تۇردى ئەبەيدۇللا
ئۆتەر شۇنچە مەنىلىك مېنىڭ،
ئالتۇن چېغىم گۈزەل ياشلىقىم.
ياشلىقىمغا گۇۋاھ دائىما،
سۆيگەن يايرىم سۇمبۇل چاچلىقىم.
قېنىپ ئانا ۋەتەن مېھرىگە،
ئۆسكەچ تەنگە، سىغماس شادلىقىم.
كۆڭۈل يايراپ بەخت بولدى يار،
چېچەكلىدى ئارزۇ - ئارمانىم.
كۆزلىرىمدىن ئۇچقۇندايدۇ نۇر،
چېقىپ تۇرغاچ ياشلىق چاقمىقىم.
ۋەتەن ئىشقى يالقۇنلار ئەبەت،
بولسا تەندە دەرمان - ساقلىقىم.
كۆڭۈللەر توق غەمدىن ئەسەر يوق،
يېنىمدىدۇر شېرىن - تاتلىقىم،
دەۋرىم گۈزەل ئېيتىشىم غەزەل،
ھەمراھ ماڭا كۈلكە – چاقچىقىم.