بۇرنىدا پوتلا كۆزىدە مىڭ چاپاق ،
يۈزى كۆك قىزىرىپ ئىششىق قاپاق .
يېنىدىن ئۆتەر ئىشەك چۈشەر تىزەك ،
يەنە ئۆتەر بىغەملەر تاشلاپ شاپاق .
قېتىپتۇ ئ.اققان پېتىچە بۇرنىدىن ،
ئىشتان ھۆل تەرەت پۇرايدۇ ئورنىدىن .
بۇنچە نەس باسقان ئىگەمنى كۆرمىدىم ،
كۈلۈپ نەس ھاراق مارايدۇ قوينىدىن .
ھايۋاندەك تېخى ھاياسىز ياتقىنى ،
نىمە كەپتۇ بۇنچە ئەلەم تارىتقىلى .
يوقامدۇ ئازاپ دىگەن ئازاپ بىلەن ،
بولمىدى تىزەككە ئۆزىنى قاتقىنى .
دەرىد نىمە؟ دەرمان نىمە ؟ئارمان نىمە ؟
ئازاپلنىپ دەرىدكە قالغان نىمە ؟
بۇ ئازاپتىن ئازاپنىڭ دەرگاھىغا ،
يەنە تىلەپ ئازاپ دەپ بارغان نىمە ؟