ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مەكىت شېۋە سۆزلىرىنىڭ ياسىلىش ئالاھىدىلىكى ھەققىدە

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-08-24 18:29:35 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش



مەكىت شېۋە سۆزلىرىنىڭ ياسىلىش ئالاھىدىلىكى ھەققىدە

ئابلاجان مۇھەممەد



جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئويمۇ تەرەققىي قىلىدۇ.مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تىلدا دائىم يېڭى سۆز-ئىبارىلەر پەيدا بولىدۇ.بىز ئوبىكتىپ مەۋجۇدىيەتتىكى ھەرقانداق شەيئى ۋە ھادىسىلەر ھەققىدە كۆرۈش،ئاڭلاش،سېزىش،ئۇقۇش ئارقىلىق مىڭىمىزدە مەلۇم چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلىمىز.بەزى چۈشەنچىلەر ئەتراپىمىزدىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى بىۋاستە كۆرۈش،ئاڭلاش،سېزىش،سان-ساپاسىنى،خۇسۇسىيىتىنى ئايرىش ئارقىلىق پەيدا بولسا،يەنە بەزىلىرى شەيئى،ھادىسە ،ۋەقە ھەققىدە بىۋاستە ئەمەس،بەلكى ئابىستىراكىتنى يوسۇندا ئويلاش،مىڭىمىزدە ئەكىس ئەتتۈرۈش نەتىجىسىدە پەيدا بولىدۇ.بۇ سۆز-ئۇقۇملار تىلىمىزدا كونكىرىت سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ.
ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت نوپۇزلۇق ماتىرىياللاردا (خەمىت تۆمۈر «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى( مورفولوگىيە)»،قازاقىستان س س ر پەنلەر ئاكادىمىيسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلىمى تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى»)ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرىنى سىنتېتىك ۋە ئانالتېك ئۇسۇلدا سۆز ياساش دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان.يەنە بەزى ماتىرىياللاردا(خۇيى:«ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق سۆز ياساش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا»<شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى>1990-يىل2-سان.خەنزۇچە)ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن سېلىشتۇرۇش،مۇبالىغە،ئېفىمىزىم ئۇسۇللرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
يېڭى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ئاتالغۇشۇناسلىقتا مۇھىم بولغان بىر تەتقىقات تۈرى ھېسابلىنىدۇ.يېڭى سۆز،يېڭى ئۇقۇمنىڭ بارلىققا كېلىشى ماھىيەتتە تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.بۇ خىل چوڭقۇرلۇق ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۆزئەكسىنى تاپىدۇ.بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇ تىلنىڭ تۈرلۈك نەزىرىيىۋى قائىدىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،شۇ تىل ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرۈتكە بولىدۇ.مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى يۇقارقى سۆز ياساش ئۆلچەملىرى ئاساسىدا
مەكىت شېۋە سۆزلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
1. سىنتېتىك ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەر
ھەرقانداق يېڭى سۆز شۇ تىلنىڭ قىلىپقا چۈشكەن گىرامماتىكىلىق قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا ھاسىل بولىدۇ. سىنتېتىك ئۇسۇلدا يېڭى سۆز ياساش ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك سۆز ياساش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەسلىدە شۇ تىلدا بار بولغان سۆزلەرگە شۇ تىلغا ماس بولغان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى سۆز ھاسىل بولىدۇ.
پېئىل ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سۆز تۈركۈمى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنىڭ ياسىلىشىغا ئاساس بولىدۇ.
①پېئىلدىن ياسالغان سۆزلەر
ئاغدۇر+ما =  ئاغدۇرما←ئاغداما(ھارۋا)
ئاشلا+ما=ئاشلىما (ئاشلىما تىرە)
باس+ قاق=باسقاق(تاختا مۆشۈك)
بۆس+ ئەك=بۆسەك(ئىككى چىشلىق تىرنا)
تەپ+ىن =تېپىن   (خامان تېپىش ۋاقتى)
تەگ+ئە+چى =تېگەچى (ئەرگە تېگىدىغان قىز،ئايال)
سىي+گىلى+خانا  =سىيگىلىخانا (خالاجاي،ھاجەتخانا)
ئولتۇر+ۇم =ئولتۇرۇم  (پالەچ)
② ئىسمدىن  ياسالغان سۆزلەر
ئاپتاپ+خانا=ئاپتاپخا
تەرەت +خانا =تەرەتخانا
چۆچەك +لىك =چۆچەكلىك∥چۆچەگلىك(گىردە نان)
چىش + لىق = چىشلىق (ئېغىزدۇرۇق،يۈگەن)
قوشۇق +لۇق =قوشۇقلۇق(نان،مېۋە سالىدىغان كىچىك سېۋەت)
تالقان + دان =تالقاندان
پەم +چۈك = پەمچۈك ( پەمى بار ئادەم)
③ باشقىلار
ئالا + ڭ +لىق =ئالاڭلىق (بوشلۇق،پاراكەندىچىلىك)
كىيىن + لىك =كىيىنلىك ( ئىستىقبال )
Ⅱ ئانالىتىك ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەر
سۆزگە سۆزنى قوشۇش ئارقىلق سۆز ياساش ئۇسۇلى ئانالىتىك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا مۇئەييەن مەقسەد-مۇددىئا ياكى ئىككى سۆز ئارىسىدىكى مەنا مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە سۆز ھاسىل بولىدۇ.
ئات + پەرقى = ئات پەرقى (ئىنتايىن زور پەرق)
باسما + نان = باسما نان(ئوتتۇرىسىدا ئويمانچىقى يوق نان)
ئاق + ئاش =ئاق ئاش (لەغمەن چۆپى )
تاز + پولۇ = تاز پولۇ ( گۆش باسمىغان پولۇ )
زور +ئانا = زور ئانا (چوڭ ئانا )
سوك + ئوغلاق = سوك ئوغلاق (يىتىم)
قاتىراڭ + يەر = قاتىراڭ يەر (شورلۇق يەر)
ئاق + ئانا =ئاق ئانا (ھامما )
تاپ +بېشى = تاپ بېشى
Ⅲ ئېفىمىزىم ئۇسۇلىدا ياسالغان سۆزلەر
ئوي-پىكىرنى ئۇدۇللا ئېيىتماي مۇلايىم،سىپايىلەشتۈرۈپ،سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىش ئېفىمىزىم دېيىلىدۇ.بۇ ۋاستە ئالاقە جەريانىدا توي-تۆكۈن،ئۆلۈم-يىتىم،ئاغرىق-سىلاق ئىشلىرىدا قارشى تەرەپكە ئارامچىلىق ۋە يىنىكلىك بېرىش زۆرۈر بولغاندا ،يەنە بەزىدە ئەخلاق،ياش،ھۆرمەت نوقتىسىدىن بېۋاستە ئېيتىشقا ئىمكانىيەت بەرمىگەندە ئىشلىتىلىدۇ.خەلقىمىزدە:«ياخشى سۆز جان ئوزۇقى،يامان سۆز جان قوزۇقى»،«دىل ئازارى-خۇدا بىزارى»،«سىلىق سۆز تاشنى يارار،قاتتىق سۆز باشنى»دەيدىغان گەپلەر بار. ئېفىمىزىم ئۇسۇلىدا ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەش ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىنمۇ شۇنداقلا شۇ تىلنى ئىشلەتكۈچى خەلقنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەت قاراشلىرى نۇقتىسىدىنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەكىت شېۋە سۆزلىرىدىكى ئېفىمىزىم ئۇسۇلىدا ياسالغان سۆزلەر تۆۋەندىكىچە.
ئازگالچى – بۇزۇق،يولدىن چىققان
ئام - ئەمچەك
چۈشەكىمەك – شەيتان ئاتلىماق،ئىھتىلام بولماق
كۈيلىمەك –بۇقىغا چۈشمەك
كۆز – قوڭى يوغان،چىقان
ئىچى قاراڭغۇلاشماق – قەۋزىيەت بولماق
ئولتۇرۇم – پالەچ
كوپۇش – شالدام،شالى ئاقىدىغان ئادەم
Ⅳ  ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر
ئوخشىتىش ئوي-پىكىرنى تىخمۇ روشەن،ئىنىق ،ئوبرازلىق قىلىپ بېرىدىغان بىر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە تىلدىكى ئىنچىكە ئۇقۇملارنىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىشتە موھىم رول ئوينايدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا سۆزدىكى مەنا ئەسلىدىكى ئىپادىلىمەكچى بولغان شەيئى –ھادىسىنىڭ ئۆزىنى بىلدۈرمەيدۇ بەلكى شۇ شەيئى-ھادىسىنىڭ مەلۇم بىر خىل بەلگىسى ئارقىلىق شۇ خىل شەيئى-ھادىسىنىڭ نامى ئىپادىلىنىدۇ.بۇمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى.مەكىت شېۋە سۆزلىرى ئىچىدىكى بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەر تۆۋەندىكىچە.
تاقتاق – بىر خىل چوڭ چىكەتكە
سېرىق قۇيرۇق-كۈسۈتكە (تۈكى سېرىق رەڭدە بولىدۇ)
داۋزا قۇلاق-يوغان قۇلاق،سالپاڭ قۇلاق
گۇدۇڭ- كولدۇرما (تەقلىد سۆزدىن ياسالغان)
خېنىم سوك-سوك _ ھەرىكىتى چاققان(ئاياللارغا ئىشلىتىدۇ)
بېلىق سىرتى قۇم- يەلپۈندى قۇم ،بارخان
ھالزاتماق _ ئاچچىقى كېلىپ سەكرەپ كەتمەك،چىچاڭشىماق
مەن يۇقىرىدا مەكىت شېۋىسىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ياسىلىش يوللىرى ھەققىدىكى دەسلەپكى مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى تىخى سىستىمىلىق تەتقىق قىلىنمىغان بىر تۈر بولۇپمۇ ھەرقايسى يۇرت شېۋە سۆزلىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭ بىر بوشلۇق.بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق چوڭقۇرلاپ تەتقىقاد ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولىشى تۈپەيلىدىن خاتالىقلارغا يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن .تەنقىدىي پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۆمىد قىلىمەن.
پايدىلانمىلار:
1.        قازاقىستان س س ر پەنلەر ئاكادىمىيسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلىمى تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى»شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1983-يىل نەشرى
2.        خەمىت تۆمۈر «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى( مورفولوگىيە)»مىللەتلەر نەشرىياتى.1987-يىل نەشرى
3.        ئادىل مۇھەممەد تۇران. « مەكىت تارىخ-مەدەنىيىتى».شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى.2006-يىل نەشرى
4.        ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى تىل تەتقىقاد ئورنى«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دئېالىكىت ۋە شېۋىلەر لۇغىتى»مىللەتلەر نەشرىياتى.2007-يىل نەشرى
5.        «تىل ۋە تەرجىمە»2008-يىل 4-سان
6.        «شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»2009-يىل4-سان


«مەكىت شېۋە سۆزلىرىنىڭ ياسىلىش ئالاھىدىلىكى ھەققىدە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر