پارچە
ساپ ۋىجدان ئىگىسى بۇلۇپ ياشىغىن،
ھاياتنى قەدىرلەپ بىلىپ ياشىغىن.
ھاياتىڭ بولمىسۇن بىھۇدە خاراپ ،
ئۆتمۇشنى ئەسلىگىن ئويلاپ ياشىغىن.
ئۇرۇشقاق دەپ قاخشايمىز دائىم ،
ساپا ئۇستىدە ئويلنماي تۇرۇپ.
ئىناقلىققا تەسدۇر يول تاپماق،
ئېڭىمىزنى ئوڭشىماي تۇرۇپ.
ياشايلى دوسلۇرۇم بۇلۇپ بىز ئىناق،
ئۆتەيلى دۇسلۇرۇم ئۇرۇشماي ئىتپاق.
باشقىلار كۇلمىسۇن ، ھالىمىز خاراپ،
تېخى بىز يەتمىدۇق پەللىدىن يىراق.