دىلرابا تۇرسۇنجان
ھېلىمۇ ئېسىمدە 7 ياش چاغلىرىم ئىدى، يازلىق تەتىلنىڭ بىر كۈنى ئاپام داداملار بىلەن بازارغا چىقتۇق، مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆيىمىزدە بىر توشقان باققۇم بار ئىدى. بۈگۈن ئاخىرى دادام مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئەشۇرۇپ، ئاپپاق شۇنداق چىرايلىق توشقاندىن بىرنى ئېلىپ بەردى ۋە يەنە بىر توشقاننى سولاپ باقىدىغان قەپەزمۇ سېتىۋالدۇق. مەن خوشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم. مەن توشقاننى ئۆيىمىزنىڭ بالكونىدا باقتىم.بىكار ۋاقتىم بولسىلا ئۇنىڭ يېنىغا كىرەتتىم.ئۇنىڭغا سەۋزە ، لوبو قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئاق ئۈژمىنىڭ يۇپۇرمىقىنى بېرەتتۇق. ئۇ ھەممىدىن بەك سەۋزە يىيىشكە ئامراق ئىدى.ئۇنىڭ نەرسە يەۋاتقان ۋاقتىدىكى ھالىتى بەك ئوماق ئىدى. لېكىن ئۇ ئانچە خوشال ئەمەستەك كۆرۈنەتتى. مەن ئۇنى ئىككى ئايدەك باققاندىن كېيىن دادام بىر كۈنى «توشقاننى قەپەزدە باقساق بەك بىچارە بولۇپ قالىدىكەن، بالام ئۇنى يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرەيلى، ئۇمۇ ئەركىن ياشىسۇن» دىدى. مەن ئۇنۇمىدىم. چۈنكى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايتتى. ئەمما دادام «بالام ئەگەر سىزنىمۇ بىزدىن، دوسلىرىڭىزدىن ئايرىپ بىر ئۆيگە سولاپ قويسا رازى بولامسىز؟ توشقانمۇ شۇنداق يېزىدا تۇققانلارنىڭ جىق توشقانلىرى باركەن ئۇ شۇيەردە چوڭ بولسۇن»دىدى. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئامالسىز ماقۇل بولدۇم. دادام ئىككىمىز بۇ توشقانچاقنى تۇققانلارنىڭكىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلدۇق. مەن ئۆيگە كىرىپلا كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ يىغلاپ كەتتىم ھەم«ھەي توشقانچىقىم ئۇ يەردە قانداقراق تۇرىسەن؟ ئۆيدە ياخشى يېمەكلىكلەر بىلەن سېنى ئوبدان باقاتتىم ئەمەسمۇ؟» دەپ ئويلىدىم. ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، مەن توشقىنىمنى كۈندە ئويلاپ تۇردۇم. ئەينى چاغدا دادامدىن نارازى بولغان بولساممۇ توشقىنىمنىڭ يېزىدا ئەركىن ئازادە ئويناپ ياشاۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قەپەزدە بېقىپ قىيناپ قويغان ئىكەنمەن دەپ كۆڭلۈم سەل بىئارام بولدى. ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ يىل ئۆرۈلۈپ يازمۇ كەلدى. مەن دادام بىلەن يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە باردىم ۋە ھويلىغا كىرىپلا توشقىنىمنى ئىزلىدىم. ئۇ كۆرۈنمەيتتى، تۇققانلاردىن «توشقىنىم قېنى؟»دەپ سورىسام تۇققانلار «توشقىنىڭىز بالىسنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى» دىدى. ۋاھ ! توشقىنىمنىڭ يامانلىقىنى بۇنىڭدىنمۇ ئەركىن تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ كەڭ دالىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ - دە، ھەجەپ ئەقىللىق توشقان جۇمۇ ئۇ، يەنە تېخى ئانا بوپتۇ دەپ بەك خوش بولدۇم مەن ۋە ئىچىمدە ئوماق توشقىنىم كەڭ تەبىئەت قوينىدا ئەركىن ياشىغىن، مەن سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن. بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھايۋانلارنى قوغدىشىمىز ئۇلارنى ئاسرىشىمىز لازىم. چۈنكى ھايۋانلار بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز، ئۇلار مېھرى-مۇھەببەتكە، كۆيۈنۈشكە مۇھتاج.