ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

29 ئۆلكە تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇردى

ۋاقتى : 2016-10-13  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى پىلانلىق تۇغۇت قائىدىسىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى 29 ئۆلكە شۇ جاينىڭ يېڭى پىلانلىق تۇغۇت قائىدىسىدىكى تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا يەتتە كۈن، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بىر ئايغا سوزۇلدى. جۇڭشىن تورى مۇخبىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يېتەرلىك تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، بىراق يەنە قىسمەن كىشىلەرنىڭ تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشى «قىسقارتىلىپ»، ھەتتا بەزىلەر دەم ئېلىش ۋاقتى بولسىمۇ دەم ئالالماسلىقتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن.
جۇڭشىن تورى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، نۆۋەتتە شىزاڭ ۋە شىنجاڭدىن باشقا 29 ئۆلكە بىردەك شۇ جاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت قائىدىسىگە كەينى-كەينىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شۇ جاينىڭ تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش (قىسمەن رايونلاردا كۈتۈش دەم ئېلىشى دېيىلىدۇ) ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا يەتتە كۈن، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بىر ئايغا سوزۇلغان بولۇپ، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتى 15 كۈن بولغان.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا