پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش قۇرۇق گەپ شۇئار ئەمەس، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش مۇستەسنا ئەمەس. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى لىڭ جىخۇاغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمىتىدىن ھەيدەش جازاسى بېرىش، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەمىزنىڭ بىردەكلىكىنى قوغداش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاشتەك ئېنىق پوزىتسىيەسى بىلەن قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئۇ پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار بىلەن ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشتى.
كوممۇنىستىك پارتىيە چىرىكلىك بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدۇ، خەلق چىرىكىلىككە ناھايىتى ئۆچ. لىڭ جىخۇانىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى بىلەن ئاساسىي مەقسىدىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزامىنى ئېغىر بۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى، جەمئىيەتتە ناھايىتى ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. لىڭ جىخۇانىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ چىقىش، ئۇنىڭ ناچار تەسىرىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش – پارتىيە ئىچىدىكى يۇشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىش، پارتىيە پرۇگراممىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، پاتىيە قوشۇنىنى پاكلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش، مەرەزلەرنى قەتئىي يوقىتىش – پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.