بىر يىگىت ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا كۆل بويىغا كېلىپ، شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان كۆل سۈيىگە قاراپ، سۇغا سەكرەش-سەكرىمەسلىكىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ قاپتۇ. كۆل بويىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مويسىپىت بوۋاي بۇ يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ، بوۋاي ئۇنىڭدىن:
يىگىت، ساڭا نېمە بولدى؟ ـــ دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئاھ ئۇرۇپ تۇرۇپ بوۋايغا:
مەن ئوتتۇز ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ، ئەمما ھېچ ئىشتا نەتىجە قازىنالمىدىم. ئايالىم بولسا بىر ساراڭنىڭ ئۆزى، دائىم مېنى باشقىلارغا يەتمەيسەن دەپ كوتۇلدايدۇ. ياشىغىنىمنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى قالمىدى، مېنىڭ راستتىنلا داۋاملىق بۇنداق تۇرمۇش كەچۈرگۈم يوق، ـــ دەپتۇ. بوۋاي:
ئۇنداقتا، سەن نىمە ئۈچۈن ھېچ ئىشتا نەتىجە قازىنالمىدىڭ؟ ـــ دەپ سوراپتۇ. يىگىت يېرىم كۈن تۇرۇپ كېتىپ:
قابىلىيەتسىزلىكىمدىن بولسا كېرەك، ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئۆزۈڭنىڭ ئارزۇسىنى ماڭا دەپ باقساڭ بولامدۇ؟ بەلكىم مېنىڭ ئارزۇيۇڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭغا ياردىمىم تېگىپ قېلىشى مۇمكىن، ـــ دەپتۇ بوۋاي. يىگىت بۇ چاغدا:
ئەسلىدە مېنىڭ ئىككى ئارزۇيۇم بار ئىدى، بىر توققۇزى تەل باي بولۇش، يەنە بىر بولسا چىرايلىق بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىش، ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ھا ھا ھا، بۇ ئىشلار ناھايىتى ئاسانغۇ! سەن مەن بىلەن ماڭ! ـــ دەپتۇ بوۋاي.
يىگىت بوۋايغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر باي ئائىلىسىگە كېلىپتۇ، بۇ باينىڭ داچىسى شۇنداق چىرايلىق بولۇپ، يىگىتنىڭ تولىمۇ ھەۋىسى كېلىپتۇ. ئەمما، ئۆينىڭ ئىچىدىكى كىشىنى كۆرۈپ، يىگىت ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. بۇ زادى قانداق ئادەم؟ چىرايلىرى تاتارغان، ئورۇقلۇقىدىن سۆڭەكلىرى ياغاچتەك بولۇپ قالغان كىشى بولۇپ، ئۇلار ئۇنى كۆرگەن چاغدا، ئۇ كارىۋاتتا جان تالىشىپ ياتقان بولۇپ، توختىماستىن يۆتۈلۈۋاتاتقانىكەن. بوۋاي يىگتىكە:
ئۇ بىر ئۆمۈر بايلىقنى قوغلاشتى، ھازىر پۈتۈن بەدىنى كېسەل بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق، يەنە تېخى ئۇنىڭ بالدۇرراق ئۆلۈشىنى، تېزراق ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ـــ دەپتۇ.
باينىڭ ئۆيىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن، بوۋاي يىگىتىنى يەنە بىر ئائىلىگە باشلاپ بېرىپتۇ. ئۇ يەردە ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايال بار ئىكەن. ئۇلار بارغان چاغدا، ئۇ ئايال دەل خىزمەتكارلارغا ئاچچىقلاۋاتقان بولۇپ، ئېغىزىدىن سەت گەپلەر توختىماستىن چىقىۋاتاتتى، ياندا تىڭشاپ تۇرغان ئۇلارمۇ داۋاملىق ئاڭلاشقا چىدىيالمايۋاتسا، خىزمەتكارلار قانداق چىداۋاتقاندۇ؟ ئۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بوۋاي يىگىتكە:
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىككى ئارزۇسىدىن خالىغان بىرىنى تاللا، مەن سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن! ـــ دەپتۇ. يىگىت بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:
ياق، ماڭا ھېچقانداق نەرسە لازىم ئەمەس! چۇنكى مەن ھېچنەرسەمنىڭ كەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، ـــ دەپتۇ