ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەدەنىيەت

پەرۋىشكار خانىم - قىزلار ئۆرۈپ -ئادەت مەركىزى داغدۇغىلىق تىجارەت باشلىدى

ۋاقتى : 2015-07-30  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى مەشىق بازىسى تەرەپكە جايلاشقان پەرۋىشكار ئۆرۈپ-ئادەت مەدەنىيەت مەركىزى رەسمىي تىجارەت باشلىغان بولۇپ ، بۇ قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمىغا جەمئىيەت ئەربابلىرى ، كارخانىچىلار ۋە خەلق ئاممىسى بولۇپ 100دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .

ئۈرۈمچى جۇلا قول ھۈنەرۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتى 2007-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ . ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان شىركەت . شىركىتىمىز بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ،ئىجادچانلىقى كۈچلۈك،مەسئۇلىيەتچان،غايىلىك،پەزىلەتلىك شىركەت خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان مۇنتىزىم شىركەت .

نۆۋەتتە شىركىتىمىز جەمئىيىتىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ، پەرۋىشكار خانىم-قىزلار ئۆرۈپ-ئادەت مەدەنىيەت مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتۇق . تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشى ،خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى ئائىلىلەردە ياشانغان ئاتا-ئانىللىرىمىز،يېقىن كىشىللىرىمىز ئاغرىپ بالنىستتا يېتىپ قالسا ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمىز .ئاتا-ئانىللىرىمىزنى ئۆيدە يالغۇز قۇيۇپ خىزمەتكە بېرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز . تۇغۇتلۇق ئاياللارنى پەرۋىش قىلىشتا قىينىلىۋاتىمىز.مېھمانلارنى ئازادە ئۆيگە باشلاپ ئىسسىق بىرۋاق تاماق ئېتىپ ئۇزىتىشقا ئىمكانىيەت بولماي ،ئاشخانا-رىستۇرانلاردا ئۇزىتىۋاتىمىز . تېخىمۇ مۇھىمى - مىللەتنىڭ ئانىسى ، ئائىلىنىڭ پەرۋىشكارى بولغان خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش بىلىملىرى جەھەتتىكى تەربىيەلىنىش يېتەرلىك بولماسلىق تۈپەيلى تۇرمۇشىمىزدا تۈرلۈك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىۋاتىدۇ .جەمئىيىمىزدىكى يۇقىرىقىدەك ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ ، مەركىزىمىز دوختۇرخانا ۋە ئائىلىدە كۈتۈنۈشكە كۈتۈنۈشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى پەرۋىش قىلىش ، ئائىلىدە مېھمان كۈتۈشكە ياردەملىشىش، ئۆلۈم - يېتىم ،نەزىر-چىراغ ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ،خانىم-قىزلىرىمىز ئۈچۈن قىزلىق پەزىلەتلىرى ،كېلىنلىكپەزىلەتلىرى ،ئانىلىق پەزىلەتلىرى،ئائىلە مەدەنىيەت ئىلمى،ئائىلە تائام مەدەنىيەت ئىلمى،خانىم-قىزلار ئەخلاق ئىلمى ،ئاياللار پىخسىكا ئىلمى،پەرزەنت تەربىيەسى ئىلمى،ئاياللار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىلمى ، نىكاھۋە جەمئىيەت قاتارلىق تۈرلەر بۇيىچە ھەرخىل مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويدى.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى :
 مەنزىل : تەربىيەلەش بازىسى تاڭنۇرى ئېسىل ئولتۇراق رايونى دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدا
تېلېفون : 0991-8533191  18699166449  13999929408

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا