-
2009-05-16
سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى(مارجاننامە )نىڭ داۋامى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39455948.html
51
ئۇ بىر پارچە ئوت . ئوتنىڭ ۋەزنى بولمايدۇ . ئۇ ئۆز - ئۆزىنى تۇغىدىغان ، پەرىزات شەكلىگە كىرگەن دالا گۈلخىنى . ئۇ ۋەزنى ئېغىر ۋە ئۆز - ئۆزىنى كۆپەيتەلمەيدىغان سۇ ئىلاھىنىڭ ئاتىسى .
ئۇ بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ جەۋھىرى ! ئۇ يەنە بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ ئۆلۈم مەبۇدىسى ! ئۇ ئۆز - ئۆزى بىلەن جەڭ قىلىدىغان بەت جۇدۇن ئىككى باشلىق ئەجدىھا !
سەن ئەقىل ۋە دىيانىتىڭ بىلەن ، نومۇس ۋە ئىپتىخارىڭ بىلەن بۇ پاراسەتسىز قەھرىمان ، شەپقەتسىز قوتازنى نوختىلا . ئەقلىڭ ئۇنىڭ پەرىزات ھۆسنى ، سېھىرلىك كۆزى ۋە ئەۋرىشىم چاچلىرى تەرىپىدىن يۈگەنلەنمىسۇن .
ھايات - مامات ئېلىشىشىدا ، سېنىڭ ئالدىڭدا ئالەم ئېغىر ھالسىرايدۇ ...52
ئالەم مۇرەككەپلىكلىكىنى سىغدۇرالمىغانلىقى تۈپەيلى جاراھەتلەنگەن سىنەم ئازابلىنىدۇ . مېنىڭ ھېسسىياتلىرىم مۇھىتنىڭ سىگنالى !
ئەقلىيە سۆزلۈكلىرى ئۆز مەشۇقىنى يوقاتقان كىشىنىڭ ئاچچىق ھەسرەتلىرىنى داۋالالارمۇ ...53
سەن ھېسابسىز ئۈنچە - مارجان بىلەن قوينى تولۇپ مەغرۇر بۇژغۇنلار چاچرىتىپ ئۇپقۇندىغان دېڭىز سەن .
ئىللىق كۆز ياشلىرىم بىلەن نېمىگىدۇر بىردىن پەسىيىپ ھەسرەتكە چۆمدۈڭ .
سەن جىمجىت پىكىر سۈرۈشكە باشلىدىڭ .54
سەن غەزەپ ئچىئىدە يانغىنىڭدا قىزىل ياقۇتتەك چولپانسەن .
سەن قاقاقلاپ كۈلگىنىڭدە گۈلشەنگە چاپقان قۇلانسەن .
سەن جىمجىت خىيال سۈرگىنىڭدە ھېكمەتكە تولغان ئوكيانسەن .
سەن تەبەسسۇم بىلەن سۆزلىگىنىڭدە سېھىرنى يېشىدىغان ئىرپانسەن .55
ھومېرنىڭ ئىككى داستانىدىن پىتنە ئىلاھى ئىرىدا بېشارەت قىلىپ ماڭا سەگەكلىكنى ھاۋالە قىلدى . ھىندىلارنىڭ << ماخاپخاراتا >> ، << رامايانا >> داستانىدىن ئۆزۈمگە ئاگاھ بولۇشنى ئۆگەندىم . روھىيەتتە مۇشەققەت چەكمەي تۇرۇپ ، مەنىۋى يۈكسەكلىككە ئېرىشكىلى ، مەنىۋى يۈكسەكلىكسىز ئۆزۈڭنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ .
ساڭا بۇرۇلۇپ قارىغىنىمدا قەلبىمدە ئايان بولغىنى مۇنۇ : ... سەن مۈشكۈللۈكنى يېشىدىغان ۋە قايتا تۇغۇلىدىغان راما ٭دەك ساھىبقىرانسەن ؛ سەن بىشما ٭دەك نازۇ نېمەتتىن ۋاز كەچكەن تەقۋاسەن ؛ سەن قارا مەلىكىدەك مېھىر - ساداقەت نەمۇنىسى ، ياندۇ ٭ پەرزەنتلىرىدەك قەيسەر - قەھرىمانسەن . ( ٭ راما ، بىشما ، ياندۇ _ ھىندى ئەپسانىلىرىدىكى تەڭرىلەرنىڭ نامى ) .
سېنى چۈشەنمەي ئۆزۈمنى بىلەلمەيمەن .56
پاھ ! ئاققۇغا مىنىۋالغان تۆت باشلىق ئالەم بىنا قىلغۇچى براخما .
ئاھ ! دېڭىزدىكى ئەجدىھاغا مىنىۋالغان ھامىيلىق مۇئەككىلى بىشنۇ ٭ .
ۋاھ ! يىلان شارپىنى بوينىغا ئورىغان ، ئاچكۆزلۈك ھالاكەت مەبۇدى سىۋا ٭ . ( ٭ بىشنۇ ، سىۋا _ ھىندى ئەپسانىلىرىدىكى تەڭرىلەرنىڭ نامى ) .
مانا بىر تىزىق تەڭرىلەر ...
ئۇسسۇل ئىلاھى ، جەڭ خۇداسىنىڭ ئاتىسى ۋە سېغىنىش مەبۇدى ئۆزىنىڭ زىددىيەتلىك ئىقتىدارلىرىنى بىر گەۋدىگە مۇجەسسەم قىلغان .
مەن ئەكسەدىيەت بىلەن تولغان قەدىمكى ئالەم ئەپسانىلىرىگە ، تۈنۈگۈنكى چىنلىقتەك تەئەججۈپلىنىمەن .57
سەن سۇنغان گۈلرەڭ مەيزاپ ئۇنتۇلۇپ كەتتى .
سەن كۆيدۈرگەن ياغ كۆيۈكى ساقىيىپ كەتتى .
سەن سانجىغان تىغ زىدىسى ئىزسىز تىندى .
سېنىڭ شېرىن شىۋىرلاشلىرىڭ ۋە مەنىلىك سۆزلىرىڭ تۇماندەك تارقىلىپ كەتتى .
بىراق ، بىۋاپالىقىڭ ۋە ئۇنىڭ بوران - چاپقۇنىدا سالماق - سالماق تۈگۈلگەن ئاچچىق - ئاچچىق تەنىلىرى خۇددى بالىلىق چېغىدا تۇرۇپ قالغان قوغۇشۇن ئوقتەك سانجىپ ئاغرىتىدۇ . ئۇ نېمىنىدۇر پىچىرلايدۇ ، چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ . ئۇنى قايتۇرىدىغان داۋا يوق . مەن ئاق دىللىقىم بىلەن مۇشۇ خىياللىرىمغا خىجىللىق ھېس قىلىمەن ...58
ئىنسانىيەتنىڭ ھەر بىر تەنتەنىسىگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەمنۇن بولىمەن .
چۈييۈەن << توققۇز نەزىم >>نى يازغاندا خۇش پۇراقلار ئىچىدە ئۈمىد شادلىقىدىن مەستلىك ھېس قىلىمەن . ئاجۇنا ( ھىندى رىۋايەتلىرىدىكى پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى ) ئاددىي پۇقراچە ياسىنىپ مۇجۇ ۋاڭ ئۆتكۈزگەن كۈيئوغۇل تاللاش مۇسابىقىسىدە نىشاننى چىنەپ قارا مەلىكىنى ئالغىنىدا ئەتراپتىكى ئاددىي جامائەت بىلەن بىللە تەنتەنە قىلىمەن .
ئودىسسا ئون يىللىق دېڭىز سەرسانلىقىدىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ، ۋاپادار قېرى ئىتىنى سىلىغاندا كۆزۈمگە ياش ئالىمەن ، ئۇنىڭ رەقىبلىرىنى يېڭىپ رەپىقىسى ۋە پەرزەنتىنى باغرىغا باسقاندا يۈرىكىم كۆكسۈمگە سىغمايدۇ .
<< قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى >> ئالدىدا خىيالغا چۆكىمەن ، << مۇملانغان ساراي قەستى >>گە خاۋاتىرلىنىمەن ، << ياغاچ قۇلان ھىيلىسى >>دىن چۆچۈيمەن ، مەنسۇر ئەللاجىنى دارغا ئاسقاندا پەرياد كۆتۈرىمەن .
ئەخرەمەن بىلەن جەڭ قىلىمەن ، ئاخرۇمازدا بىلەن يورۇقلۇققا تەلپۈنىمەن . مانا بۇ مېنىڭ ئېتىقادىم ...59
گۈزىلىم ، شەپەق ئۈستىگە چىقىپ ، ئالەمنىڭ ماھىيىتىگە قارا . بۇلۇت سۇپىسىدا تۇرۇپ زېمىنغا نەزەر سال . دۇنيا زىددىيەت بىلەن ، زىددىيەت بىۋاپالىق بىلەن ، قۇرۇقلۇق سۇ بىلەن ، كۈلكە كۆز ياشلىرى بىلەن چايقىلىپ تۇرىدۇ . ئۇ كۈلكىلىك پاجىئە ، پاجىئەلىك كۈلكە ئويۇنى . ئاچچىق يىغلاپ ئارقىدىنلا قاقاقلاپ كۈلگىن . بۇ ئۇنىڭ زاتىغا مۇناسىپ ھېكمەت ...60
ھاياتنىڭ ھەر بىر پائالىيىتىدە ، ھەر بىر مەنپەئەتدارلىق بوسۇغىسىدا ، ھەر بىر ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئارىسىدىكى جەڭدە بىلىم ئەخلاققا ، ھەقىقەت پەزىلەتكە ئايلىنىپ تۇرىدۇ .
چۈنكى ، ئۇ ئۆز غۇرۇرىدا كەمتەر ، ئۆز ئىززىتىدە مەغرۇر .61
كۆزنىڭ شاھىتلىقىنى پەرۋاسىز تاشلاپ ، قۇلاقنىڭ دەلىللىرىگە ئىشىنىپ كەتمە . كۆزنىڭ نوپۇزىنى بېسىپ چۈشكەن قۇلاق شۈبھىلىك شاھىت .
كۆزنىڭ يېڭىلىشىگە ئىشەن .
كۆڭۈلنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن چۆچۈيمەن . ئۇنىڭ يېنىدا ئاتىللانىڭ ھازىسى مېنى ھەسرەت شارابى بىلەن سەگەك قىلىدۇ .62
مۇھەببەتنىڭ مەھلىيا كۈچىدىن سېھىرلەنگەن چېغىمدا ئۈمىدۋارلىق ھېس قىلىمەن . بۇنداق ماگنىتتىن ئايرىلغىنىمدا ئۈمىدسىزلىك تەرىپىدىن جادۇ قىلىنىمەن . جەزب قىلىنىمەن .63
بەخت مەبۇدى << قۇتلى >> بىلەن گۈلزار ئاشىقى << بۇلبۇل >> دىئالوگلاشتى .
قۇتلى : ساڭا بەخت كېرەكلىكىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن .
بۇلبۇل : شۇنداق ، مەن ئۇنىڭغا تەقەززا .
قۇتلى : مەن ساڭا شۇنداق سائادەت ئەڭگۈشتىرى ئىنئام قىلايكى ، ئۇنىڭ شاراپىتى سەن خالىغان چېغىڭدا ئەرشكە ۋە بېھىشكە چىقىپ ، ئۆلمەسلىك كەۋسەرلىرىنى ئىچىپ ، ھۆر ۋە رىزۋانلار بىلەن ئىشرەت سۆھبىتى قۇرالايسەن . ئۇنىڭدا ۋاقىتنىڭ تەھلىكىسى يوق .
بۇلبۇل : بۇ مەن ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىك ياكى ئۆلۈم ئالدىدىكى خىيالىي ئۈمىد . مېنىڭ ئارزۇ قىلغىنىم بۇنىڭ ئەكسى .
قۇتلى : بۇ قانداق بەخت ؟
بۇلبۇل : قايغۇ ۋە شادلىقلار ئىقلىمى ، باھار ۋە زىمىستان دۇنياسى ، ئۈمىد ۋە كۈرەش مەيدانىدىكى قىسمەت ۋە جاسارەت بىلەن تولغان مۇشۇ ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ بەختى .
قۇتلى : ئەجەبا ...
بۇلبۇل : چۈنكى ، ئۇنىڭدا ھادىسىلەردىن خالىي بولمىغان ۋە مېنىڭ سىنەمنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى پەلەك بىلەن شاھمات ئوينىماقتا . مەنمۇ ۋاقىت ۋەھىمىسى بىلەن قاتار تۇرۇپ ئوينايمەن . ئۇ مېنى ھالاك قىلىدۇ ، مەن ئۇنى قۇل قىلىمەن .
قۇتلى : خالىغىنىڭ بولسۇن .64
سەن تەڭدىشى يوق گۈزەل .
سەن ئۇرۇقى يوق يېگانە تۇغما گۈزەل .
گۈزىلىم ، ئەدىپىنى بېرىش ۋە رەھىمسىز غەزەپ ئىنسانىيەتنى بالايىئاپەتكە گىرىپتار قىلىدىغان ھالاكەت مەبۇدىنىڭ خاسىيىتى ئىكەنلىكىنى سېزەمسەن . ئۇ ئاپەتنىڭ ئۇرۇقى ، داۋالىغىلى بولمايدىغان بۇنداق تەبىئەت زىننەتلىگىلى بولمايدىغان يەر يۇتۇش دەزى ئالدىدىكى يارلىق . ئۇ مەغرۇرلۇقنىڭ توپان بالاسى ، ئۇ كائىناتنىڭ ئەڭ تەشۋىشلىك كالا دىۋىسى .
ئوتنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمە ، ئۇ ئەرۋايىڭنى ئاسمانغا ئېلىپ كېتىدىغان ئەزرائىلنىڭ ئېتى ، ھالاكەت تەڭرىسى قىرغىنغا چۈشىدىغان قان سەھنىسى .65
ھايات سۈيىنى مەنىسىز ئىسراپ قىلىسەن .
ئۇ ئاز قالغاندا ھەسرەتلىنىپ كۆز يېشى قىلىسەن .
ۋاقىت ئارقىدا پۇشايمان قىلىش ئورۇنسىز ، ئۆلۈم ئالدىدا ئېچىنىش پايدىسىز .66
قۇشلار سايرىدى ، سەن تېخى ناخشاڭنى باشلىمىدىڭ .
شاماللار ئۇچۇرقىدى ( << چاپتى ، يۈگۈردى ، ئۇچتى >> دېگەن مەنىلەردە ) ، سەن تېخى نىگاھىڭنى ئاچمىدىڭ .
گۈللەر ئېچىلىپ سۇلدى ، سەن تېخى تەبەسسۇم بىلەن كۈلمىدىڭ .67
سېنىڭ ھەسەتخور قەلبىڭگە ئاق كۆڭۈللۈك زەپەر مەشئىلىنى ياققاندا ، سېنىڭ نادان ۋە جاھالەتلىك تەلۋە كۆكسۈڭدە نۇر مالائىكىسى تەبەسسۇم قىلىدۇ . سەن رەشكى تۇزىقىدىن قۇتۇلغاندا ، تۆت ئەتراپ ساڭا سۆيۈملۈك گۈزەل گەۋدىسىنى ئاچىدۇ . شۇ چاغدىلا سەن مۇھەببەتنى ۋە ئىززەتنى نومۇس ئىچىدە ھېس قىلىسەن . بۇنىڭ يولى بىر : مەغلۇبىيەتكە ھازىرلىنىش .68
شېئىرلىرىم ئالەمنىڭ چوڭقۇر تەكتىدىن شىۋىرلايدۇ .
مەن مەشۇقۇم بىلەن ئىككى شەبنەم تامچىسىدەك بىر لالە يوپۇرمىقى ئۈستىدە ياتىمىز . ئۇ ماڭا : ئاڭلا ئەزىزىم ، سېنىڭ يۈكسەكلىكىڭنى شاماللار تەرىپلىمەكتە ، دېدى . مەن ئۇنىڭغا : تىڭشىغىن ئامرىقىم ، سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى يوپۇرماقلار قوشاق قىلماقتا ، دېدىم .
ئۇ قىزىرىپ كەتتى . ئۇ شۇنداق قىزاردىكى ، بىر پارچە چوغقا ئوخشايتتى . مەن ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ قىزاردىم . مەن بىر قەدەھ قىزىل ئۈزۈم ھارىقىغا ئوخشاپ قالدىم .69
قۇربىتىم يەتسە سەن توغرۇلۇق يېڭى << رامايانا >> داستانى ( ھىندىلارنىڭ قەدىمكى خەلق داستانى ) يازسام .
سېنىڭ قەلبىڭ يەر ئانامنىڭ چوڭقۇر تەكتىدە تۇغۇلغان مىسلىسىز گۈزەل قىز شىدۇدىنمۇ ساداقەتلىك ۋە مېھىرلىك .
سېنىڭ سەرگۈزەشتلىرىڭ ئاسمان ئاتىنىڭ بەلەن يېرىدىكى قۇياش دۆلىتىدىكى نۇرانە ساھىبقىران يىگىت رامانىڭ قىسمەتلىرىدىنمۇ تەسىرلىك .
مەن مەپتۇن بولىمەن . مەپتۇنلۇقتىن يىقىلسام ھوشۇمغا كېلىش يولىدا ئىلھام مەبۇدىسى مۇسىي ياكى كۈمۈش تارلىق ۋىنا چالغۇسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن سامانىۋى مۇزىكانت نارۇت ( ھىندىلارنىڭ << ماخاپخاراتا >> داستاننىدىكى قەھرىماننىڭ نامى ) قاچان لەگلەك قۇشىنىڭ پېيىدىن قەلەم قىلىپ ، مېنىڭ لېۋىم ئۈستىگە سەن توغرىلىق لەرزان شېئىرىيەتنىڭ ئۈنچە مىسرالىرىنى تىزاركى ...
پاھ ! ھالاكەت مەبۇدى سىۋا . ئەمدى سەن مېنى پىلە قۇرتىدەك قارىلىقتىن ئاققا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن ۋەلى قىلماقچىمۇ ؟
ئېھ ! شېئىرىيەت مەبۇدىسى نارۇت ، سەن مېنى قاراقچىلىقتىن شائىرغا ئايلانغان ئاق چۈمۈل ساھىبى رودناكا ( بارمىچ )دەك توپىدا كۆمۈپ ( رودناكا _ ھىندىلارنىڭ << ماخاپخاراتا >> داستانىدىكى قەھرىماننىڭ نامى ) ، يامغۇردا يۇماقچىمۇ ؟
ئاھ ! گۈزىلىم ، غوزەك ئىچىگە بەند بولۇپ قالمىساملا ياكى چۈمۈلە تېغىدا كۆمۈلۈپ قالمىساملا سېنى كۈيلەيمەن . چۈنكە مەن رامانىڭ ۋارىسى .70
مەن سېنى سېغىنغاندا كۆز يېشىمنى دەريا قىلىمەن .历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us