قىممەت يارىتىش− ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى شارائىتىنى ياخشىلاشتىكى ئىجتىمائىي ئەمگىكىنىڭ ئىجابىي سۈپەت نەتىجىسىگە قارىتىلغان. ئىنسانلارنىڭ روھى قۇرۇلمىسىنى يېتىلدۈرۈشتە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ رولى ئالاھىدە. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىش قانداقتۇر ئەسەرنىڭ بازارلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقىغا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى شۇ ئەسەرنىڭ جەمئىيەت ئىستىخىيىسىگە، مەلۇم مىللەت ياكى رايوننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتلىمىغا، ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جەمئىيەتتىكى ئىجابىي تەرەپلەرنى داۋاملاشتۇرۇش، سەلبىي تەرەپلەرنى تۈزىتىشتىكى ئاۋانگارت رولىغا قارىتىلغان. تارىختىن بۇيان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىنسانىيەتكە ئەقىل ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى تەربىيەلەيدىغان، مەنىۋى دۇنياسىنى قاندۇرىدىغان روللارنى ئۆتىگەندىن سىرت، ئۇلارغا گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىدىغان، سەلبىي قىلمىشلاردىن نەپرەتلىنىدىغان تۇيغۇ ئاتا قىلىپ كەلدى. كىشىلەر ھەرخىل نادىر ئەسەرلەرنىڭ مەنىۋى قاتلىمىدىن تەسىر ئېلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ھايات پائالىيىتىگە تەقلىد قىلىپ ياشاپ، ئىجابىي گۈزەللىكنى تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىگە سىڭدۈرۈپ كەلدى. جەمئىيەتتىكى ناچار ئادەت، قاراڭغۇ تەرەپلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن يوقالدى، ئۆزگەرتىلدى. كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش، ئاڭلاش ئارقىلىق مەنىۋى يورۇقلۇققا ئېرىشتى.
ئەدەبىي ئەسەر ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات قەدىمىدىن باشلاپ تاكى ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. جەمئىيەت ئۈچۈن قىممەت ياراتمىغان ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچى يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ مەنىۋى تەقەززاسىنى ھەم شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق سەپىرىدىكى تۈرلۈك ئىجابىي ياكى سەلبىي تۇرمۇش ئۈزۈندىسىنى ئۆگىنىش ياكى ئىبرەت خاراكتېرىدىكى ئوبراز قاتلاملىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈش نەتىجىسىدە مەيدانغا چىقىدۇ. ئەلگە ياققان بىر پارچە ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىدە نامايان بولىدۇ. ياخشى يېزىلغان شېئىرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى جەمئىيەتتە زىلزىلە قوزغىشى مۇمكىن، ئەمما پۈچەك يېزىلغان نەچچە توملۇق ئەسەرنىڭ شۇ شېئىر يەتكەن ئىجتىمائىي پەللىگە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس.
نەزەرىمىزنى يېقىنقى يىللاردىكى بەزى ئەسەرلىرىمىزگە ئاغدۇرساق، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش»رومانىنى دەۋر بۆلگۈچ ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقان ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. ئەسەردىكى ئىجتىمائىي ئۈنۈم شۇكى، ئەلانىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۆگىنىش روھى، گۈزەلئاي بىلەن بولغان مۇھەببەت كەچمىشلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدىيە قۇرۇلمىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، زىيالىيلارنىڭ ئۆگىنىش، يېڭىچە مۇھەببەتلىشىش قىزغىنلىقىنى ئەۋج ئالدۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا ئەسەرنى ئوقۇش قىزغىنلىقى جەمئىيەتتە ئومۇملۇققا ئايلىنىپ، «ئىزدىنىش»نى ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. مانا بۇ، ئەسەردە دەۋرنىڭ جىددىي تەقەززاسى دەل ۋاقتىدا ياخشى ئىپادىلىگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممەت ياراتقانلىقىدۇر. ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام»ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ياشاش ئادەتلىرىدە ساقلانغان بەزى ناچار ئادەتلەر تەنقىد قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىدىغان ئاكتىپ ھالەت شەكىللىنىپ، ئادىمىيلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئۆزىنى تونۇش خىسلەتلىرى خەلقنىڭ روھىي ئالىمىدە قايتىدىن چېچەكلەشكە باشلىدى. ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى خەلققە نەپ يەتكۈزگەنلىكىدە ئىپادىلەندى. ئەسەردە ئاپتور خۇراپاتلىقنى، نادانلىقنى، ھەسەتخورلۇقنى تەنقىدلەشنى تۈپ نىشان قىلغان بولسىمۇ، قىزنىڭ قۇرتلاپ كەتكەن كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، قورسىقىدا ئۆسمە پەيدا بولۇپ قېلىش جەريانلىرىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، ھەقىقىي قۇرتلاپ كەتكەن كۆل بىلەن، مەنىۋىيەتتىكى قۇرتلاپ كەتكەن روھنىمۇ يۇقىرى ماھارەتتە ئىپادىلىدى. ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا تۇرۇبىلىق سۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، خەلق پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى. بۇنداق ئۈنۈم پەيدا قىلغان ئەسەرلەر ئەدەبىياتىمىزدا خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەر ئارقىلىق كىشىلەرنى توغرا جامائەت پىكرىگە يېتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى قاندۇرۇپ، ئەدەبىياتنى جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يازغۇچىلار ئىجادىيەتتە ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماستىن، يەنە ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىپىسىنىمۇ ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشى، ئەسەردە دەۋر روھى، ئادەم، تەبىئەت، ئىجتىمائىي ئېكولوگىيە، جەمىئىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشى كېرەك.