ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئاتاقلىق تىلشۇناس ئابدۇرېشىت ياقۇپ

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:59:28 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ئاتاقلىق تىلشۇناس ئابدۇرېشىت ياقۇپ




پىروفېسسور، دوكتور ئابدۇرىشىت ياقۇپ 1964-يىلى 9-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ تولۇق كۇرسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەزكۇر فاكۇلتېتنىڭ تىل ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1988-يىلى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىتتا تۈركىي تىللار تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، 1996-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1999-يىلىغىچە ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1999-يىلدىن 2000-يىلغىچە ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك پىروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن. 2000-يىلى 12-ئايدا گېرمانىيە «ئالىكساندىر ھۇمبولت فوندى»نىڭ دوكتۇر ئاشتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتىنى تاماملاپ، گېرمانىيە گۆتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى گۆتىنگېن پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن، 2007-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بېرلىن بىرادىنبۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 2009-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ چاڭجياڭ ئالىمى ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش-تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
ئابدۇرىشىت ياقۇپنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقاتى، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر دىيالېكتلىرى ئىلمى ، قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى ئەسەرلەر تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۇرپان دىيالېكتى»(2005-يىل، ئىنگلىزچە)، «قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى يادىكارلىقلار»(3 توم، 2007-2009-يىل، نېمىسچە)، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى دىشاستۈۋىستىك»(2006-يىل، ئىنگلىزچە)، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى پىراجناماپارامىتا يادىكارلىقلىرى» (2010-يىل، ئىنگلىزچە) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ۋەكىللىك تەتقىقات ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىندۇ.
ھازىر ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، چاڭجياڭ ئالىمى ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلىمەكتە ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى ئەسەرلەرگە ئالاقىدار دۆلەت دەرىجىلىك بىر تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا.
   2009-يىلى مەكتىپىمىز گېزىتىنىڭ 3-سانىدا «چاڭجياڭ ئالىمى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن گېرمانىيە بېرلىن پەنلەر ئاكادېميەسى تەتقىقاتچىسى ئابدۇرىشىت ياقۇپ ئەپەندىنىڭ مەكتىپىمىزگە ئۈچ يىللىق ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسور بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ ناھايىتى ھاياجانلاندۇق. بىزنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغىنى شۇ بولدىكى، ئابدۇرىشىت ياقۇپ مۇئەللىم جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرى تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە تۇنجى «چاڭجياڭ ئالىمى» ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە شىنجاڭدا تۇغۇلغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەزكۇر ئۇنۋانغا ئېرىشكەن تۇنجى ئالىم ئىدى. ئىلگىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ گېرمانىيە تەرىپىدىن بېرىلىدىغان، ئېلىش ناھايىتى تەس بولغان «ھۇمبولت فوندى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»غا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىمۇ شۇنچىلىك پەخىرلەنگەنىدۇق ۋە بىزدە ئابدۇرىشىت مۇئەللىمنى بىر كۆرۈش ئىستىكى قوزغالغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، بۇ مۇئەللىمنىڭ مەكتىپىمىزگە تەكلىپ قىلىنغانلىقى بىزنى ئالاھىدە خۇشال قىلدى. دېمەك، بىزنىڭ ئىستىكىمىز رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بىز ئالدىن پۈتۈشكىنىمىز بويىچە مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدا مۇئەللىم بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.
سۆھبەتتىن بۇرۇن، مۇئەللىم بىلەن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشىمىز بولغانلىقى ھەم مۇئەللىمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىسلىقى سەۋەبىدىن سۆھبىتىمىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدۇق. لېكىن، مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشكەن مىنۇتلاردىكى مۇئەللىمدىكى خۇش پېئىللىق، قىزغىنلىقتىن بۇ ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق ۋە سۆھبىتىمىزنى ناھايىتى ياخشى كەيپىياتتا باشلاپ كەتتۇق.
  قەلەم كۈچىمىزنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە باشقا سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى مۇئەللىمنىڭ ئوي-پىكىر ۋە ئىدىيەلىرىنى توغرا يەتكۈزەلمەي قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۆھبەت مەزمۇنىنى كەسىپداشلىرىمىزغا ئەينەن سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق.

سوئال:تەرجىمىھالىڭىزنى بۇرۇن ئانچە- مۇنچە ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن بولساقمۇ، ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىڭىزدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق دېگەن ئۈمىدتىمىز:
جاۋاب:بولىدۇ. مەن يوپۇرغا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن ئۆگىنىشكە قىزىقاتتىم، ياخشى ئوقۇيتتىم. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىمۇ مېنىڭ نومۇرۇم پۈتۈن ناھىيە بويىچە بىرىنچى ئىدى. مەن 1980-يىلى ئالىي مەكتەپكە(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا) كەلگەن، ئەسلى مەن ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇي دېگەن، لېكىن تىل فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپتىمەن. مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئالمىشىپ كېتەي دەپ خېلى تىرىشىپ باقتىم، لېكىن مۇمكىن بولماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن تىل فاكۇلتېتىدا ئوقۇدۇم. خەنزۇ تىلى ئاساسىي كەسپىمىز ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى، يېزىقچىلىق قاتارلىق دەرسلەرنىمۇ ئۆتەتتى. دەسلەپكى بىر مەۋسۇم خەنزۇ تىلىدا بىر ئاز قىينالدىم. چۈنكى يوپۇرغىدا خەنزۇلار ئاز، خەنزۇ تىلى سۆزلەش پۇرسىتىمۇ ئاز ئىدى. خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار دەرس بەرگىنى بىلەن بۇ تىلنى ئۆگىنىشكە تازا كۆڭۈل بۆلمەپتىكەنمىز. لېكىن ئىككىنچى مەۋسۇمدىن باشلاپ ياخشى بولۇپ كەتتىم. ھەركۈنى سەھەر تۇرۇپ ھەربىر تېكىستنى 30 قېتىمدەك ئوقۇيتتىم. بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرگىچە خەنزۇچە ماقالىلەرنىمۇ ئېلان قىلدىم. سىنىپتا ئىزچىل ئۆگىنىش باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدىم. ئۈزلۈكسىز  تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىمۇ بولدۇم.
ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولدۇم، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدىم. بىر مەزگىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئىنتايىن ياخشى نەتىجە بىلەن ماگىستىرلىققا قوبۇل قىلىندىم. ماگىستىرلىقتىكى يۆنىلىشىم تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقى ۋە تىل تەكشۈرۈش  ئىدى. ئۈچ يىل ماگىستىرلىقتا ئوقۇدۇم. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇ فاكۇلتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىپ قالدىم ۋە بەش يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. ئەينى چاغدا دوكتورلۇققا ئالىدىغان ھازىرقىدەك سىستېما يوق ئىدى، كېيىن گېرمانىيەگە چىقماقچى بولدۇم، 1988-يىلى قوبۇل قىلىندىم، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى چىقالماي قالدىم. 1993-يىلى گېڭ شىمىن ئەپەندى تۇنجى قېتىم جۇڭگودا تۈركىي تىللار تىل-ئەدەبىياتى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ھازىرقى قازاق تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ دىڭ جىڭ ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىندۇق، دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ دوتسنېت بولدۇم. كېيىن يەنە ئۇزاق ئۆتمەيلا گېرمانىيە ۋە ياپونىيەگە باردىم، ئۇ يەردىن كېلىپ ئۈچ ئاي ئەتراپىدا دەرس ئۆتتۈم، ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئائىلەم بىلەن يەنە ياپونىيەگە كەتتىم. ياپونىيەدە دوكتور ئاشتىلىق بىلەن ئىككىنچى دوكتورلۇقنى ئوقۇشنى تەڭلا باشلىدىم. ئۇ ۋاقىتتا ئوقۇغان كەسپىم ئومۇمىي تىلشۇناسلىق بولدى. دوكتور ئاشتىلىقنى 1999-يىلى تاماملىدىم، دوكتورلۇقنى 2000-يىلى 9-ئايدا تاماملاپ، شۇ مەكتەپنىڭ تىلشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ رەسمىي پىروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىندىم، كېيىن يەنە گېرمانىيە «ھۇمبولت فوندى»نىڭ دوكتور ئاشتى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن يەنە گېرمانىيەگە باردىم. گېرمانىيەدە لارىش يوھانسون دېگەن مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلكىدە ئىككى يېرىم يىل دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندىم، بۇ تۈگىمەي تۇرۇپلا يەنى 2003-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە گۆتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى گۆتىنگېن پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىقىغا قوبۇل قىلىندىم. 2007-يىلى پىروفېسسور پېتىر زىممىي ئەپەندى پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىقىغا قوبۇل قىلىنىپ ھازىرغىچە شۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن.
سوئال: سىز كەسپىڭىزگە بۇرۇندىن قىزىقامتىڭىز ياكى بىرەر ئىش تەسىر قىلىپ ئاندىن ئۇيغۇر تىلى ياكى تىلشۇناسلىقنى ئۆگىنەي، ئاخىرىغا ئېلىپ چىقاي دېگەن ئويغا كەلگەنمىدىڭىز؟
جاۋاب:مەن ئەڭ دەسلەپتە بىر شائىر ياكى يازغۇچى بولاي دەپ ئويلايتتىم، ھېكايە كىتابلارنى، شېئىرلارنى كۆپ ئوقۇيتتىم. مەن شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان شائىرلار بار ئىدى. مەسلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ دېگەندەك، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «يىللارغا جاۋاب» دېگەن شېئىرىنى بەكمۇ سۆيۈپ ئوقۇيتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا «سۇ بويىدا» دېگەن روماننى ياقتۇراتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ تىلى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئۇ روماننى ئەڭ ئاز دېگەندە باشتىن-ئاخىرىغىچە ئون قېتىمدەك ئوقۇغان، ھازىرغا قەدەر يادا دېگۈدەك بىلىمەن.
تۈركىي تىللار تىل-ئەدەبىياتى دېگەن كەسىپنىڭ بارلىقىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن بىلگەن. ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ماڭا ئىنتايىن تەسىر قىلغان كىشى خالىق نىياز ئەپەندى ئىدى، خالىق مۇئەللىم بىزگە «تىلشۇناسلىقتىن ئومۇمىي بايان» دېگەن دەرسنى بېرەتتى، ئۇ دەرسنى ناھايىتى ياخشى بېرىدىغان، ئۆزىمۇ تىلشۇناسلىقتىن پۇختا بىلىمگە ئىگە بىر مۇئەللىم ئىدى. خالىق مۇئەللىم دەرسنى ناھايىتى ياخشى بېرىدىغان بولغاچقا، مەن ئۇنىڭدىن سىز نەدە ئوقۇغان دەپ سورىسام، مەن ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان، دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنداق بولسا مەنمۇ ماگىستىرلىقتا ئوقۇي دېسەم، ئۇ ماگىستىرلىققا ئۇنداق ئاسان ئۆتەلمەيسىز دېگەن بولدى، لېكىن ماڭا دەرس ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا مېنىڭ ماگىستىرلىققا ئۆتەلەيدىغانلىقىمغا تولۇق ئىشەندى. ئەسلى قائىدە بويىچە مەكتەپتە تولۇق ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ئاندىن ماگىستىرلىقتا ئوقۇشقا يول قويۇلاتتى، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى فاكۇلتېت مۇدىرىمىز چېڭ شىلىياڭ ئەپەندى مەكتەپ مۇدىرى ھاكىم جاپپار ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، مېنىڭ ئوقۇشۇمنى قوللىغان. ئەينى ۋاقىتتا تېخى ئۇيغۇرلاردىن ھېچكىم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمەپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن مۇدىرغا كاپالەت بېرىپ چوقۇم ئۆتىمەن دېگەن نىيەتتە بىر مەۋسۇم دەرس ئورۇنلاشتۇرماي تەييارلىق قىلىپ ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە تۇنجى قېتىم دۆلەتلىك ئىمتىھان بېرىپ لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولدۇم. شۇنداق قىلىپ بۇ كەسىپتە ئوقۇدۇم، شۇ ۋاقىتتا خالىق نىياز مۇئەللىم ماڭا ناھايىتى زور تەسىر قىلغان. ھازىر ۋاپات بولۇپ كەتتى، بۇ ساھەدە مېنىڭ بىلگەن ئادەملىرىم ئىچىدە ئۇنى ئەڭ پۇختا بىلىمگە ئىگە، ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئالىم دەپ قارايمەن. شۇ مۇئەللىمنىڭ تەسىرى بىلەن مۇشۇ ئادەمگە ئوخشاش بىر مۇئەللىم بولاي دەپ، شۇ مەقسەت بىلەن ئوقۇغان.                                 
سوئال: سىز ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك ئۇستازىڭىزدەك بولۇش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كۆپ دۆلەتلەردە، كۆپ خىل مۇھىتتا ياشاپسىز ۋە ئۆگىنىش-تەتقىقات بىلەن  شۇغۇللىنىپسىز، ئۇنداقتا مۇشۇ جەرياندا سىزگە ئەڭ قىيىن تۇيۇلغان نەرسە قايسى؟
جاۋاب:بۇ جەرياندا ماڭا قىيىن تۇيۇلغان نەرسە يوق ئىدى، ئۆگىنىش-تەتقىقات ۋە تۇرمۇش جەھەتتىمۇ يوق ئىدى. چۈنكى مەن ھەرقانداق مەسلىگە بەك ئاكتىپ قارايتتىم، مەسلەن بىر دەرس ئۆتۈلسە مەن ھېچقاچان ئىمتىھاندىن ئۆتەلەمدىم ئۆتەلمەمدىم، دەپ غەم قىلىپ باققان ئەمەس. ئادەتتە كۈندە ئەتىگەن تۇرۇپ ئۆگىنىش، كەچتە ئۆزۈم پىلانلىغان ۋاقىتتا ئۇخلاش، ئۆزۈم پىلانلىغان ئىشلارنى قىلىش مېنىڭ ئادىتىم ئىدى، ھازىرغىچە مەن شۇ ئادەتلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. بىر دەرس ئۆتۈلسە شۇ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك تاپقىلى بولىدىغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ ئوقۇيتتىم، دەرسلىك كىتابلارنىلا كۆرۈپ مۇئەللىم نەدىن ئىمتىھان ئالار دەپ قىياس قىلىشنى ياخشى كۆرمەيتتىم. ئەينى چاغدا تىلشۇناسلىق دەرسىدىمۇ كۈتۈپخانىغا كىرىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ، ئالغىلى بولىدىغانلىرىنى سېتىۋېلىپ، ھەممىسىنى ناھايىتى پىششىق ئوقۇپ چىققانىدىم. خالىق نىياز مۇئەللىم ناھايىتى قىيىن سوئال چىقىرىپ «كۆپىنچىڭلار ئۆتەلمەيسىلەر، ئەڭ يۇقىرى ئالىدىغانلارمۇ 90 نومۇرنى ئاران ئالالايسىلەر» دېگەندە، مەن 40 مىنۇت ئىچىدە تۈگىتىپ تولۇق نومۇر ئالغان ئىدىم.
سوئال: سىزنىڭ ھازىر بىلىدىغان تىللىرىڭىزمۇ ناھايىتى كۆپ، تىل ئۆگىنىش جەريانىدىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچراپ باقمىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب:تىل ئۆگىنىش جەريانىدا ماڭا ئەڭ تەس كەلگىنى روس تىلى بولدى، روس تىلىنى مەن سەككىز يىل ئۆگەندىم، ھازىرغىچە تۈزۈك سۆزلىشەلمەيمەن، روسلار بىلەن ئۇچرىشىشىم بۇلتۇر سىبىرىيەگە بارغاندا ئاندىن مۇمكىن بولدى، ئۇنىڭغىچە روسلار ياشىغان مۇھىتقا بېرىش مۇمكىن بولمىغان ئىدى، دېمەك شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئىنتايىن قىيىن ئىش ئىكەن. مېنىڭ بىرىنچى ئۆگەنگەن چەتئەل تىلىم روس تىلى ئىدى، ئىنگلىز تىلىنى قانداق ئۆگىنىپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. دوكتورلۇق ئىمتىھان بەرگەندە، ئوخشاش بىر تىلدىن ئىمتىھان بېرىۋەرمەي دەپ ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىپ شۇنىڭدىن ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، قالغان تىللارنى ئۆگىنىش ماڭا ئاسان توختىدى. ياپون تىلىنى دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقاندا ئىككىنچى چەت ئەل تىلى قىلىپ ئۆگەندىم، كېيىن ياپونىيەگە بېرىپ تۇردۇم، ئاسانلا ئۆگىنىپ كەتتىم. ياپون تىلىنى ھازىر ئانا تىلىمغا ئوخشاش بولمىسىمۇ، خەنزۇ تىلىغا ئوخشاش سەۋىيەدە قوللىنىپ ماقالىلەرنى يازالايمەن. گېرمان تىلىمۇ شۇنداق بولدى، بەلكى تېخىمۇ ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن تەبئىيلا ئۆگەندىم. گېرمان تىلىنى مەن تۆت ئايلا ئۆگەنگەن، شۇنىڭغا تايىنىپ ھازىرغىچە گېرمانىيەدە ياشاپ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.
سوئال: ھازىر چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتنىڭ تەتقىقات يۈزلىنىشى، تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاب:چەتئەلدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان قوشۇن بار دېسە پەقەت قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىدىغان قوشۇن بار. ئۇ ئاساسلىقى گېرمانىيە، ياپونىيە، تۈركىيە مۇشۇ ئۈچ دۆلەتكە مەركەزلەشكەن. روسىيەدە يەنە بىر قىسىم تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار بار.
گېرمانىيەدە ئاساسلىقى 1902-يىلدىن 1914-يىلغىچە گېرمانىيەلىكلەر شىنجاڭنىڭ تۇرپان ۋە باشقا رايونلىرىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن يادىكارلىقلار ساقلانغان، شۇلارنى تەتقىق قىلىش مەقسىتى بىلەن مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. كۆپىنچىسى بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يەنى شۇ يەردە ساقلانغان يازما يادىكارلىقلارنى ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىپ،  شۇلارغا ئىزاھات بېرىپ، ئۇلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىيات، دىن مەسىلىلىرى، بەزى تارىخى مەسىلىلەر، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.
ياپونىيەدىكى تەتقىقاتمۇ ئوخشاش، چۈنكى ياپونىيەمۇ شىنجاڭ رايونى ۋە دۇنخۇاڭ رايونىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، نۇرغۇن ماتېرىيالنى ئېلىپ كەتكەن، شۇ ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇددىزمنىڭ ھىندىستاندىن شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگو ۋە ياپون ئاراللىرىغا تارقىلىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى.
تۈركىيەدىكى تەتقىقاتنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ تارىخى قاتارىدا ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ قەدىمكى ھالىتى قاتارىدا تونۇيدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە تەتقىقات ھەۋىسى، قىزغىنلىقى بار.
   سوئال: ھازىر فاكۇلتېتىمىزدا ۋە ياكى باشقا مەكتەپلەردە بولسۇن، مۇشۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. سىز ئۇزۇن مۇددەت چەتئەللەردە تۇرۇش، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغانلار قايسى نۇقتىلارغا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟
جاۋاب:مەن ھېس قىلغان نەرسە پەقەتلا ئىككى، بىرى چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم چەتئەل تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولسا، ئەڭ ئاز بولغاندا ئىنگلىز تىلىنى ناھايىتى پىششىق بىلسە، ئەگەر گېرمان تىلى، ياپون تىلى دېگەندەك تىللاردىن خەۋىرى بولسا تېخىمۇ ياخشى. چۈنكى، بىر چەتئەل تىلىنىمۇ پىششىق بىلمەي چەتئەلگە چىقسا ئۇ يەردە ئالىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ بولمايدۇ، ئاساسلىق يادىكارلىقلارنى، ئۇلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈشكىمۇ قابىلىيىتى يەتمەيدۇ، بۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ ھەتتا ئادەتتىكى تۇرمۇشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدىغان گەپ. بۇ ناھايىتى مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى. يەنە بىر ھېس قىلغىنىم، ئەڭ ئاددىيسى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن پۇختا بىلىمگە ئىگە بولسا، بۇ ئەلۋەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلسىمۇ، باشقا نەرسىنى تەتقىق قىلسىمۇ تەتقىقاتىغا بىۋاستە تەسر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن. بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ گەرچە ئانا تىلى ئۇيغۇر تىل بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ياخشى خەۋىرى بارلىرى ناھايىتى ئاز. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇركەن دەپ دەرس ئۆتكىلى كىرگۈزسىمۇ، دەرسنى جايلاپ ئۆتەلمەيدىغان ھەتتا تەلەپپۇزلىرىمۇ توغرا ئەمەس، ئادەتتىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىنىمۇ تۈزۈك ئۆگىتەلمەيدىغان بالىلار خېلى كۆپ. بۇ ياخشى ئەمەس. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا ئەڭ ئاز دېگەندە قازاقلارنىڭ تىلىنى، قازاقلار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىپ قويسا( بۇ ئىككىسى قارلۇق، قىپچاق ئىككى تىل گۇرۇپپىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تىل) تۈركىي تىللاردىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تىلنى بىلگەن بولىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ تۈرك تىلى ياكى بىرەر تىلنى ئۆگىنىش مۇمكىنچىلىكى بولسا ئۈچ مۇھىم تىلدىن خەۋىرى بولغان بولىدۇ ۋە ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن تۈركولوگىيەدە ئوقۇش بىرئاز ئاسانلىشىدۇ دەپ ئويلايمەن.
سوئال: تىل مەسىلىسىنى دەپ قالدىڭىز، ھازىر جەمىئيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ياكى ئىستىقبالى يوق دەپ قارايدىغان قاراشلار بار، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب:بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس، بۇ ئەڭ كەم دېگەندە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تىلى، ئۆزى سۆزلەۋاتقان تىل، ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئەدەبىياتنىڭ تىلى، بەلكىم بۇنى ئۆگىنىپ چىققاندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ياكى باشقا جەھەتلەردە مەلۇم تەسىرگە ئۇچرىشى، ئۇنداق قولاي بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ تونۇيمەن. چۈنكى  ھازىر شىنجاڭنىڭ قوش تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ تىلىنى پۇختا بىلمىگەن ئادەمنىڭ ئىككىنچى بىر تىلنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش تەس. چۈنكى، ئىككىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىش ئەڭ بۇرۇن بولغاندا يەسلىدىن باشلىنىدۇ، يەسلىگە بالا ئادەتتە ئۈچ-تۆت ياش ۋاقتىدا ئېلىنىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى چىقىپ بولغان بولىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تېخى ئۇيغۇر تىلى ئاساس قىلىنىدۇ، شۇڭا بالىلارغا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈش، ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان، ياخشى تەتقىق قىلىدىغان ئادەملەر بولمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر نۇرغۇن ژۇرناللار چىقىۋېتىپتۇ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاڭلىتىش ۋاقتىمۇ ئۈچ سائەتتىن ئالتە سائەتكە ئۇزارتىلىپتۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلار بولمىسا ئۇنى كىم ئاڭلىتىدۇ؟ دۆلەت ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، دۆلەتمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغانلارغا ئىھتىياجلىق، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ  ئىستىقبالى يوق دەپ قاراشنىڭ مېنىڭچە ئانچە ئاساسى يوق.  
   سوئال: ھەممىمىز سىزنى بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى دەپ تونۇيمىز، سىزنىڭچە بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى ئۆزىدە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك دەپ قارايسىز؟
جاۋاب:بۇنى مەن بىلمەيمەن، چۈنكى مەن ئۆزۈمنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم دەپ ئويلىمايمەن، ئىشقىلىپ  مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلدىم. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن، قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلىغان ئىشلارنى قىلدىم. مەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەممۇ ئەمەسمۇ ئۇنى ئۇقمايمەن، ماڭا نىسبەتەن ئۆزۈمنىڭ تۇيغۇسى ئادەتتىكىچىلا. چۈنكى، مەن ئىلىمنىڭ چېكى يوقلۇقىنى بىلىمەن. مەن جىق ئالىملارنى كۆردۈم، مەندىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدۇ. كۆپ نەرسە بىلىدىغان، چوڭ ئۇتۇق ياراتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن كەمتەر. شۇڭا، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، مەن ئۇتۇق قازانغان دەپ باشقىچە بولۇۋېلىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. مەن تېخى ئۆزۈمنى ئۆگەنمىگەن نەرسىلىرىم كۆپ دەپ ئويلايمەن.
سوئال: ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟
جاۋاب:مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنداق ئوقۇڭلار، مۇنداق ئوقۇڭلار دەپ نەسىھەت قىلىشنى خالىمايمەن، چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى، خاراكتېرى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرى، قىزىقىشلىرى بولىدۇ. ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن كەسىپنى قىلسا، شۇنىڭدا ئۇتۇق قازىنىشقا تىرىشسىلا بولىدىغان گەپ. تىرىشتىم دەپ ئەتتىگەن تۇرۇپ ئۆزى چارچاپ كەتسىمۇ، قىلغۇسى بولمىسىمۇ ئۆزىنى زورلاپ نەچچە سائەت كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۈنۈملۈك ئىش قىلىپ، ئوقۇغاندا ئوقۇپ، دەم ئالغاندا دەم ئېلىپ، ئوينايدىغاندا ئويناپ، ھەممىنى بىرلەشتۈرۈپ ماڭسا ئاندىن ئىجادچانلىق بىلەن پىكىر قىلالايدىغان، قانچىلىك ۋاقىت ئۆگەنسىمۇ، بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانسىمۇ چارچاپ قالمايدىغان، ئۇنىڭدىن زېرىكىپ قالمايدىغان بولىدۇ ۋە شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇتۇق قازىنالايدۇ.

     سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشتى. مۇئەللىم بىلەن رازىمەنلىك  ئىلكىدە خوشلاشتۇق. شۇنداق، ئىلىمنىڭ چېكى بولمايدۇ، ئەشۇ چەكسىزلىك ئىچىدىن ئۆزىمىز ياقتۇرغان، ئۆزىمىز قىزىققان بىلىملەرنى ياخشى ئۆگەنسەك ۋە ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزسەك، دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزىلى بىز بولۇشىمىز، مۇھىمى چەكلىك ھاياتىمىزنى ھەقىقىي مەناغا ئىگە قىلالىشىمىز مۇمكىن. بۇ قىسقىغىنە سۆھبىتىمىزنىڭ ساۋاقداشلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


زىيارەت ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە تەھرىرى: ئۆمەرجان ئىسمائىل ئارتۇچى (2006)

مەنبەسى: "سادا"ژۇرنىلى 7 - سانىدىن ئېلىندى.

چىقارغۇچى ئورۇن: مەزكىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى


مەنبە:شەۋقىي تورى






«ئاتاقلىق تىلشۇناس ئابدۇرېشىت ياقۇپ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى