ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  ھېكايە - رومانلار

قىزچاقنىڭ كۆزى

ۋاقتى : 2012-03-07  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

(ھېكايە)

سۇ جىڭيى 

 

جۇڭ چىنىڭ قولىغا 100يۈەنلىك ساختا خەلق پۇلى چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان، تىت-تىت بولۇپ، ئۇنى تېزرەك خەجلىۋېتىشنىڭ غېمىدە قالدى. ئۇ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىغا باردى، ئەمما بۇ يەردىكى مال ساتقۇچىلار ياش ھەم زېرەك بولۇپ، ھەر قېتىم خېرىدارلاردىن 100 يۈەنلىك، 50 يۈەنلىك پۇللارنى ئالغىنىدا ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرەتتى؛ ئۇ كىيىم-كېچەك دۇكىنىغا كىردى، ئەمما بۇ يەردىكى پوكەيگە پۇل تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇلغانىدى.

«ئەجەبا بۇ پۇلنى خەجلىۋېتىشنىڭ ئامالى يوقمىدۇ؟...» جۇڭ چى شۇلارنى ئويلاپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر ئالما ساتقۇچىنىڭ ئۈچ چاقلىق ھارۋىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئالما ساتقۇچىنى چاقىرىپ توختاتتى. ئالما ساتقۇچى 30 نەچچە ياشلاردىكى ئايال بولۇپ، ھارۋىنىڭ يېنىدا 4 ~ 3 ياشلاردىكى بىر قىزچاق تۇراتتى. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، قىزچاقنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتكەنىدى.

بىرىنىڭ ئالما ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئايالنىڭ چىرايىدا كۈلكە ئەكس ئەتتى. ئايال قىزغىنلىق بىلەن جۇڭ چىدىن قانچىلىك ئالىدىغانلىقىنى سورىدى. «10جىڭ ئالاي» دېدى جۇڭ چى.

ئايال چاققانلىق بىلەن ئالمىلارنى يالتىراق خالتىغا قاچىلاپ، تارازىغا سالدى. جۇڭ چى 100 يۈەنلىك ساختا پۇلنى يانچۇقىدىن ئەمدىلا چىقىرىشىغا، قىزچاق «ئاپا، ئاپا!» دەپ توۋلاپ كەتتى.

جۇڭ چى «قىزچاق پۇلنىڭ ساختىلىقىنى بىلىۋالغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ئالدىراپ-تېنەپ پۇلنى يەنە يانچۇقىغا سېلىۋالدى.

  ئالما ساتقۇچى جۇڭ چىنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلمىدى. ئۇ قىزىدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىۋىدى، قىزچاق:

  ــــ ئاپا، سەن بايا تاغامغا بەرگەن ئالمىلارنىڭ ئىچىدە سېسىق ئالما بار ئىكەن! - دېدى.

 ــــ راست شۇنداقمىكەن؟-ئۇ ئايال قىزىدىن مۇلايىملىق بىلەن سورىدى. ئارقىدىن يالتىراق خالتىدىن ئالمىلارنى ئېلىپ بىر-بىرلەپ ئىلغاشقا باشلىدى. دېگەندەك، بىر ئالمىنىڭ يۈزىدە تەڭگە پۇل چوڭلۇقىدا داغ بار ئىدى.

 ـــــ قىزىمنىڭ كۆزى ھەقىقەتەن ئۆتكۈر، مېنىڭ ياخشى ياردەمچىم-دە! -ئانا قىزىنى ماختىغاچ ھارۋىسىدىن يوغان ھەم قىپقىزىل ئالمىدىن بىرنى ئېلىپ يالتىراق خالتىنىڭ ئىچىگە سالدى. داغ بار ئالمىنى كىچىك بىر ساندۇققا سېلىپ قويدى.

  ئانىسى ماختاپ قويغاندىن كېيىن قىزچاق قىن - قىنىغا پاتماي ساندۇقتىكى 10 دەك سېسىق ئالمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

 ـــــ تاغا، بۇ سېسىق ئالمىلارنىڭ ھەممىسىنى مەن بايقىۋالغان! -دېدى.

  جۇڭ چىنىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلدى. ئۇ قىزچاقنى ماختاپ قويدى، ئاندىن ئالما ساتقۇچىغا قاراپ:

 ـــــ يەڭگە، ئالمىدا داغ بولسا نېمە بولماقچى، سىز بەك ئەستايىدىل ئىكەنسىز! -دېدى. ئالما ساتقۇچى بېشىنى چايقاپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

 ـــــ مەن ئىشتىن قالدۇرۇلغان، ئۇششاق تىجارەت بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامداپ كېلىۋاتىمەن. باشقىلارنى ئالداپ، قاقتى - سوقتى قىلىشنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيمەن. بۇ، ئادەم بولۇشتىكى ئەقەللىي قائىدە.

  بۇلارنى ئاڭلاپ جۇڭ چى خىجىللىقىدا ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى. ئالما ساتقۇچىغا چىن دىلىدىن قايىل بولۇپ، ئۆز خىيالىدىن ۋاز كەچتى. ئۇ يانچۇقىدىن يىپيېڭى راست خەلق پۇلنى چىقىرىپ ئالما ساتقۇچىغا سۇندى.

 ئالما ساتقۇچى يىراقلاشقاندا، جۇڭ چى ساختا پۇلنى چىقىرىپ پارچە-پارچە قىلىپ يىرتىپ تاشلىۋەتتى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا