ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  شېئىر - قوشاقلار

ھايات تىلىكى-كامىلە ئىسرائىل فازىلى

ۋاقتى : 2014-03-25  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

ھايات تىلىكى

كامىلە ئىسرائىل فازىلى
 
ئازغۇنلار يولىدىن يىراقمەن ھەردەم،
ھىچكىمگە سۇنمىدىم سۆيگۈ گۈلۈمنى.
ئىتىقاد، ئىمانىم كۆرسەتتى شۇدەم،
ھاياتنىڭ نۇرانە گۈزەل يولىنى.
 
ئانامنىڭ ئاق سۈتى لېۋىمدە تېخى،
پاكلىقىم شەنىگە بولدى گۇۋاھىم.
ئۆزۈمدەك بىر ئىنسان ئىزدىدىم ھەرئان،
گۇناھقا ئەرزۈسە شۇدۇر گۇناھىم.
 
پاكلىق يوق يۈرەكتە بولمايدۇ ئىشەنچ،
پاكلىق يوق جايدا ھەم بولمايدۇ بەخت.
ناپاكلىق بۇلغايدۇ ئىنسان ئەقلىنى،
دىيانەت قەلبىمدە بىر ئالتۇن تەخت.
 
ئىنسانمەن ئىنساندەك ياشىسام دەيمەن،
ئىستىكىم پاك ھايات، پاك سۆيگۈ پەقەت.
پاكلىقچۈن كۈرەش قىپ ياشىسام دەيمەن،
تەنھالىق ئىلكىدە قالساممۇ ئەبەت.
 
ناشۈكۈر گۇمراھنىڭ كۆڭلى قاپ-قارا،
بولمىغاچ ئۇنىڭدا ئىنساپ، قانائەت.
قۇترايدۇ باغرىدا شەيتانۇ-لەئىن،
ھەر نەپەس، ھەر دەمى ئۇڭا قىيامەت.
 
ئى تەڭرىم! بىر ساڭا تۆكىمەن كۆزياش،
ئۆزۈڭدىن ئۆزگىگە قىلمىغىن مۇھتاج.
بىر ساڭا تىۋىنگەن سادىق قۇلۇڭمەن،
ئىزنىڭسىز ھىچ يوقتۇر بەختىمگە ئىلاج.
 
2011-يىل 11-ماي   ئۈرۈمچى
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا