ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  ھېكايە - رومانلار

باشلىققا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىش

ۋاقتى : 2013-08-28  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : پولات ئاماننۇرى كۆرۈلىشى : قېتىم

 

(فېليەتون)
جاۋ ياۋ
 
يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا يىغىنغا كەلگەنلەر ئىمزا قويىدىغان ئورۇن تەسىس قىلىنغانىدى. مەن دەپتەرگە يەنىلا ۋاڭ دىرېكتورنىڭ ئىسمىنى يازدىم. ئەسلىي بۇ يىغىنغا ۋاڭ دىرېكتور ئۆزى كېلىشى كېرەك ئىدى، بىراق «ئىشى چىقىپ قالغاچقا»، يىغىنغا ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن قاتنىشىشىمنى، بىرەرسى سوراپ قالسا، كاماندىروپكىغا كەتكەن دېيىشىمنى تاپىلاپ، ئۆزى ئىشخانىسىدا تورغا چىقىپ قالغانىدى.
يىغىن باشلىنىشىغىلا يىغىن رىياسەتچىسى − شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىدىكى لى بۆلۈم باشلىقى خاپا بولدى:
− مۇشۇنداق جىددىي يىغىنغا ئىدارىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ يېرىمى كەلمەي، قول ئاستىدىكىلەرنى ۋاكالىتەن ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ يىغىنغا قاتنىشىشقىمۇ ۋاقتى يوقمىدۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ يىغىنغا ئەھمىيەت بەرمىگىنى! خىزمەتچى خادىملار يىغىنغا كەلمىگەن بىرىنچى قول رەھبەرلەرنىڭ ئىسمىنى خاتىرىلىۋېلىڭلار، − دەپ ئورۇنلاشتۇردى.
بۈگۈنكى يىغىن شەھەر بويىچە ئېچىلغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت يىغىنى ئىدى. بىراق، بىرمۇنچە كىشىنىڭ يىغىنغا ۋاكالىتەن قاتناشىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
رەئىس سەھنىسىدە خېلى كۆپ رەھبەر ئولتۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن تونۇيدىغانلارمۇ، تونۇمايدىغانلارمۇ بار ئىدى. لى بۆلۈم باشلىقى يىغىن باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ۋاڭ دىرېكتورغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كۆپ قاتناشقاچقا، يىغىن تەرتىپىگىمۇ خېلى پىشىپ قالغانىدىم. ئادەتتە يىغىنلاردا ئالدى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئېچىلغان يىغىن روھى يەتكۈزۈلۈپ، خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلاتتى. ئاخىرىدا مۇھىم رەھبەر سۆز قىلاتتى.
بۈگۈنكى يىغىنمۇ شۇنداق بولدى. لى بۆلۈم باشلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇندا ئېچىلغان يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، بىر قانچە ھۆججەتنى ئوقۇدى. ئۇلاپلا شەھەرنىڭ بۇ يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئۇقتۇردى. ئاندىن شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شىيانى نەچچە ئېغىز سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئەمما ئىدارە باشلىقى شىيا رەئىس سەھنىسىدە كۆرۈنمەيتتى.
لى بۆلۈم باشلىقى مىكرافوننى قولىغا ئالدى - دە، گېلىنى قىرىۋېتىپ:
− بۈگۈنكى يىغىنغا ئىدارە باشلىقى شىيا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. بىراق مۇھىم ئىش بىلەن كاماندىروپكىغا كەتكەچكە، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن بىر قانچە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلدى، − دېدى ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە، − شەھەر رەھبەرلىرى بۈگۈنكى يىغىنغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەخسۇس رەھبەر ئەۋەتتى، كۆپچىلىك قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن ئۇنى يوليورۇق بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى، − دېدى.
يىغىن ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.
رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان كۆزەينەك تاقىۋالغان ياش يىگىت مىكرافوننى قولىغا ئالدى.
ياشلا تۇرۇپ رەھبەر بوپتۇ، ھەقىقەتەن ئىستىقبالى بار ئىكەن، دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە.
يىگىت مىكرافوننى ئېلىپ، كېكىرتىكىنى قىرىپ قويدى، قارىماققا ئۇنىڭ بۇنداق يىغىنغا كۆپ قاتنىشىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ سۆزىنى باشلىدى:
− بىخەتەرلىك كىچىك ئىش ئەمەس، ئەسلىدە بۈگۈنكى يىغىنغا جاڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى كەلمەكچى ئىدى. بىراق مۇھىم بىر ئىش بىلەن كاماندىروپكىغا كەتكەچكە، ۋاكالىتەن مۇھىم سۆز قىلىپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلدى ...
بۈگۈنكى يىغىنغا كۆپۈنچىمىز باشلىققا ۋاكالىتەن قاتنىشىپتىمىز ئەمەسمۇ!

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا