ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!بىلوگومغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،سىزنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.


  • ئۇيغۇر ئالىمى، شائىرى ھۈسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھەزرىتىم مىلادى 1848-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1264-يىلى)قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ زوڭلاڭ يېزىسى ئايباغ كەنتىدە ئىسلام دىنى ئالىمى، ماھىر تىۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، مىلادىنىڭ 1927-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1345-يىلى)رامىزان ئېيىدا، قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ كاسكا يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مەككىگە بارغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن،ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستان دېھلى شەھىرىگە كەلگەن ۋە «دېھلى دارىلئۇلۇم» مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ «ئىسپاھان دارىلفۇنۇنى»دا، ئاخىرىدائاففىغانىستان «كابول دارىلفۇنۇنى»دا ئوقۇپ، ھەر تەرەپلىمە بىلىم تەھسىل قىلغان.


  • مەشھۇر ئالىم، بۈيۈك شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەنجان ئەكبەر تەجەللى ھەزرەتلىرى مىلادى 1856-يىلى قاغىلىق ناھىيسى زوڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىدىكى دىنىي ئالىم، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەككىدە ئالغان. كېيىن دىھلى شەھرىدىكى دىھلى دارىلمۇئەللىمىن مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ ئىسپاغان دارىلفۇنۇننى ۋە ئاۋغانىستاننىڭ كابول دارىلفۇنۇندا ئوقۇغان.


  • ئەركىنلىك جەڭچىسى-نىلسون ماندىلا

    نىلسون ماندىلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ترانسكىيەدىكى بىر قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدا دۇنياغا كەلگەن.
    1938-يىلى مېلبورىن ئىنىستىتوتىغا كىرگەن. كىيىن يەنە ۋېرتۋورسلاند ئۇنۋىرستىتىغا ئۆتۈپ قانون كەسپى بويىچە دىپلوم ئالغان.
    1952-يىلىدىن 1956-يىلغىچە يوھاننىسبورگدا ئادۋوكات بولغان.  


  • دوكتور رەھىم ئايىتبايېۋ

    [attachment=1287]

    دوكتور رەھىم ئايىتبايېۋ ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ ئوقۇشتىن كېيىن شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان، ھازىر ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شتاتى مىتاللورگىيە ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.ئۇيغۇر تىلى ، ئېنگىلىز تىلى ۋە روس تىللىرىغا پىششىق.


  • ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﯞ .;
    ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ -- ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﯞ 1969- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ (ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ) ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﯞ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، 1940-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.