ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

شى جىنپىڭ: تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇشىمىز كېرەك

ۋاقتى : 2016-10-14  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

شى جىنپىڭ: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇشىمىز كېرەك

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسىي–قانۇن، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قولدا گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى، بىر قولدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تىنچلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەمتۈرتكە بولۇش، بىرىكىش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىشقا، دېموكراتىك بولۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ۋە تۈرلۈك خەۋپ–خەتەرلەرنى مۆلچەرلەش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈر بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈزۈلمە–مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە–كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شۇ جاينىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا