ھايۋاناتلار ،ھاشارەتلەر ئىنسانلاردەك ئاڭلىق ئەقىللىق مەخلۇقلار ئەمەس. ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. لىكىن ھېچ بولمىغاندا ئۇلار ‹چوقۇم شۇنداق قىلىش›كېرەكلىكىنى بىلسە كېرەك.سېنچىلاپ كۈزەتسەك ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن بەزى نەرسىلەرنى ھېس قىلىش مۇمكىن.يەنى ئىنسانلارنىڭ ھەرخىل قاتلامدىكى خۇسۇسىيەتلىرى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوخشمايدىغان ئالاھىدىلىكىلرى ،مىجەز خۇلىقلىرى ناچار ئىللەتىلىرىمىز بىلەن قۇشۇلۇپ ئۇلار بىلەن ئوبرازلىق سېلشىتۇرما قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. لىكىن بۇنىڭدا بىزنىڭ ئادەتلەنگەن تەربىيە ئۇسسۇلمىزغا ئوخشاش قانداقتۇر ھايۋانلارنى ‹ئۆگىنش ئۈلگىسى قىلشمىز كېرەك!›دېگەندەك كۈلكىلىك ۋە بىمەنەمەنا چىقمايدۇ. ھاشارەتلەر ئىچىدە ئادەمنى ئەڭ زىرىكتۇردىغىنى پاشا بولسا كېرەك. كاساپەت ياز ۋاقتى كېلىش بىلەن تەڭ ئادەملەرنىڭ يۈز -كۆزىگە ،بەدەنلىرىگە قونىۋلىپ ئۇيالماستىن چاقىدۇ. ھايۋانلارغىمۇ ئارامچىلىق بەرمەيدۇ. ئۇلار قۇيرۇقلىرى بىلەن ئۇنى قوغلايدۇ. بىز بولساق ھەر ھالدا ھايۋانلاردىن ئەقىللىق بولغاچقا كاللىمىزنى ئىشلتىپ تۈرلۈك ھاشارەت ئۆلتۇرۇش دورىسنى ئىشلەپ ئۇلارنى جايلايمىز. ئەمما ئادەملەر ئارسىدىمۇ ئاشۇنداق پارازىتلەر،زىرىكتۇرەرلىك ئەبلەخلەر يوقمۇ؟ بۇنىڭغا كاللا قاتۇرۇپ يۇرمسەكمۇ ئېنقلا بار. ئادەملەر ئارسىدىمۇ شۇنداق بىر كىشلەر باركى ئۇلار ئۆزى ھېچ ئىش قىلماي ،ئەتىدىن كەچكىچە باشقىلارنىڭ غەيۋتىنى، يامان تەرەپلىرىنى خۇددى پاشا غىڭشىغاندەك غىڭشىپ نەمۇ نە پىتنە-پاسات تاپىدۇ. بەزىدە پاشا غەيۋەتخورغا ئوخشاپ قالسا بەزىدە ئاجىز كىشلەر توپىغا ئوخشايدۇ. ئۇنداق كىشلەر دائىم غىڭشىپلا يۇرىدۇ. ھېچ نەرسىدىن رازى بولمايدۇ. ئەتراپتكى مۇھىتتىن ،ئۆزىدىن، خولۇم -خوشنىلىردىن ،كۆزى كۆرمىگەن كىملەردىن ۋەزىيەتتىن، شارائىتتىن ۋايساپلا يۇرىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار ئۆزى ھەقىقەتەن قابىلىيەتىسز.لىكىن بۇنى تەن ئالمايدۇ. ئۇلاردا بىر بولسا قانائەت،سەۋىر تاقەت يوق بىر بولسا قول سېلىپ ئىشلەشنى ،جاپاغا چىداپ ئىگلىك تىكلەش ،يېڭلىق يارىتىشنى بىلمەيدۇ بىلىسىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدۇ.چۈمۈلە كىچكىكىنە نەرسە.لىكىن ئۇنىڭغا سەپسلەسىڭىز غىڭىشىپمۇ قويماي، مۆرەپمۇ قويماي مەرەپمۇ قويمايدۇ. پەقەت ئەتىدىن كەچكىچە ئۇيان- بۇيانغا مېڭىپلا يۈرگەن. ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىش روھى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. كىچىك ۋاقتىمىدا چۈمۈلىگە قاراپلا ئولتۇراتتىم. ئۇنىڭ ئۇۋىسغا ئوزۇقلۇقنى ئېلىپ مېڭشقا كۈچى يەتمىگەندە سەپداشلىرنى قانداقتۇر بىرخىل ئۇچۇر بىلەن جەلىپ قىلىپ خۇددى ئادەملەرنىڭ ‹بىر يەڭدىن قول،بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ›دېگىنىدەك تەڭ چىشلەپ سۆرەپ ئاخىر ئۇۋسىغا ئېلىپ كىرىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئىنچىكە بېلى‹ بەلنى مەھكەم باغلاپ ئىرادىنى چىڭتىش ›قا ئوخشايدۇ. ئېھتىمال چۈمۈلە روھى بىزگە، ‹ھايات گەپ ساتقانلارغا ،گەپ توشۇغۇچىلارغا مەنسۇپ ئەمەس،بەلكى باش چۆكۈرۇپ ئىشلىگۇچىلەرگە مەنسۇپ›دېگەن بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ. چۈمۈلە روھىغا مەنسۇپ ئادەملىرىمىز دەل بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا بار.ئۇلار تۇرمۇشتا غەلىبە قازانغان، ھالال ئەمگەك مېھنىتى بىلەن ئۆزىگە،ئائىلسىگە، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىۋاتقان كىشلەردۇر. ماھىيەتتە كىشلەردە بىر خىل ئېتىقاد بولۇشى كېرەك.مۇشۇ خىل ئېتىقاد بىزنى چۈمۈلىدەك ئىشلەشكە. توغرا يولدا مىڭشقا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىمىزنى چىڭتىدۇ.