ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سىنى سۈيىمەن-« س » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-08-24 18:32:42 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

« س » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى


سىنى  سۈيىمەن


سۈيۈملۈكۈم سەييارە!سەن سەنەم ، سانسىز سەنەم سۈپەتلەردىن سىنىلا سەنەملىككە سايلىدىم. سىنى سۈيىمەن. سىنى سېغىنىمەن. سۆيگۈڭ  سېھىرلىكتۇر. سۆيگۈ سېھرىدە ساماندەك سارغايساممۇ سۇلاشماستىن سويدۈم. سۆيگەنچە سېھىرلەندىم . سۆيگۈڭدە سەرسانمەن.
سۇيۇقلار سۆيگۈ سېھرىدە  سولىشىدۇ ، سولاشقانچە سېسىيدۇ. سۆيگۈگە ساداقەتمەنلەر سۈزىلىدۇ. سۆيگۈ سېھرىدە سېسىغان« سايىم »لارنى سېستىرالارمۇ ساقايتالمايدۇ، ساناتۇرىيىدىمۇ ساقلىمايدۇ. ساھابىلارمۇ سەسكىنىدۇ. سۆيگۈ ساھەسىدە سەۋرلىكمەن. سۆرەتتەك سۈزۈك، سۈتتەك ساپ سەبى سىياقىڭنى سېغىنىمەن. سېغىنغانچە ساداقەتلىكمەن. سىزىۋاتىمەن،  ساداقىتىمدىن سۆيگۈ سايلىمىدا سۆيگىنىڭگە سايلاندىم. ساداقىتىم، سەمىمىيلىكىم سىنى سۈيۈندۈرىدۇ. سۆيگۈ سۈيۈنچەڭدە سايىدايمەن. سايىسىدە سىنى سېغىنىمەن.
سىنى سېغىنغاندا سابالاردىن سىنى سورايمەن. سۆيگۈ ساھىلىدا سائەت-سائەتلەپ ساقلايمەن، سەكسەن سەككىز سائەت ساقلىساممۇسۆيگۈم سۇسلاشمايدۇ. سۈيۈملۈكۈم! سېغىنغاندا سەلكىن سىلكىنىپ سازىمنى سەنچۈن سازلايمەن . سەنچۈن سازلانغان سازىم سائەت-سائەتلەپ سۆيگۈ سۆزلىرىمنى سۆزلەيدۇ. سۆيگۈڭدە  سېھىرلەنگەن سازىم سايراپ، سۆيگۈمنى سابالارغاسېپىپ، سېغىنىشىمنى سەگىتىدۇ. سىرلىرىم ساباغا سىڭىۋاتىدۇ.سېغىنغانچە سازلىرىم سۇزۇلۇپ سۆيگۈمگە سىڭىۋاتىدۇ.
سەھەردىكى سەجدەمدە ساڭا سالامەتلىك،سەۋرچانلىق،ساپ سۆيگۈ سورايمەن.سېغىزخاندك سايراپ سالدىم.سايراشلىرىم سۆيگۈڭنى سۇسلاشتۇرمىغاي!سىنىڭ سەمىمى سۆزلىرىڭنى ساقلاۋاتىمەن.ساقلىغانچەسېھىرلىك  سۆيگۈ سېنى سۈيۈندۈرىدىغان سۆزلەرنى سۆزلىتىپ ،سازىمنى سايرىتىپ سۆيگۈنۈڭنى سەرسانلىققا سالماقتا.
سەندىن سوراي، سۆيگۈ ساڭىمۇ سېھىرلىكمۇ؟ سۇئالىم سۆيگۈڭگە سۇ سەپمىگەندۇ؟ سالاپىتىم سۆيگۈڭگە سىغامدۇ؟ سەنمۇ سېغىنامسەن؟
سۈيۈملۈكۈم! سىنى سىنىدىم ، سىنىغىنىم سىنچىدەك سىنىلا سۆيگۈنۈم. ساپ سەبى سۈيگۈمنى ساڭا سۇندۇم. سۆيگۈڭدە سەنئەتچىمەن. ساددا سىياقىمنى سۆيگۈڭدە ساماغا سالدىم. سۆيگۈ سالىمىم ساڭا سېلىندى.  سېۋەتكە سالماي ساندۇققا سېلىپ ساقلىغىن! سۆيگۈ سانچىقى سانجىلمىسۇن! سۆيگۈنۈڭنى سۈيەلمىسەڭ سېغىنغاندا سالامخەتنى سۈيەرسەن! ساقلىقىڭنى ساقلىغىن! ساقلىق سۆيگۈگە سەرداردۇر!ساۋاقدىشىمىز سادىردىن ساقلانغىن! سادىرنىڭ سۆيگۈسى سۇيۇق، سازلىقتىكى سادەك سېسىق ، سىماسى سېسېق ساماندەك  سېرىق، سۈنۋۇكوڭدەك سەت…
سۈيۈملۈكۈم! سىنىڭچۈن، سۆيگۈمچۈن سۆزلىدىم، سۇلمىغىن، سولاشمىغىن! سەمىمى سۆزلىرىمگە سەكرىمىگىن! ساۋاقدىشىم سادىرنى سېسىتقىنىم،سىنى سۆيگەنلىىكىم سەۋەبىدىن. سىنى ساقلاپ سىنى سېغىنىپ ساۋاقدىشىڭ، سىنىڭ  سەۋرچان سۆيگۈنۈڭ :

              سەدىردىن


«سىنى سۈيىمەن-« س » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر