ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  ھېكايە - رومانلار

كىمنىڭ باھاسى ئەڭ مۇھىم؟

ۋاقتى : 2011-11-18  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

− ئەگەر چىرايلىقراق كىيىنىپ يۈرسىڭىز «ۋىيەي، قاراڭ ھالىنىڭ چوڭلۇقىنى، بوينىنى غازدەك سوزۇپ، سەھنىگە چىقىدىغاندەك ياسىنىپ كەتكىنىنى» دەيدۇ. ئەتىگەندە ئالدىراپ چالا-پۇلا گىرىم قىلىپلا ئىشقا كەلسىڭىز «قاراڭلار، بوپ كەتكىنىنى، ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان چېغى، ئەپتىگە قاراپ باقمايلا كەپتۇ-دە» دەيدۇ. سەل سەمىرىپ كەتسىڭىز، تېخى بىر نېمە دېگەن، سەل ئورۇقلاپ قالسىڭىز يەنە بىر نېمە دېگەن. بۇ جاھاندا ياشىماق نېمانداق تەسلىشىپ كەتتى، − دەپ قاقشىغانىدى دوستۇم بىر قېتىم ھېيتلىق كىيىملىرىنى ماڭا كۆرسەتكەچ.
بۇنداق ئىشلار تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ. ھەممە گەپكە قۇلاق سالايلى دېسەڭ، ھەر كىم ھەر خىل باھا بېرىدۇ. ئۇنداقتا، زادى كىمنىڭ باھاسى ئەڭ مۇھىم؟
باھا بىر كىشىنىڭ ئۆزى شەكىللەندۈرگەن قىممەت قارىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى پوزىتسىيەسى بويىچە مەلۇم ئادەم ياكى شەيئى، ھادىسىگە بولغان كۆز قارىشى، مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ كۆپىنچە ياخشى ياكى يامان ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. باھا شۇ شەيئى ياكى ھادىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا ئوخشىمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بىز باھاغا قاراشتىن بۇرۇن، باھا بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ شۇ باھاسىغا ئاساس قىلىۋاتقان ئۆلچەم-قائىدىلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈر. باشقىلارنىڭ باھاسى شۇ كىشى ۋە شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق بولسا، بۇ باھانى ئىجادىي قوبۇل قىلىش كېرەك.
ھەر بىر ئادەم ئۆز ئالدىغا ئايرىم مەۋجۇت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ تەربىيەلەنگەن ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتى، مىجەز-خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئادەم ۋە شەيئىلەرگە باھا بەرگەندە بىر تەرەپلىمە قارار چىقىرىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
بىر قېتىم سوقراتنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭغا:
− دوگرىت ئاجايىپ ئادەمكەن، −- دەپتۇ.
سوقرات «بۇ نېمە دېگىنىڭ؟» دەپ سورىغاندا، ئوقۇغۇچى:
− ئۇ دائىم سۆزىڭىزدىن قۇسۇر تېپىپلا يۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرنىڭىزنى ياقتۇرمايدۇ، − دەپتۇ. سوقرات كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
− ھېس قىلىشىمچە دوگرىت يامان ئادەم ئەمەس، − دەپتۇ.
ئوقۇغۇچى ھەيران بولۇپ:
− قانداقسىگە بۇنداق قارايسىز؟ − دەپ سوراپتۇ.
سوقرات مۇنداق دەپتۇ:
− ئۇ ئانىسىغا ئىنتايىن كۆيۈنىدۇ، ھەر كۈنى ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدۇ، ئوقۇتقۇچىسىنى بەكلا ھۆرمەتلەيدۇ، ئەزەلدىن ئوقۇتقۇچىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنى يوق. ئۇ ئەزەلدىن دوستلىرىغا سادىق. باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆز ۋاقتىدا كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ تۈزىتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ، ئۇ بالىلارغا ئىنتايىن مۇلايىم، ئۇلار بىلەن بىللە ئوينايدۇ، كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىدۇ.
سوقراتنىڭ ئوقۇغۇچىسى يەنە مۇنداق دەپتۇ:
− بىراق سىزنى ئۇنچىۋالا ھۆرمەتلەپ كەتمەيدۇ.
سوقرات مۇنداق دەپتۇ:
− بالام، مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە، بىر ئادەم ئەگەر ئۆز مەيدانىدا تۇرۇپ باشقىلارغا باھا بەرگەندە ئاسانلا خاتالىشىدۇ. شۇڭا مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا باھا بەرگەندە، ئۇنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغىنىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ باشقىلارغا قانداق قارايدىغىنىغا دىققەت قىلىمەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بىزنىڭ باشقىلارغا قانداق باھا بېرىشىمىزمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەملىكىمىزنى ئۆزگىلەرگە بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان بىر بەلگە بولۇپ، بۇمۇ بىزگە بولغان باھالارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ...
باھا بەرگۈچىلەرنىڭ باھاسىنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن توغرا. بىراق، ھەر بىر ئادەمدە ئۆزىگە خاس مەيدان ۋە قىممەت قارىشى بولۇشى كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە مۇستەقىل بولالماسلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يا ئۆزىگە، يا ئۆزگىگە ئوخشىمايدىغان غەلىتە بولۇپ قالىدۇ. كىشىلەردىكى ئىدىيە بېقىنىشى ئۇلارنىڭ خاسلىقى ۋە ئۆز يولىنى يوقىتىپ، خەقنىڭ سەنىمىگە ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئەڭ مۇھىمى، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ھايات نىشانى، ئۆگىنىدىغان ۋە قىممەت يارىتىدىغان كەسپى ياكى قىزىقىشى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكى كۆڭلىگە ئايان، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى، باھاسى ئالدىدا ئاسانلا تەۋرىنىپ قالمايدۇ. ئۇلار مۇستەھكەم ئىرادىگە، مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، مودا قوغلاشمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلايدۇ ۋە ئۇنى نامايان قىلىپ نۇرلاندۇرالايدۇ.
بىرەيلەن سىزگە باھا بەرگەندە، ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىگە، نېمىنى ئاساس قىلىپ باھا بېرىۋاتقانلىقىغا، بۇ باھانىڭ سىزگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا قاراڭ. ئەگەر ئۇستازلىرىمىز ۋە چوڭلار ئومۇم نۇقتىسىدىن چىقىپ سىزگە باھا بېرىۋاتقان بولسا، بۇنى چوقۇم ئويلىنىپ كۆرۈش ۋە قوبۇل قىلىش كېرەك. سىز مۇستەقىل بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، جەمئىيەتتە ئۆزىڭىزگە خاس ئورنىڭىز ۋە ئوبرازىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، باشقىلار سىزنى بىر مودېلنىڭ كۆزى بويىچە باھالاپ، كىيىملىرىڭىزنىڭ مودىغا ماسلاشمىغانلىقىنى ئېيتقاندا كۈلۈپلا قويۇڭ. چۈنكى، جەمئىيەت ۋە باشقىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى بىلەن مودېلدىن كۈتىدىغىنى ئوخشىمايدۇ. مۇھىمى، ئۆزىڭىزدە ئۆزىڭىزنى ۋە ئۆزگىنى باھالىيالايدىغان مۇستەقىل بىر كۆز بولسۇن.

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا