سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> تەتقىقات >> تۆھپىكارلىرىمىز

مەمتىمىن مەتروزى(ئەليار) ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

تۈر : تۆھپىكارلىرىمىز | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-08-05 18:26:21 | كۆرۇلىشى :

مەمتىمىن مەتروزى(ئەليار) ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

 

(بۇ تېما ئىنتىل تور بىتىدىن ئېلىندى)


سۇئال: ئۆزىڭىز توغرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

  جاۋاب: ئىسمىم مەمتىمىن مەتروزى (تەھرىردىن: رەسىمدىكى ئوتتۇرىدىكى كىشى Alyar ئەپەندىم بولىدۇ)، تەخەللۇسۇم ۋە توردىكى نامىم ئەليار (Alyar). شىنجاڭ چىرا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ستاتىستىكا خىزمىتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. 1970-يىلى 3-ئايدا چىرا ناھىيىسىنىڭ دامىكۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان، بۇ يىل 35 ياش.

1991-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 11 يىل تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتاش دامىكۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدىم.
1998-يىلى يېزىمىزغا توك ۋە تېلېفون بىراقلا يېتىپ كەلدى، مەن 6 مىڭ يۈئەن قەرز ئېلىپ CPU سى 166 mhz, ئىچكى ساقلىغۇچى 16 mb لىق، قاتتىق دېسكىسى 800 mbلىق بىر دانە 586 تىپلىق كومپيۇتېردىن بىرنى سېتىۋالدىم. (بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپيۇتېر ئىدى) كومپيۇتېرىمغا يېڭىدىن چىققان Windows98 مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىدىم. بۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى Dos زامانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن زېرەك دوستلىرىمىز ھېس قىلالايدۇ، بۇنى بىز ئۇيغۇر تىلىدا ئارزۇيىغا يېتىش دەپ ئىزاھلىساق كېرەك.
شۇنداق قىلىپ مەن Udos نى، Win3.2نى ۋە ئۇيغۇرچە Win3.2نى، Windows95ni ،Uwindows95نى، بوغدا ئۇيغۇرچە يېزىق سېستىمىسى، بېيدا فاڭجىڭ نابور سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم.
1998-يىلى قىشتا ئىنىم ياسىن ئۈرۈمچىدىن سېتىۋېلىپ كەلگەن 6 دانە 486 تىپلىق كومپيۇتېر ۋە ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرىنى بىرلەشتۈرۈپ دامىكۇ ۋە گۇلاخما يېزىسىدىكى ھەۋەسكار دوستلىرىمدىن 18 نەپىرىگە كۇرس ئاچتىم.1999-يىلى يازلىق تەتىلدە ناھىيىمىزگە كېلىپ 15 دانە كومپيۇتېر بىلەن ناھىيىمىزدە كۇرس ئېچىپ 48 نەپەر ئادەم تەربىيەلىدىم.1999-يىلى كۈزدە 3 ئاكا-ئۇكا بىرلىشىپ چىرا ناھىيىسىدە "يېڭى ئەسىر كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى"نى قۇرۇپ چىقتۇق. 2000-يىلى ھەر دەم ئېلىش كۈنى 30 كىلومېتىر يولنى بېسىپ ناھىيىمىزگە كېلىپ 8 نەپەر دوستىمىزغا visual basic تىن كۇرس ئاچتىم، 2001-يىلى ستاتىستىكا ئىشلىرىنى كومپيۇتېردا ئىشلەش سىياسىتىدە يېزىدىن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە يۆتكەلدىم. 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە مۇلازىمەت مەركىزىمىز كۈندىن كۈنگە روناق تاپتى. 2004-يىلى 5-ئايدا ئىدارە باشلىقىنى ماقۇل كەلتۈرۈپ ئىشخانامدىكى كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلىدىم، 2004-يىلى 8-ئايدا ئۆيدىكى كومپيۇتېرىمنى تورغا ئۇلىدىم ۋە  http://www.yengiesir.com/  تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقتىم. دەسلەپتە ئىزدىنىش مۇنبىرى بىلەن، ئاندىن بىلىك كۇلۇبى بىلەن، ئاندىن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن تونۇشتۇم. مەندىكى كومپيۇتېر ئىشلىرىغا بولغان ئىشتىياق خەلقىمىز ئۈچۈن شام كەبى مېھنەت قىلىۋاتقان بۇ جەمئىيەت ئەتراپىدىكى ئوت يۈرەك دوستلار ۋە ئۇستازلار بىلەن تونۇشۇش ، سىردىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، مەن 2004-يىلى 12-ئايدا توردا ئېچىلغان ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ شۇ ۋاقىتتىكى رەئىس ۋارىس ئابدۇكېرىم جانبازنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقاتچىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىمەن.


خەتكۇچ : مەمتىمىن مەتروزى ئەليار سۆھبەت
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار