سىز كەلمىسىڭىز
ۋاقتى : 2011-07-20 مەنبەسى : يوللىغۇچى :
كۆرۈلىشى : قېتىم
سىز كەلمىسىڭىز
ئۆتۈپ كەتتى ۋىسال كۈتۈپ قانچىلىك كۈنلەر،
يۇلتۇزلارغا سىرىم تۆككەن بۇئۇزۇن تۈنلەر.
تېزىپ ئالسام چىمەنلەردىن دەستىلەپ گۈللەر،
بىرتەبەسسۇم قىلالمايمەن سىزكەلمىسىڭىز .
سىغىنىشىم بىسىقمىدى خەتلەر يازغانغا،
تىلفۇن قىلىپ ئۈنىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرغانغا،
ئەجەپ مىنى قىينىدىڭىز كۆيۈپ قالغانغا،
يەنەبەردەم تۇرالمايمەن سىزكەلمىسىڭىز.
سەۋدا چۈشتى بۇ باشىمغا ئەھۋالىم خاراپ،
ئوتىڭىزدا قاقلىنىپ يۈرۈگىم كاۋاپ ،
ئۆتىمەنمۇ جۇدالىقتا كۈنلەرنى ساناپ ،
ئەمدى تەنھا يۈرەلمەيمەن سىزكەلمىسىڭىز.
ئابدىغىنى ئابدىكىرىم شەرار