ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!بىلوگومغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،سىزنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.


  •  

    جاھانغا بىر كېلىپ - كەتمەك ھاياتقا سەپەر بىلسەڭ،

    كىشىنىڭ ئۆمرى چەكلىكتۇر ياشلىقتۇر سەھەر بىلسەڭ.


  • ئۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ئەﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ئۇﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ . ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻫﻪﻡ ئۇﻧﻰ ﯲﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ - ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ - ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ئەﻳﻨﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ، ئەﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ئاﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ . ئەﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ << ﺑﻪﺵ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ >>ﻧﻰ ئاﻻﻫﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ئەﺭﺯﯨﻴﺪﯗ .


  • ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﯞ .;
    ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ -- ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﯞ 1969- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ (ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ) ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﯞ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، 1940-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.


  •   

     

    پروفېسسورئابدۇشكۈرمۇھەممەتئىمىن

    ئابدۇشكۈرمۇھەممەتئىمىنئايالىرەنامەخسۇتبىلەنبىرگە

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1933~1995  )
    « غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى » ،« قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا » قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ ، ھېلىھەم ئېلىن قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى ئاز ئەمەس . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن خەلقئاراغا تونۇشلۇق ئالىم بولۇپ ، بىلىمخۇمار ئەۋلادلىرى قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .  

          شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن شۇ مەكتەپنىڭ بىئو - خىمىيە فاكۇلتېتى بىلەن غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى تاماملىغان. «ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا دائىر مەسىلىلەر»، «ئومۇمىي ئېستېتىكا»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، «قۇتادغۇبىلىكخەزىنىسى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «غەربىي دىيار تاشكېمىر سەنئىتى»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى»، «چوغلۇق»، «رۇبائىيات، «رۇبائىيات، «قاتلاملىق ئېستېتىكا» ۋە ئۇشبۇ «ئائىلە» قاتارلىق مۇستەقىل يېزىلغان ئەسەرلەر بىلەن «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى» (خەنزۇچە)، «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيە تارىخىدىن ئوچېركلار» قاتارلىق بىرلىكتە ئىشلەنگەن ئەسەرلەرگە ئاپتورلۇق قىلغان، 300 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.

    سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى

    ئاپتورى : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
    شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 7-ئاي 1- نەشرى

    ئاپتوردىن
    ئەسسالام كىتابخان !
    بۇ ، تارىخنىڭ سەۋدالىق يىللىرى يېزىلغان تەئەججۈپنامە . بۇنداق يىللارنى ئاپەت دەپ ئاتىساڭ ئاپەتلىرى تولىمۇ پاجىئەلىك . بۇنداق يىللارنى ئامەتلىك دەپ ئاتىساڭ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرىنى توپلاپ ، زۇلمەتنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ھېكمەتكە باي قىممەتلىك ئامەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ . بۇ ، ھەقىقەتەن سەۋدالىق يىللىرى ئىدى . سەۋدالىقنىڭ پاجىئەسى ئىچىدە ، سەرسانلىق ئىچىدە كۈتۈلمىگەندە كونا يوشۇرۇن خەزىنىگە ئېرىشىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى نۇرغۇن خەلق چۆچەكلىرىدە ئىسپاتلانغانغۇ ؟
    مەن دانىشمەنلەردىن سەبىي بالىلارغىچە ئۈركۈگەن ، تېڭىرقىغان ۋە ئەندىشە ۋەھىمىسى ئىچىدە سەۋدالىق روھىيىتىگە ئەسىر بولغان يىللاردا ئۆزۈمنى سەۋدالىقتىن خالىي قىلالمىدىم . بۇ خىل سەۋدالىق ئۇزاق قەرەللىك ئۇيقۇ شارابىدەك مېنىمۇ ئۇزاق يىللارغىچە مەستلىك ئۇيقۇسىغا غەرق قىلغانىدى . قاباھەتلەرنى ھېس قىلىپ ھېكمەتلەرنى چۈشىدىم . بىراق ، چۈشىگەنلىرىم سەگەكلىك تەپەككۇرىدىن كۆرە تولاراق سەۋدالىق شىۋىرلاشلىرىغا ئوخشاپ كەتتى . مەن ھۆرمەتلىك كىتابخاندىن مېنى كەچۈرۈشىنى ۋە ساقىينىڭ ئىچۈرگەن شارابىغا تاقابىل تۇرالماسلىقىمنى چوڭقۇر ھېسداشلىق ئىچىدە نەزەرگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    << سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى >> تۈن مونولوگلىرى سۈپىتىدە سەۋدالىق يىللىرىدىكى سەۋدالىق خاتىرىسى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن .
    << سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى >> كاككۇكنامىدىن باشلىنىپ ، مارجاننامە ، سۇمۇرغنامە ، جاھاننەما ئارقىلىق داۋاملىشىپ ، نىجاتنامىدە ئاخىرلىشىدۇ . مەن بۇ بەش نامىنى نەشر قىلىش ئويىدا يازمىغانىدىم ، كىشىلەرگە كۆرستىشكىمۇ ئەندىشە قىلاتتىم . يەنە نېمىشقىدۇر ئەينى يىللارنىڭ تەپەككۇر ھودۇقۇشلىرىنى جامائەتچىلىككە تاپشۇرغۇم كەلدى . بۇنىڭدىن مەقسىتىم ، زامانداشلىرىمنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ۋە گۆدەك پەرزەنتلەرگە ھەقىقىي يورۇقلۇق ، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىقنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت .