڭغا گۇمانلىنىش ئالەمنى ئۇنتۇغانلىق .51
ئۇ بىر پارچە ئوت . ئوتنىڭ ۋەزنى بولمايدۇ . ئۇ ئۆز - ئۆزىنى تۇغىدىغان ، پەرىزات شەكلىگە كىرگەن دالا گۈلخىنى . ئۇ ۋەزنى ئېغىر ۋە ئۆز - ئۆزىنى كۆپەيتەلمەيدىغان سۇ ئىلاھىنىڭ ئاتىسى .
ئۇ بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ جەۋھىرى ! ئۇ يەنە بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ ئۆلۈم مەبۇدىسى ! ئۇ ئۆز - ئۆزى بىلەن جەڭ قىلىدىغان بەت جۇدۇن ئىككى باشلىق ئەجدىھا !
سەن ئەقىل ۋە دىيانىتىڭ بىلەن ، نومۇس ۋە ئىپتىخارىڭ بىلەن بۇ پاراسەتسىز قەھرىمان ، شەپقەتسىز قوتازنى نوختىلا . ئەقلىڭ ئۇنىڭ پەرىزات ھۆسنى ، سېھىرلىك كۆزى ۋە ئەۋرىشىم چاچلىرى تەرىپىدىن يۈگەنلەنمىسۇن .
ھايات - مامات ئېلىشىشىدا ، سېنىڭ ئالدىڭدا ئالەم ئېغىر ھالسىرايدۇ ...52
ئالەم مۇرەككەپلىكلىكىنى سىغدۇرالمىغانلىقى تۈپەيلى جاراھەتلەنگەن سىنەم ئازابلىنىدۇ . مېنىڭ ھېسسىياتلىرىم مۇھىتنىڭ سىگنالى !
ئەقلىيە سۆزلۈكلىرى ئۆز مەشۇقىنى يوقاتقان كىشىنىڭ ئاچچىق ھەسرەتلىرىنى داۋالالارمۇ ...53
سەن ھېسابسىز ئۈنچە - مارجان بىلەن قوينى تولۇپ مەغرۇر بۇژغۇنلار چاچرىتىپ ئۇپقۇندىغان دېڭىز سەن .
ئىللىق كۆز ياشلىرىم بىلەن نېمىگىدۇر بىردىن پەسىيىپ ھەسرەتكە چۆمدۈڭ .
سەن جىمجىت پىكىر سۈرۈشكە باشلىدىڭ .54
سەن غەزەپ ئچىئىدە يانغىنىڭدا قىزىل ياقۇتتەك چولپانسەن .
سەن قاقاقلاپ كۈلگىنىڭدە گۈلشەنگە چاپقان قۇلانسەن .
سەن جىمجىت خىيال سۈرگىنىڭدە ھېكمەتكە تولغان ئوكيانسەن .
سەن تەبەسسۇم بىلەن سۆزلىگىنىڭدە سېھىرنى يېشىدىغان ئىرپانسەن .历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us