ئەۋەتكەنگەبىر قانچە يىل بوپ قالدى ،
پوچتاليون بەرگەننىلا ئېپ قالدى .
ئەسەر كەتتى مەندە ئارمان قېپ قالدى ،
يازما كۆرۈپ يۈرەك كۆچەپ سېپ قالدى .
شائىر مەندىن ئەلگە قانداق نەپ قالدى .
دىدىم گاھى ئادرىس توغرا يېزىلماي ،
قالغانمىدۇ پوچتاليون تاپالماي ،
تاشلدىمۇ ياكى تەھرىر ئوقالماي ،
قالغانمەنمۇ ياخشى شئېرتوقالماي ،
(پەرەز كۈرمىڭ سەۋەبىنى ئۇقالماي )
شۇنداق چگىش ئىچىمدە بىر گەپ قالدى .
قاچتىم ئۇزاق قانداق دىگەن سۇئالدىن ،
يۈرەك ئاغرىپ شئېر ئاغرىپ ئۇۋالدىن .
ئىلھام قاچتى مەندە يەنە شۇ ھالدىن ،
تولاقاتراپ قالايمىقان دوقالدىن ،
ھەر كىملەردىن ئاچچىغىممۇ كەپ قالدى .
ئەلچۈن يۈكسەك ئارمانىم بار يۈرەكتە ،
ھەسەل تاتلىق ھەرە ئىشلەر كۆنەكتە .
ئىلھام تۈگەر يىللار مىنى كۆممەكتە ،
توپلام توپلام شئېرلىرىم پۈتمەكتە .
ئەسەرلەرنى مىتە چاشقان يەپ قالدى .
يۈرەك سېلىپ قوللار تېلىپ توختىدى ،
توپا باسقان يۈرەك يەنە سوقمىدى .
ئۆزۈم يازدىم باشقا بىراۋ ئۇقمىدى ،
دىگەن ككپلەر باشقا ئىشىڭ يوقمىدى ؟
ئىشىم مۇشۇ شىئېر تارتىپ ئېپ قالدى .
بولسا قىممەت تاپار بىر كۈن جاينى ،
دەيمەن دايىم ئەلگە بەرسە سايىنى .
مەن خەلقىمگە پىدا قىلسام بارىمنى ،
مۇستەھكەملەپ يەنە ئاشۇ غايەمنى .
ئۆزۈم يازدىم يەنە ئاچچىق خەپ قالدى !