ئەھەد داۋۇت
كىشى خۇش بولغاندىمۇ، بېشىغا كۈن چۈشكەندىمۇ يېقىنلىرىنى ئىزدىگۈسى كېلىدۇ. ئۇ «قاناتلىق ئاشىق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىۋېدى، ئالەمچە خۇش بولدى. بۇ خۇشاللىقىنى يېقىنلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولۇپ، يان تېلېفونىنى قولىغا ئالدى - دە، تۇنجى بولۇپ دوستى ياسىننىڭ تېلېفون نومۇرىنى باستى:
− ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆي ئىچىڭلا تىنچلىقمۇ ئاداش؟ ئۆتكەندە سىلىگە دېگەن شېئىرلار توپلىمىم نەشردىن چىققانتى، كەچلىك تاماقنى بىزنىڭكىدە يېگەچ كۆرۈپ باقارمىكىن دەپ...
− ھە... شۇنداقمۇ؟ ئوبدان بوپتىكەن... بىراق، ئەتە ئېچىلىدىغان يىغىنغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، باشقا بىر كۈنى بولسا قانداق؟ − ياسىننىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭ تەكلىپىگە ئانچە قىزىقمىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
− بوپتۇ ئەمىسە...، − ئۇ جىمىپ قالدى. ئەمما قەلبىدىكى ھاياجان بېسىلمايۋاتاتتى. «قەيسەر نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟» ئۇ ئەمدى قەيسەرگە تېلېفون قىلدى:
− ئەسسالام ئاداش، ئۆتكەندە سىزگە كۆرسەتكەن شېئىرلار توپلىمىم نەشردىن چىققان، ۋاقتى بولسا كۆرۈپ باقارمىكىن دەپ...
− ئوبدان بوپتىكەن، بىراق بۈگۈن دۇكىنىمغا يېڭى مال كىرگۈزگەن، شۇڭا سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم... باشقا كۈنى كۆرۈشسەك قانداق؟
− مەيلى ئەمىسە، − ئۇ ئىچىگە تىنىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ تۇنجى كىتابىنىڭ خۇشاللىقى ئۇنى شۇ تاپتىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىغا ئورتاقلىشىدىغان سىرداش تېپىشقا قىستايتتى. شۇڭا ئۇ يان تېلېفونىنى يەنە قولىغا ئالدى:
− ۋەي، ئادىلمۇ؟ ...
− ... بىراق، بۈگۈن ئاغىينىلەر يىغىلىپ قاپتىكەنمىز... شاققىدە بۇ تەرەپكە ئۆتەمسىز - يا؟ − ئادىلنىڭ ئاغزىدىن گەپ چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ تېلېفوننى ئەتتى... كۆڭلى لاسسىدە بوشىشىپ، خىيالغا پاتتى:
بىر چاغلاردا دوستلاردىن قايسىبىرىنىڭ بىرەر پارچە شېئىر ياكى ھېكايىسى گېزىت - ژۇرنالغا چىقىپ قالسا، خۇشاللىقتىن كۈنبويى ئىشلەپ چارچىغىنىغا قارىماي، قوڭغۇرىقىدىن باشقا ھەممە يېرى جىرىڭلايدىغان ئەبجەق ۋېلىسىپىتلىرىنى مىنىشىپ، 20 - 30 كېلومېتىرلاپ يول بېسىپ، بىر - بىرىنى چەت، ياقا يېزىدىكى مەكتەپلىرىدىن ئىزدەپ تېپىشىپ، ئۇزاقتىن كۆرۈشمىگەن قېرىنداشلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، داستىخان غورىگىل بولسىمۇ، باياشاتلىققا تەۋە قىلىپ، ئېلان قىلىنغان ئەسىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەرىپلىشىپ، ئىلھام - مەدەت بېرىشكەنلىرى؛ كېچە - كېچىلەپ مۇشائىرە قىلىشسىمۇ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن يېڭى تاڭنى كۈتۈۋېلىپ، ئالدىراپ خىزمەتكە مېڭىشقانلىرى؛ نەچچە يىل ئاۋۋال ياسىننىڭ بىر پارچە ئەسىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى قۇتلۇقلاپ، يۇرتتىكى قەلەمكەشلەر جەم بولۇپ، تەنتەنە قىلىشقانلىرى؛ قەيسەرنىڭ قايسىدۇر بىر ئاتاقلىق شائىرنىڭ ۋاپاتىغا يازغان مەرسىيەسىنى قۇتلۇقلاپ، مەھەللە دوقمۇشىدىكى ئابلا سامسىپەزنىڭ سامسىخانىسىغا يىغىلىپ، ئالدىغا بىر پىيالىدىن چاي، بىر لېگەن سامسىنى قويۇۋېلىپ، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق مۇنازىرە قىلىشقانلىرى... ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتتى. شۇ بەس - مۇنازىرىلەر نەگە كەتكەندۇ؟!
− دادا، يەنە يېڭى كىتاب ئاللىما؟... ۋوي، ماۋۇ سىلىنىڭ رەسىملىرىغۇ؟! − ئانىسىغا ئەگىشىپ ئىشىكتىن چۇڭۇلداپ سۆزلىگىنىچە كىرگەن يەتتە ياشلىق قىزىنىڭ بوينىغا ئېسىلغىنىچە ئەركىلەپ تۇرۇپ قىلغان بۇ تاتلىق گېپى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى.
− ھە، كەلدىڭلىما؟
− ۋاھ، كىتابىڭىز چىقىپتۇ - دە!؟ −− دېدى خوتۇنى كىتابنى قولىغا ئېلىپ ھاياجان بىلەن ۋاراقلاپ، − دادا - بالا ئىككىڭلار جىندەك ساقلاپ تۇرۇڭلار، ئائىلىمىزنىڭ بۇ خۇشاللىقىنى ئوبدان بىر تەبرىكلەيلى! −− ئۇ پەلتۇسىنى سېلىۋېتىپ ئاشخانىغا يۈگۈردى.
− دادا، بۇ كىتابنى سىلى يازغانما؟!... ھەجەپ يامانكەنلىيا! − قىزى شۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ، مەڭزىگە توختىماي سۆيدى...
ئوخشىتىپ ئېتىلگەن كەچلىك تاماقنىڭ مەززىلىك ھىدى ئۆيگە تېخىمۇ ئىللىقلىق بەخش ئەتكەنىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق شىرەسىنى چۆرىدەپ، ئورتاق شادلانماقتا، ئۇنىڭ خوتۇنى دېكتورلارنىڭكىدەك يېقىملىق ئاۋازدا كىتابدىكى شېئىرلارنى بىر - بىرلەپ دېكلاماتسىيە قىلماقتا، ئارىلاپ قاراشلىرىنى سۆزلىمەكتە... 1 - سىنىپتا ئوقۇۋاتقان قىزى شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىسىمۇ، ئانىسىنىڭ يېقىملىق ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ، دېكلاماتسىيەگە قۇلاق سالماقتا.... ئۇ ئىجادىيەت بەختىنىڭ دوستلار ئارىسىدىن ئائىلىگە كۆچكەنلىكىدىن، بۇ كۆچكۈن بەختنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز شېرىن لەززىتىدىن مەستخۇش بولماقتا ئىدى...