12-ئىيۇل سەھەر، بىر كېچە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق ئىشلىگەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر سال كۆۋرۈكتە ئارام ئېلىۋاتاتتى. شۇ كۈنى سائەت 8:00 دىن ئاشقاندا، ئىككى كۈنگە يېقىن خەتەرلىك ئېغىزلارنى ئېتىش نەتىجىسدە، خۇنەن خۇارۇڭ شىنخۇا يۈەنكۈي ئېغىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىۋېتىلدى. بۇ بىر مەيدان كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئۆتكۈلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان ئوفىتسېر-جەڭچىلەر كېچە-كۈندۈز ھارماي-تالماي خىزمەت قىلىپ، پولاتتەك بەدىنى بىلەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلكىنى قوغدىدى.