سۆيگۈ ئۈچۈن قىلدىم ھەممىنى
تۇيۇنسۇن دەپ ئاشىق يۈرەكنى
ساڭىلا چىن بۇلۇپلا ئۆتتۈم
ئالدىمايدۇ دەپ بىلىپ سىنى
بەردىڭ قايتۇرۇپ ماڭا ھەممىنى
سۆيگۈمگە بولدۇڭ گۇناھكار ئاسىي
قانداق كۈڭۈل سەندىكى جانان
كۈندە يۈرەمدۇ يا -كۆزلەپ بىرىنى
باشلار ئازابىم تامچە ياشىمنى
چوڭقۇر چۆكتۈرۈپ خىيالغا مىنى
باقتىم يۇلۇڭغا كۈندە تەلمۈرۈپ
لىكىن ھېچ قايتىپ كەلمىدىڭ
بىرگە يۈرگەن جايدا ،يۈردۈم ئايلىنپ
ئۇچرىتىپ قېلىشىمغا سىنى ئىشىنىپ
باھار كىتىپ -قىش كەلدى يەنە
لىكىن ئۇچراتمىدىم يەنىلا سىنى
كىم بىلەن قاياققا بولغانسەن غايىپ