ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  داڭلىق شەخىسلەر

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • پىدائىيلىق خىزم
  • مەرىپەت بېغىدىك
  • مائارىپنى ئالاھ
  • مېھىر چېيىدىن ئا
  • ھاجى ئەخمەت كۆلت
  • ئابدۇكېرەم ئابل

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

داڭلىق شەخىسلەر

ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن

ۋاقتى : 2015-05-14  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : كۆرۈلىشى : قېتىم

ئىجاد-ئىختىراغا شاھىد كۈنلەر
ئابدۇشۈكۈر راشىدىن

شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى5-ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى ھاۋىنىڭ ئوچۇقلۇقىغا يارىشا، ئۇنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ، ئىلھامىمۇ باشقىچىلا قوزغىلىپ قالغانىدى. شۇڭلاشقىمۇكىن، كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 5:30 لاردا ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىسىىدىكى باغچاقنى مەزكەز قىلىپ، گۈللەرنى تاماشا قىلغاچ، بىرقانچىنى چۆرگىلەپ چىققاندىن كېيىن، يېنىك ھەرىكەت بىلەن گىمناستىكا ئوينىدى،بالدۇر ئويغىنىپ كەتكەن قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، كېپىنەك ۋە ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ گۈلدىن گۈلگە قونۇپ ئۇچۇشلىرى، قۇرت- قوڭغۇزلارنىڭ تېنىمسىز ھەرىكەتلىرىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ،نېمىلەرنىدۇر ئېسىگە ئالغاندەك ياسىداق ياغاچ ئايۋانلىق سۇپىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ ، ئالدى تەييارلاپ قويغا، قەغەز- قەلەمنى قولىغا ئېلىپ خېلى ئۇزۇغىچە بىر نەرسىلەرى جىجىلاپ چىقتى. ئۇ بىردە يېزىپ بىردە ئويلىناتتى،ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىمدىن كېيىن، قەلەمى قويۇپ، يەنە گۈللۈكى ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆپ قېتىم داۋام قىلدى.ئۇنىڭ سەھەردىكى بۇ تېنىمسىز ھەرىكىتى بىلەن بىر قانچە بەت ماقالە قەغىزىنىڭ يۈزى مارجاندەك سۆزلەر بىلەن لىق تولدى.

ئەتىگەندە ئېھتىمال ناز- ئۇيقۇغا قاندى شەپەق،
كۆز ئېچىپ مىڭ بىر جۇلادا چوغلۇنۇپ ياندى شەپەق.
نە ئەجەب كۆرگەندە دىلبەرنىڭ قوياشتەك چېھرىنى،
تەڭلىشەلمەستىن گۈزەللىك بابىدا چاندى شەپەق.
بۇ تاسادىبتىن  بولۇپ لال، نەپسى خورلۇق ھېس قىلىپ،
ئوتقا چۈشكەن قىل مىسالى رەشىكتە تولغاندى شەپەق.
بۇ كۈشەندىگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويماق ئۈچۈن،
ئەتىسى قەرەلىدىن بالدۇرلا ئويغاندى شەپەق.
دىلبىرىم ناز ئۇيقۇسىدا چۈش كۆرۈپ ياتقان چېغى،
ھۆسنىنى كۆز- كۆز ئېتىپ ئۆزگىچە ھاللاندى شەپەق.
چىقتى شۇئاندا چېچىپ نۇر بىر شەپەق چارباغىدىن،
بۇ گۈزەللىك مەرىكىسىدە قايتا شاللاندى شەپەق.
ئەلمىساقتىن كۆرمىگەچ دەردى ئىزانى مۇنچىلىك،
قايتا باشتىن سىن تۈزەي دەپ قاندا پاتلاندى شەپەق.
كۈندىشىنىڭ چېھرىدە ئاقلىق ، قىزىللىق جىلۋىسى،
بۇ سىناققا چامى يەتمەي نەچچە قاتلاندى شەپەق.
كەلدى يار كەچكى شەپەق ئۆچكەندە كۈلبەمگە كىرىپ،
كۆلتېگىننىڭ كۆز-ئوڭىدا قايتا جانلاندى شەپەق.

بۇ ئۇنىڭ سەھەردىن بۇيان يازغان بىر تۈركۈم غەزەللىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تاڭ شەپىقى تاراپ، قوياز نەيزە بويى ئۆرلىگەن ئىدى. ئۇ ئۆيىدىكىلەر تەييارلاپ قويغان ناشتىلىقنى يەپ بولۇپ، 2- قەۋەتكە چىقىدىغان پايىغا يۇقىرىلاپ ياماشتى.
ئۇ ئالدى بىلەن كىتاب ئىشكابلىرى بىلەن تولغان،  مىڭلىغا سەر خىل كېتاب- ژۇرناللار رەت- رېتى بىلەن، دەستە-دەستە قىلىپ تېزىلغان كۇتۇپخانىغا كىرىپ، بىر سائەتتىن كۆپرەك كىتاب كۆرگەندىن كېيىن، ئوقۇغان كىتابىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى خاتىرىسىگە كۆچۈرۈپ چىقتى ھەمدە كىتابخانىنىڭ شىمالىي تەرەپ تېمىغا يۆلەپ قويۇلغان بىر جۈپ ئىشكاپنى ئېچىپ، ئىشكاپقا قاتار تېزىلغان 40-50 دەك ئەلبۇمدىن بىرقانچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەرگە ئۇزۇندىن ئورۇنغا قاراپ خىيال سۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىدىن تەييارلىغان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ئەلبۇمنىڭ قايسىدۇر بەتلىرىگە قىستۇرۇپ، قايسىدۇر سۈرەتلەرنى باشقا ئالبوم ۋە بەتلەرگە يۆتكىدى. ئالاھەزەل  يېرىم سائەتلاردىن كېيىن، ئۇ كىتابخانىسىدىن چىقىپ، ئۆزى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان قۇرۇۋالغان موزىيغا كىرىپ، بۇ يەرگە تېزىلغان ساپال، ياغاچ، مېتاللاردىن ياسالغان، يىپەك بۇيۇملاردىن تۇقۇلغان ۋە كەشتىلەنگەن ئاسارە-ئەتىقە ۋە بۇيۇملار ئارىسىدىن بەزىلىرىنى قولىغا ئاۋايلاپ ئېلىپ، ئۇنى ئۇزاقتىن ئۇزاق كۈزەتسە، بەزىلىرىنى پاكىز سۈرۈتۈپ ئۆز ئورنىغا تېزىپ چىقتى. تۇرۇپلا ئۇ يەنە مۇزىينىڭ ئۆزىدە قولىغا قەلەم -قەغەز ئېلىپ تەپەككۇر تۇلپارىنى يەنە قويۇۋەتتى.
گەرچە، ئۇ جۇدەپ ۋە ماغدۇرسىزلىنىپ  قالغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا تەن بەرگۈسى كەلمىگەندەك، پۈتۈن بىر كۈندە 2- قەۋەتتىكى كىتابخانا ۋە مۇزىيغا 10نەچچە قېتىم كىرىپ چىقتى، كىرىپ چىققاندىمۇ  بۇ يەردىكى كىتاب ۋە بۇيۇملار بىلەن مۇڭدىشىپ ، سىردىشىپ ، ھالمۇڭ بولۇپ چىقتى ۋە بۇ ئۈنسىز پاراڭلارنى خاتىرىگە مارجان قىلىپ تېزدى. شۇ كۈنى كېچىسى ئۇنىڭ كۆزى خېلى بىر ۋاققىچە يۇمۇلمىدى، يۇمۇلغاندىمۇ ئەتىسى قىلىدىغان ئىش- پائالىيەت ۋە پىلانلىرىنىڭ كۈن تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرلۇشى ئۈستىدە بولدى. چۈنكى ، ئۇنىڭ تېخى قىلىپ تۈگۈتەلمىگەن ، روياپقا چىقىرىپ بولالمىغان نۇرغۇن ئارزۇ- ئىستەكلىرى بار ئىدى.
بىر كۈنلۈك ۋاقىتنىڭ تاماق ۋە كەمدىن كەم ئۇيقۇ ۋە ئارامغا  ئاجرىتىلغان قىسمىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەت شۇنداقلا  بالىلىرى، نەۋرىلىرى شۇندقلا ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ئەدەبلەر ۋە ھەۋەسكارلار بىلەن مۇڭدىشىش ۋە سىردىشىشقا سەرپ قىلىندى.
ئىجاد-ئىختىرانىڭ ئاشىقى، تېنىم تاپماس بۇ كىشى دەل ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر داڭلىق شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ژۇرنالىست، سابىق « قەشقەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ پىنسىيۇنىرى ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن ئاكا ئىدى.
بۇ ئەدىبنىڭ پېنسىيەگە چىققان 20 يىلدىن بۇيان يېتىلدۈرگەن ئادىتى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىكى ۋاقىتنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇشتىن بەيگە  مەيدانى بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى كېچە يېتىش ئالدىدا ئەتىسى قىلىدىغان ئىشلارنى پىلانلاپ، كۆڭلىدە سان تۇرغۇزۇپ، ۋاقىتنى تولىمۇ ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش بولدى.  چۈنكى، ئۇ بۇرۇنقى بوش كەتكەن ۋاقىتلىرىنى مۇشۇ ئارقىلىق تولۇقلاپ، ھاياتىدا ئاز-تولا بولسىمۇ ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇش ئىراىدىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئاتلانغانىدى. شۇڭلاشقىمىكىن، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋاقتى ئادەتتە كىتاب ئوقۇش، بىر قىسىم تېمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. گېزى كەلگەندە ئۇ ئاشۇ تېمىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات ئۈچۈن ئارىلاپ يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيەلەرگە، يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، ساياھەت قىلغاچ ماتېرىيال توپلىدى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىلھام بېغىشلايدىغان پۈتمەس خەزىنە كىتابخانا ۋە موزىينىمۇ قۇرۇۋالدى.  ھازىر ئۇنىڭ كىتاپخانىسنىدا ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى 10نەچچە مىڭ پارچە كىتاب- ژۇرنال،يەككە سۈرەتلەر ئەلبۇنى، قەدىمى ئىزنالاردىك زىيارەت، ساياھەت، تەبىئەت مەنزىرىلىرى، يادىكارلاىقلار،  ئورمانلار، قۇملۇق ۋە چۆللەكلەر، ئۇچار قۇشلار، گۈزەل-سەنئەت، ھەيكەللەر-رەھىملەر، ئائىلە، پەنرزەنتلەر،قەلەمكەشلەر دوستلار بىلەن چۈشكەن سۈرەتلەر، زامانداشلار، تەڭتۈشلەر، ئۇستازلار، شاگرتلار ئەلبۇمى  قاتارلىق  40 كە يېقىن سۈرەتلىك ئەلبۇمى بولغاندىن سىرت ئۆزى قۇرۇۋالغان موزىيدا ئاتا-بوۋىلىرىمىز تارىخىتا ئىشلىتىپ كەلگەن ساپال، ياغاچ، مېتالدىن ياسالغان تۇرمۇش سايمانلىرى ۋە بۇيۇملىرى، ھەر خىل توقۇلما ۋە كىيىم-كېچەكلەر، چىۋىق توقۇلمىلار قاتارلىق 1000خىلدىن ئارتۇق يېڭىدىن ياسالغان ھەتتا نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بولۇپ، كۈندە مۇۋاپىق  ۋاقىت چىقىرىپ كىتابلارنى ئوقۇيدۇ،  ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىدۇ، ئەلبۇمنى ۋاراقلاپ، قايتا قايتا رەتلەيدۇ، ئۆمۈر ئىزلىرىنى، تارىخنى ئەسلەيدۇ، كەم سۈرەتلەرنى تولۇقلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئىش.
ھاجى ئەھمەت كۆلتېەىن ئاكا پېنسىيىگە چىققان دەسلەپكى 15 يىلىنى سېجىل يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن بېسىپ ئۆتكۈزگەن بولسا، كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا سالامەتلىكى سەۋەبلىك ئارىلاپ يېزىۋېتىپتۇ. يازغانلىرىنى رەتلەش، نەشر ئەپكارلىرىغا يوللاش ۋە تەييارلاش ئىشلىرىنى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىر يولۇلۇق قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ يازلىق ئارامگاھى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ بازىرى كۆكئېرىق كەنتىدىكى قەدىمى قورۇسىدىكى كىچىككىنە باغچاقىغىمۇ 30 نەچچە خىل گۈل- گىياھ ۋە دەرەخلەر تىكىلگەن بولۇپ، ئۇ شۇ گۈللەرنى سۇغۇرۇش، ئوغۇتالاش، پەرۋىش قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. ئۇ نەگە بارسۇن، نەدە تۇرسۇن  رادىيو ئاڭلاپ جاھاندىكى يېڭىلىقلاردىن، ئېسىل  پىروگراممىلاردىن ھوزۇرلىنىپتۇ. 
ھاجى ئەھمەت كۆلتېگىن ئاكا ژۇرنالدا ئىشلىگەن نەچچە ئون يىلىدىكى ھاياتىنىڭ گۈلگۈن مىنۇتلىرىنى ژۇرنالنىڭ تەرەققىياتى، ئەتراپىدىكى ئەدەبىيات مەستانىلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئىشلەش، شاگىرت تەربىيىلەش ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولسا،1994-يىلىدىن كېيىنكى پېنسىيەگە چىققان 20 نەچچە يىلىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجادىيەتنىڭ ھەرقايسى  تەرەپلىرىدە تېنىم تاپماي ئىزدىنىپ، نەچچە مىڭ پارچە ئەسەر يېزىپ  «ئالتۇن ئاچقۇچ»، «ئۆھمەس يۇلتۇزلار»، «شەپەق جۇلاسى»، «روبائىيلار»، «زۇمرەت ئېقىن»، «ھاجى ئەخمەت كۆلتىگىن شىېئىرلىرىىدىن تاللانما»»، «نۇرلۇق چولپان»، «بوز تورغاي»، «قىيان»،«ياۋا چېچەك»، «ئىككى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ رىشتىسى- ئەھمەت زىيائى»، «گۈلجامال»، «ئۇيغۇر شىېئىرىيىتى توغرىسىدا»، «دېڭىز ئۈنچىلىرى»، «ھايات سەھىپىلىرى»، «مىڭ بىر روبائىي»، «ھاجى ئەىمەت كۆلتېگىن ئەسەرلىرى» (ئالتە قىسىم) قاتارلىق ئەدەبىياتنىڭ ھەر خىل ژانىرلىرىدىكى كىتابلارنى يېزىپ ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇش بىلەن بىللە يەنە « ئالىم-ئەدىبلىرىمىز ھەققىدە ھېكايىلەر»، «سامان يولى»،«ھېكمەتلىك سۆزلەر»،«سېھىرلىك ئالتۇن»، «بۇلبۇل ناۋاسى»، «قەشقەر ناۋاسى»، «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى»،«سەلەي چاققان لەتىپىلىرى»، «چىن تۆمۈر باتۇر»  قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ ۋە نەشرگە تەييارلاپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ، ھايات مۇساپىسىنى نۇرلاندۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ «شەپەق جۇلاسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئۈن-سىن نۇسخىسىى ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقېيۇم ئىمىن تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىش ئالدىدا؛ «ھېكمەتلىك سۆزلەر» ناملىق كىتابى نۇقتىلىق كىتابلار قاتارىدا قايتا نەشر قىلىنىشقا يوللاندى؛ «ئالىم- ئەدىبلىرىمىز ھەققىدە ھېكايە» ناملىق كىتابى بالىلار قونچاقلىرىغا كىرىشتۈرۈلۈپ فىلىم قىلىپ ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە جىددىي سۈرەتكە ئېلىنماقتا. ئۇ  ھازىر 350 پارچىغا يېقىن شېئىردىن تۈزۈلگەن« قوقاس» ناملىق توپلىمى بىلەن ، 200پارچىدىن ئارتۇق غەزەللەردىن تەركىب تاپقان « غەزەل گۈلىستانى» ناملىق تولىمىنى يېزىپ نەشرگە تاپشۇردى.
ھاجى ئەخمەت كۆلتىگىن ئاكا مۇمداق دېدى: ماڭا ھازىر يۇرتۇمنىڭ كۆيۈك تاغلىرىمۇ ئالتۇندىن پۈتۈلگەندەك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا ھاياتىمنىڭ مۇشۇ مىنۇتلىرىدىكى تەسىراتىم «ھاياتنىڭ قىممىتى چاقناشتا، ئىنسان ھۆل ئوتاندەك ئىسلىشىپ يالقۇنلىنىپ كۆيەلمەي، ئىسسىقلىق تارقىتالماي دۇتلىشىپ 100 يىل ياشىغاندىن، ۋاللىدە ئۇچقۇن چاچرىتىپ كۆيۈپ بىر كۈن ياشاشنى ئەۋزە بىلىمەن، بۈگۈنۈمدىن ئەتەمنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ، مەنىگە ئىگە قىلىشقا ئىنتىلىمەن، ئۆتكەن كۈنىمۇ، بۈگۈنىمۇ، ئەتىسىمۇ ئوخشاشلا توختام سۇدەك ياشاشمۇ مەنىسىز، زىرىكىشلىك ھايات. بۇنداق ھاياتنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر يۈز يىل ياشىسىمۇ ، ياكى بىر كۈن ياشىسىمۇ ئوخشاش»، ئىجادىيەتتە، ئىجاد ئشقىدا شام يورۇقىدا كۆيۈۋاتقان پەرۋانىدەك، يالقۇن ئىچىدە كۆيۈۋاتقان سەمدەندەردەك كۆيۈپ ياشىغاندا، ئىشتا سېجىللىق بولغاندا، ئىجادىيەتكە نىسبەتەن ۋىجدانەن مۇئاملىدە بولغاندا، ئۇنىڭدا نەتىجە قازانغىلى بولىدىغنالىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، ياش قەلەملكەشلەرگە نىسبەتەن تەۋسىيەم ئۆمۈر بويى كىتابنى دوست تۇتۇشىنى، كىتابتىن ئايرىلماسلىقىنى، كىتاب ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. كىتاب دەماللىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بېرەلمىسىمۇ، كىشىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىدۇ، زېھنى قۇۋۋىتى، ئەقىل- پاراسىتىنى  ئاچىدۇ، ئۆتكۈزلەشتۈرىدۇ. پەزىلەت ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. پۈتمەس -تۈگىمەس ئىلھام بەخش ئېتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئادىمىيلىك ساپاسىنى تاكاموللاشتۇرىدۇ.
ھايات تولىمۇ چەكلىك، بەزىلەر بۇ چەكلىك ھاياتىنى قەدىرلەپ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، ئاز -تولا ئىز قالدۇرالىغانلىقدىن مەمنۇن بولسا، بەزىلەر پۇشايمان قاچىسىنى كۆتۈرگىنىچە ھەسرەت -نادامەتتە كۆز يۇمىدۇ. شۇڭا، بىز ئىجاد- ئىختىرا ئىشقى كوچىسىدا توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان پېشىۋالىرىمىز ۋە قەدىردانلىرىمىزغا چوڭقۇر ھۆرتمەت بىلدۈرىمىز، تېنىگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ، قەلىمىگە بەرىكەت تېلەيمىز. 
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا