سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> تەتقىقات >> تۆھپىكارلىرىمىز

تۆھپىكار غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

تۈر : تۆھپىكارلىرىمىز | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-08-05 18:16:44 | كۆرۇلىشى :

تۆھپىكار غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

 

(بۇ تېما ئىنتىل تور بىتىدىن ئېلىندى)


1.سۇئال :ئۆزىڭىز توغرىسىدا تونۇشلۇق بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئاۋال ئۆزۈم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي، ئىسمىم غەيرەت توختى كەنجى ھازىر ياپونىيىنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى ياماتو شەھىرىدە ئايالىم، ئوغلۇم، قىزىم بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتىمەن. ئەركىن ئىنجىنېر سۈپىتىدە توكيودىكى بىر يۇمشاق ماتېرىيال شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ئىشلەۋاتىمەن.
مەن باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىنى تۈگەتكىچە ساجىڭزا مىللىي مەيدان مەكتىپىدە ئوقۇدۇم. دادامنىڭ خىزمىتىنىڭ يۆتكىلىش سەۋەبىدىن كېيىنكى ئوقۇشۇمنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە داۋاملاشتۇرۇپ، 1984-يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. 1989-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. 1992-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىغا يۆتكىلىپ چىقىپ بۇ يەردە 1997-يىلغىچە ئىشلىدىم.
1998-يىلى 1-ئايدا ياپونىيەگە ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇشقا كېلىپ، كاناگاۋا سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىدا بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇدۇم. مەكتەپ بۇرۇنقى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ بىۋاسىتە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلدى. 1999-يىلى 4-ئايدا رەسمىي ئوقۇشقا كىرىپ كومپيۇتېردا سۈرەت تونۇشقا دائىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇشۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. 2002-يىلى 4-ئايدا مەكتەپتىن ئايرىلىپ، باشتا دەپ ئۆتكەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇۋاتىمەن.

2. UKIJ نى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە نېمىلەر سەۋەب بولدى؟

مەن 2003-يىلى يىل بېشىدىن تارتىپ، بۇرۇن قىلىپ تارقاتقان، لېكىن داۋاملىق ياخشىلاشقا پۇرسەت بولماي تاشلاپ قويغان «UighurEdit»نى قايتىدىن باشلىدىم، ھەم ئۇنىڭ نامىنى «ئۇيغۇرئېدىت»قا ئۆزگەرتتىم. شۇ يىلى 8-ئايدا ئۇنىڭ تۇنجى نەشرىنى تارقاتتىم. مەن بۇنى ئىشلەش جەريانىدا كود مەسىلىسى جىق بېشىمنى قاتۇردى. (كود مەسىلىسى 1991-يىلى uhk213 سىستېمىسىنى ئىشلىگەندىمۇ جىق بېشىمنى قاتۇرغان مەسىلە ئىدى.) سەۋەبى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىرەر كود سىستېمىسى يوق ئىدى. ئاخىرى Unicode نى تاللىدىم. چۈنكى ھازىرقى كومپيۇتېر تورلاشقان ۋەزىيەتتە Unicode نى ئىشلىتىش بەكمۇ زۆرۈر ئىدى. بىراق، بۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش، باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش بەكمۇ زۆرۈر، لېكىن جاپالىق ئىش ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك دېگەننى ئويلاپ يۈرگەن مۇشۇنداق چاغدا، ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىنىڭ UKIJ قۇرۇش، بۇ ئارقىلىق Unicode تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، كود قالايمىقانچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ دەل مەن ئىزدەۋاتقان جەمئىيەت ئىدى.
UKIJنى قوللاشقا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئىش، UKIJ بىر خالىس جەمئىيەت، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇشنى ئويلاۋاتقان بارلىق ئادەملەرنىڭ ماكانى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭلاشقا بۇ جەمئىيەتكە ئۇيۇشۇپ، مىللىتىمىزنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئىشلىرىنى قوللاش، ئومۇملاشتۇرۇش ھەم يۈكسەلدۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە جەمئىيەتنى قوللىدىم، ھەم جەمئىيەت ئارقىلىق كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىشلىگەن بىر قىسىم ئىشلىرىمنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭمۇ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم.
UKIJ ئۆزىنىڭ تور بېتى ئارقىلىق پەقەتلا Unicode نى تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشقا قىزىقىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مەيدانىغا ئايلاندى. ئۇ ئەمدى ئىككى ياشقا كىردى. ئىشەنچىم كامىلكى ئۇ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىدا يېتەكچى، غايەت زور ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە جەمئىيەتكە ئايلىنىدۇ.

كومپيۇتېر ساھەسىدە قىلغان ئىشلىرىم:
1. 1991-يىلى Microfost نىڭ MS-DOS ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن، خەنزۇچە بىر تەرەپ قىلىدىغان 2.13 سىستېمىسى ئاساسىدا، UHKC-213 ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، خەنزۇچە كوپ تىل يېزىقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتىم. بۇنى 1993-يىلغىچە ھەر خىل ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردىم. خېلى نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلىتىلدى.
2. 1995-يىلى «كومپيۇتېر مەشغۇلات قوللانمىسى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇردۇم.
3. 2003-يىلى ھەرخىل يېزىقتىكى Windows مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە تەھرىرلەش دېتالى «Uyghuredit» نى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتتىم. ھەم ئۇنىڭغا 860 مىڭ سۆزلۈكنى ئوز-ئىچىگە ئالغان «كەنجى كوررېكتور» نى قوشتۇم. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلدىكى تۈپ سۆزلەرنى تۈرلەيدىغان پروگراممىنى ئىشلەپ 860 مىڭ سۆزنى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىنى ھاسىل قىلدۇردۇم.
4. 2008-يىلدىن باشلاپ ئىنتېرنېتتىكى پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق. بۇ قۇرۇلۇش بىر مەزگىل توختاپ قېلىپ، 2010-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ يەنە قايتا ئىش باشلاپ ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتىمىز. ئەگەر تەرجىمە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانسا، Linux نى ئاساس قىلغان نۇرغۇن سىستېمىلارنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھالەتتە ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلىدۇ. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق قىلىۋاتقىنىم مۇشۇ تەرجىمە قۇرۇلۇشى.


خەتكۇچ : تۆھپىكار غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى سۆھبەت
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار