تۇراپ دايىم
بىر كېچە بار ئۆمرۈمدە،
مىڭ كېچىلىك دەرد تارتقان،
مەن ئانامدىن ئايرىلىپ،
كۆزلىرىمدىن قان ئاققان،
كۆكمۇ يىغلاپ قار ياغقان.
بىر كېچە بار ئۆمرۈمدە،
ماڭا ئىسسىق جان بەرگەن،
ئۇنتۇمايمەن زادىلا،
پەرىزاتلار ئويغاتقان،
تاڭ ساباسى ئويغاتقان.
ئامەت دېگەن كەيمە تاز،
كېلەر يېتىم قاشىغە،
گاھ سۆيۈپ، كۈلدۈرۈپ،
يىغلىتىدۇ بەزىدە،
سىناق باردۇر كۆزىدە.
بولۇپ قاپتۇ بايقىسام،
باھار كېتىپ، ئىسسىق ياز،
كۈزمۇ كېلەر ياسىنىپ،
قىشتا يەنە يوق پەرداز،
ھايات دېگەن بەكمۇ ساز.
ھوشيار تۇرغان كىشىگە،
ھايات دېگەن بەكمۇ ساز،
ئىزدىنىشتە ئۆتكەنگە،
خەتەر دېگەن يەنە ئاز،
ئەقىل دەيدۇ بايلىق قاز.
ھايات-مامات دەخلىسىز،
سىناقلىرى ساناقسىز،
ھايات قىسقا ئادەمگە،
ئۆلۈم دېگەن قەرەلسىز،
نىشانىمدىن قالسۇن ئىز!