جۇڭگودىكى بۇ بەش ئۆلكىدە دۆلەت خەزىنىسى بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان بايلىق بار دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئوخشىمايدۇ، تۆۋەندىكى بۇ بەش ئۆلكە ئىچىدىكى مەلۇم بىرسىنى مىسالغا ئالدىغان بولساقمۇ ئۇ خەلقئارادىكى نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى بېسىپ چۈشىكەن. ئۇنداقتا بۇ بەش ئۆلكە بىلەن تونۇشۇپ باقايلى!
گۇاڭدۇڭ
1-ئورۇندا: گۇاڭدۇڭ
1989-يىلىدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭنىڭ دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جۇڭگودىكى 30 ئۆلكە شەھەر ئىچىدە ئۇدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭگودىكى تۇنجى ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە بولۇپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 8\\1 ىنى ئىگىللەيدۇ، ھەمدە شياڭگاڭ ۋە تەيۋەندىن ئېشىپ چۈشۈپ، جۇڭگودىكى ئىقتىسادىي كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى، پۇل-مۇئامىلە كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئۆلكىگە ئايلانغان، ئۇنىڭدىن باشقا گۇاڭدۇڭ ئوتتۇرا يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر سەۋىيەسى، ئوتتۇرا يۇقىرى دەرىجىلىك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر سەۋىيەسىگە يەتكەن.
2-ئورۇندا: جياڭسۇ
چاڭجياڭ دەرياسى قارايدىغان دېڭىزغا يېقىن، خۇەيخې دەرياسىنى كونتىرول قىلىپ كۆللەرنى تىزگىنلىيەلەيدىغان جياڭسۇدا ئىقتىساد گۈللەنگەن، مائارىپ تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەپ-ياشىنىغان. ئۇنىڭ يەر-زېمىنى چاڭجياڭدىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ، شۇنداقلا خۇەيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا ۋە بېيجىڭ-خاڭجۇ چوڭ قانىلىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋۇ، جىنلىڭ (ھازىرقى نەنجىڭ)، خۈەيياڭ (جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي، باشقىچە ئاتىلىشى جياڭخۈەي، جياڭبېي، سۇبېي)، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاتارلىق تۆت چوڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتكە ئىگە.
جياڭسۇ جۇغراپىيە جەھەتتىن جەنۇبتىن شىمالغا ئاتلىغان، كىلمات، تېرىقچىلىقتىمۇ جەنۇب ۋە شىمالنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار.
جياڭسۇ شەرقتە سېرىق دېڭىز (خۇاڭخەي)، تىنچ ئوكيانغا يېقىن، شاڭخەي شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، ياپونىيە كيۇسيۇ ئارىلى، كورىيە جىجوۋ ئارىلى، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شىتات «كالىفورنىيە شىتاتى» لىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ دېڭىز ئايرىپ تۇرىدۇ، كالىفورنىيە شىتاتى بىلەن ئاچا-سىڭىللىق ئۆلكە شىتات مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، «جياڭسۇ ئۆلكىسى-كالىفورنىيە شىتاتى» بىرلەشمە ئىقتىساد ھەيئىتى قۇرغان.
جياڭسۇ نەنجىڭ
جياڭسۇ بىلەن شاڭخەي، جېجياڭدىن ئورتاق ھاسىل بولغان دېلتا شەھەرلەر توپى ئاللىقاچان خەلقئارادىكى ئالتە چوڭ دۇنيا دەرىجىلىك شەھەر توپىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
جياڭسۇنىڭ كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توغرا كېلىدىغان GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى) سى، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى، رايون تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچى (DLI) ئوتتۇرىچە سانى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى ئۆلكىگە ئايلىنىپ، «ئوتتۇرا يۇقىرى دەرىجىلىك» تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر سەۋىيەسىگە قەدەم قويغان.
3-ئورۇندا: شەندۇڭ
شەندۇڭ جۇڭگودىكى ئىقتىسادىي ئەڭ تەرەققىي قىلغان، شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئىقتىسادىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، تەرەققىياتى ئەڭ تېز ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2007-يىلىدىن بۇيان ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەرتىپكە سېلىشتا پۇختا قەدەم تاشلىغان بولۇپ، ئۈچ قېتىملىق ئىگىلىكى ئالدىنقى يىللىرىدىكى 8.6:51.4:40.0 بىلەن 8.7:50.1:41.2 تاناسىپ تۈزگەن. ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 56 مىڭ 323 يۈەن بولۇپ، %9.0 ئاشقان، ئايلاندۇرۇپ ھېسابلانغان يىللىق ئوتتۇرىچە پېرېۋوت نىسبىتى 9094 دوللار بولغان.
شەندۇڭ چىڭداۋ
4-ئورۇندا: جېجياڭ
جېجياڭ خاڭجۇ
جېجياڭ جۇڭگودىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دەرىجە پەرقى ئەڭ كىچىك ئۆلكىلەرنىڭ بىرى، خاڭجۇ، نىڭبو، شاۋشىڭ، ۋېنجۇ جېجياڭنىڭ تۆت چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى. بۇنىڭ ئىچىدە خاڭجۇ ۋە نىڭبونىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگودا ئالدىنقى 20-ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
2013-يىلى، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۈچ تىرىليون 756 مىليارد 500 مىليون بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى 178 مىليارد 500 مىليون يۈەن، ئىككىنچى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى بىر تىرىليون 744 مىليارد 700 مىليون يۈەن، ئۈچىنچى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى بىر تىرىليون 733 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا %0.4، %8.4 ۋە %8.7 ئاشقان.
5-ئورۇندا: خېنەن
دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلاپ چىقىلىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى پۈتۈن ئۆلكە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككى تىرىليون 544 مىليارد 543 مىليون يۈەن بولۇپ، سېلىشتۇرۇلىدىغان باھا بويىچە ھېسابلانغاندا، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشقان.
پۈتۈن بىر يىلدىكى ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.9 ئۆرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك تۈرلىرىنىڭ باھاسى %5.6، مەھسۇلات پارچە سېتىلىش باھاسى %1.9 ئاشقان. سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھاسى %1.5 تۆۋەنلىگەن.
خېنەن جېڭجۇ