ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلشۇناس پىرخۇيلان ھەققىدە

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:59:30 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلشۇناس پىرخۇيلان ھەققىدە

پىر خۇيلان(736-820-يىللىرى) تاڭ دەۋرىدەئۆتكەن مەشھۇر بۇددا دىنى مۇتەپەككۇرى، ئاتاقلىق مائارىپچى، تىلشۇناس، ئالىم، يازغۇچىبولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇرئەدىبلىرىئىچىدە نوپۇزلۇقىئورۇنغائىگە مەشھۇرتارىخىي شەخسلەرقاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغائېلىنىدۇ.

پىر خۇيلان(裴悲) مىلادى 736- يىلى قەشقەردە دۇنياغاكەلگەن بولۇپ، قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر(خەنزۇچەخاتىرىلەرگە裴دەپپۈتۈلگەن) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى.ئۇ ياشىغان دەۋردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەيۋەتلىك بىلىميۇرتلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىننىڭ گۈللەپ ياشنىشى قەشقەرنى ھەر قايسى ئەللەردىكى مەشھۇر بۇددا دىنىمەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ،غەربتىن شەرققەۋەشەرقتىن غەربكەتوختىمايئۆتۈپتۇرىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپەككۇرى ۋەئۇستازلىرىنىپېشۋابىلىپ ئۇلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلاتتى. بۇ دەۋردە يەنەسانسىزلىغان بۇددا مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملىرى يېتىشىپ چىقىپ قەشقەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككمۇ ئۆزتەسىرنى كۆرسەتكەنىدى. ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا يېتىشىپ چىققان پىر خۇيلانكىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالىي ئىبادەتخانلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىمتەھسىل قىلغان. بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېتىلمىلىقئۆگىنىشئۈچۈن تىل يېزىقئۆگىنىشكىمۇئالاھىدە  كۈچسەرپقىلىپ، ئۆز ئىقتىدارنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. نەتىجىدە ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە بۇدداكىتابلىرىنىڭئەڭ قابىلشەرھلىگۈچىسى، بۇ جەھەتتە ئۇ ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم سۈپىتىدە زور شۆھرەت قازانغان.

پىرخۇيلاننىڭ قەشقەردىن ئايرىلىپ چاڭئەندە تۇرۇپقېلىشىغا قەشقەردە بۇددىمىزنىڭ ئاجىزلاپ ئىسلام دىننىڭ ئومۇملىشىشىسەۋەببولغان.پىرخۇيلان يەنە قەشقەردە تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام دىننىڭ تەسىردىن قورقۇپچاڭئەنگە بېرىۋالغانىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي چاڭئەندە «پېشۋائالىم» دېگەن شانى شاۋكەتلىكنامغا ۋە  كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇ چاڭئەندە يىگىرمە يىل قان تەر ئاققۇزۇپ «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» («一切经音义»)ناملىق يۈز تومدىن ئاشىدىغان زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىغان. ئۇ چاڭئەندىكى شىمىڭ ئىبادەتخانىسى(西明寺) دا 52 يېشىدا (مىلادى 788- يىلى) بۇ بۈيۈك بۇددا قامۇسىنى يېزىشقا كىرىشىپ 74 يېشىدا (801- يىلى)تاماملىغان.

ئالىم «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىققامۇسىنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىننىڭ ئەڭ كاتتا نومى - چوڭ يوللۇقلار ماھايانا(Mahayana) مەزھىپىنىڭ ئەڭ تۈپ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل – پاراسەت ئارقىلىقراھەت – پاراغەت دۇنياسىغا يېتىپ بېرىش ھەققىدىكى «ماھابخاراژانا پارامىتاسۇترا»(Mahaprajna Paramita Sutra) دىن باشلاپ،بۇددىزمنىڭپاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى تەرغىبقىلىدىغان ۋە بۇددا دىنىنى جان تىكىپ قوغدىغۇچى«护命法» سۇتراسىدائاخىرلاشتۇرغان. ئالىمنىڭ بۇ ئەسەردە ئىزاھلىغان ۋە شەرھلىگەن نوملار جەمئىي 5480 جىلدبولۇپ، بۇ قامۇس خاراكتېرلىك يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى، مۇتەپەككۇرلىرى ۋەتەرجىمشۇناسلىرى قولدىن قولغا ئېلىپدەرسلىك، لېكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالىسى(1644-1911- يىللىرى) نىڭئاخىرغىچە سانسىزلىغانكىشىلەرئەرتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئوقۇپكەلگەن.

ئالىمنىڭ «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى»ناملىق ئەسىرى بۇددا نوملىرىنى ئوقۇش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىقنۇقتىنەزىرى بىلەنچۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋە بۇددا ئەقىدىلىرىنى شەرھلەيدىغان دىنى دەستۇر بولۇپلاقالماستىن بەلكى ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئېتنىگىرافيىسىگە دائىر مۇھىممەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇنى تىل – ئەدەبىيات، پەلسەپە، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات- سەنئەتقاتارلىقلارغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگەدەرسلىككىتابدېيىشكە بولىدۇ. بۇ كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكىتۇرمۇش، ئۆرۈپ ئادەتلەر ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن.

پىرخۇيلانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى، تۇرمۇش ئۆرۈپ – ئادەتلىرى، پولۇ،شورپىلىرىغا ئوخشاش تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىكماتېرىيالبىلەن تەمىنلەيدۇ.مەسىلەن: ئۇ « بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىقئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋردىكى دراما خاراكتېرىدىكى ئۇينى – سۇ – مۇز ئۇينىتوغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «سۇ–مۇز غەربىي يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزىقچىلىقتۈسىنى ئالغان ئۇينى بولۇپ، سامۇز دەپ ئاتىلاتتى. بۇئويۇن كۈسەنئېلىدىنتارقالغان. ئۇنىڭ ئۆز نەغمىسى ھېلىمۇ بار. بۇ قۇنتۇز، چۈمپەر، باتۇر ئۇينلىرىدەكيىرتقۇچسۈرەتلىكيا بولمىسا جىن ئەرۋاھلار سۆرتىدەنىقابتاقاپ ئوينىلىدۇ ۋە ياكىئۆتكەن كىشىگە لاي، سۇ چېچىپ ياكى قۇلىدا سالما ئىلمەك تۇتۇپ ئۆتكەن كىشىنى تۇتۇپقىزىقچىلىق قىلىدۇ. ھەر يىلى 1- ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ 7 كۈن داۋام قىلىدۇ. ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتتە بۇ خىلئويۇنخەلققە ئاپەت سالىدىغان جىن- شاياتۇنلارنى قوغلاشئويۇنىدەپ قارىلىدۇ....» دەپ يازغان.

ئالىمنىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى»ناملىق ئەسىرنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ كۈچۈرۋېلىشنىئىلتىماس قىلغاندا، تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىتەرىپىدىنئۇلارنىڭتەلىپىرەت قىلىنغان. كىيىن سۇڭ سۇلالىسىدەۋرىگە كەلگەندە كورىيلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرۋالغانداسۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كۈچۈرۋېلىشقاقوشۇلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋردەياپونلۇقلاركېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن. ئەسەرنىڭ پەيدىن-پەي شەرق ئەللىرىگە كۆچۈرۈلمە نۇسخىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، پىرخۇيلاننىڭ بۈيۈك نامى ئەنە شۇ ئەللەرگىمۇ تارقالغان.

 مىلادى 1737- يىلى(چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ 2- يىلى) پىرخۇيلاننىڭ بارلىقئەسەرلىرىتولۇقبېسىلىپ ئېلان قىلىنغان. 1880- يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچئويما نۇسخىسىنىياپونىيىدىنئالدۇرۇپ كېلىپ رەسمىي كۆپەيتىپ بېسىپتارقاتقان.

ئالىم پىرخۇيلان ئۆز دەۋرىدە ئانا تىلىدىن باشقا مودىغا ئايلانغان ئەنەتكەك (سانسكرىت) تىلىنى،جۇڭگو(خەنزۇ) نىڭ ئەدەبىي تىلىنى ۋەباشقا تىللارنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ ئىلىمىزنىڭقەدىمكىبارلىق خاتىرىلىرىنى ناھايىتى پىششىق ئۈگۈنۈپ چىققان. نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىتەربىيىلەپيېتىشتۈرگەن.



«بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلشۇناس پىرخۇيلان ھەققىدە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى